مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1176|ئىنكاس: 12

يانفۇن ئويناشنىڭ راستىنلا پايدىسى يوقمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 12:07:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                     يانفۇن ئويناشنىڭ راستىنلا پايدىسى يوقمۇ؟
                                                                 ئەمەت ئىسھاق
  

        يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىن بۇيان، يانفۇننىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا بىرخىل مودا ۋە سۆلەتنىڭ مۇھىم بەلگىسى سۈپىتىدە قارىلىشى، بولۇپمۇ ئۈندىدار ئىشلىتىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە  ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئوخشىمىغان ياشتىكىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان  زىيىنىمۇ ئاز بولمىدى. بۇ ھەقتە تۈرلۈك تاراتقۇلاردا خېلى كۆپ ماقالىلەر، تەشۋىقات ئېلانلىرى يېزىلدى، تارقىتىلدى، شۇنداقلا بۇ خىزمەتلەر داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۈندىلىك خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە باشقا پائالىيەتلەردە يانفۇن ئويناشقا ئادەتلىنىپ، ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالغان مەلۇم ساندىكى ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە چۈشەنچىسىدە  ئاز-تولا چۈچۈش، ئەندىشە ۋە بۇرۇلۇشلارمۇ بولدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تېخى ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان، خاراكتىرى خام، قېنى قىزىق، ھاياجانلىق تۇيغۇلارغا باي، يېڭى شەيئىلەرنى تېز قوبۇل قىلىدىغان ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەسىرى تېخىمۇ زور بۇلىۋاتىدۇ. ھازىر بىرقىسىم تەھلىلچىلەر يانفۇن ئويناشنى خىروئىندىن قالسىلا ئىككىلەمچى دەرىجىدىكى زەھەرگە ئوخشاش ئىنسانلارغا تىراگىدىيەلىك يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ قارىماقتا.
        ئۇنداقتا يانفۇن ئويناشنىڭ ھەقىقەتەن پايدىسى يوقمۇ؟ مىنىڭچە، بۇ سۇئالغا پايدىسى يوق دەپ جاۋاب بەرسەك سەل يىنىكلىك قىلغان بولىمىز. چۈنكى تەبىئەتتىكى ھەرقانداق شەيئىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى خىل تەرىپى، قارىمۇ-قارشىلىققا ئىگە ئىككى يۈزى ۋە زىددىيەتلىك تەرەپلىرى بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەقىللىق كىشىلەر تەرىپىدىن يارىتىلغان كەشپىيات ۋە بۇيۇملار  ئىنسانلار توپى تەرىپىدىن توغرا، ئىلمىي يۇسۇندا ئىستىمال قىلىنسا، ئۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن قۇلايلىق، شادلىق ۋە خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەكسىچە، ئادەملەر ئۆزى ئىختىرا قىلغان شەيئىلەردىن ئىلمىي پايدىلىنىشنى بىلمەي، ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە بېرىلىپ، ئۇنىڭ قۇلى ۋە ئۇيۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالىدىكەن، ئۆز-ئۆزىنى ھالاكەتكە ئېلىپ بېرىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن تەھلىل قىلغاندا، يانفۇن ئىشلىتىشمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنى ئىلمىي ئىشلىتىشنى بىلگەنلەربىلەن ئۇنىڭغا مەپتۇن، خۇمار بولغانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان نەتىجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. يانفۇننىڭ بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بىرقەدەر چوڭ بولسىمۇ، ياشلار بىلەن ئوتتۇرا ياشلىقلار مەلۇم چەك ۋە ۋاقىت دائىرىسىدە يانفۇن ئوينىسا، ئۇنىڭ زىيىنى يوق دەپ قارايمەن. چۈنكى، قورامىغا يەتكەنلەر يانفۇن ئويناشنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە جەھەتتىكى پايدىسىنى كۆرۈۋاتىدۇ:
        1-يانفۇندا تۈرلۈك ئۇيۇنلارنى ئويناش، پاراڭلىشىش، پىكىرلىشىش، ئەسەر ئوقۇش قاتارلىق  مەشغۇلاتلار كىشىلەرنىڭ ئالدىراشچىلىق، جىددىي تۇرمۇش رىتىمىدا پەيدابولغان روھى ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىدا، زىرىكىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلىرىدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ.
        2-يانفۇننىڭ ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق كىشىلەر تېز ئالاقە، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ۋاقىت ۋە يانفۇن ھەققىنى تېجەش قاتارلىق ئىشلاردا ئاز بولمىغان ياخشى ئۈنۈملەرگە ئېرىشىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ سىمسىز تور ئالاقىسىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئۈنۈمى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولماقتا.
        3- ئادەتتە كىتاب، گېزىتكە ئوخشاش مەتبۇئات بۇيۇملىرىنى كۆرمەيدىغان ياكى ئۇلارنى كۆرۈشكە شارائېتى، ۋاقتى يوق كىشىلەر يانفۇن ۋاستىسى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى خەۋەر، تۈرلۈك ساۋاتلار، پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى، ئەدەبىي ئەسەرلەر، تارىخىي بىلىملەر، ئىبرەتلىك ھىكايە ۋە ھىكمەتلەردىن خەۋەردار بۇلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ بىلىمىنى موللاشتۇرۇۋاتىدۇ.
        يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ھەممىمىز يانفۇن ئىشلىتىش، ئۇنى ئۇيۇنچۇق قاتارىدا تولا ئويناشتەك مەسىلىلەرگە كەڭ دائىرىدە ئەتراپلىق تەھلىل قىلىپ ئىلمىي نەزەردە قارايلى. شۇنداقلا يانفۇنغا توغرا ئىستىمال قارىشى  ۋە پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلايلى.
                                                     مەنبە: 10-يانۋاردىكى "شىنخۇا يانفۇن گېزىتى"
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خانقورا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 12:48 AM  


ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1583
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10838
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 01:10:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرلا ئېغىز گەپ........   ھەرقانداق نەرسىنى  قانداق ئىشلىتىشنى بىلگەندە ئاندىن ئۆنىمى بۇلىدۇ....  قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىگەندە ئۇنى پايدىسىز دەپ بىلىدۇ.......


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25090
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7851
تۆھپە نۇمۇرى: 1117
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 02:32:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يانفۇننى «ئويناش»دېگەن قانداق گەپ ؟   ئەمەت ئىسھاق...........

"ئويناش"؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilim-pen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-11 02:33 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111417
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 04:21:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 01:10 AM
بىرلا ئېغىز گەپ........   ھەرقانداق نەرسىنى  قانداق ئىشلىت ...

توغرا دەيسىز ئەلى مۇئەللىم دىدىغۇ پالتا   ئەسلى قاتىللق قورالى ئەمەس لىكىن ئادەم چانىسا قاتىللىق قورالىغا ئايلىنىدۇ  دەپ بەزەن  نەرسلەنى قانداق ئىشلىتشىتە

بۇ  تىمىمۇ بوپ  قاپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98027
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1243
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 319 سائەت
تىزىم: 2013-9-20
ئاخىرقى: 2015-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 09:03:36 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىيما ئىنتايىن ياخشى يېزىلىپتۇ.
يانفۇننى ئۇيۇنچۇقلا قىلىۋالماي مۇنبەر كۈرۈپ كىتاپ ئۇقۇپ نەزەر دائىرىمىزنى تېخىمۇ كىڭەيىدىغان ئىشنى قىلايلى!

ئاللاھتىن قورقمايدىغانلاردىن بىزمۇ قورقمايمىز!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111234
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 431
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2014-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 11:21:00 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2015-1-11 01:10 AM
بىرلا ئېغىز گەپ........   ھەرقانداق نەرسىنى  قانداق ئىشلىت ...

توغرا

باشقىلارنى ئۆزگەرتىشتىن ئ‍اۋال ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111234
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 431
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2014-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 11:22:34 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لېكىنزە ئ‍ادەمنىڭ ۋاقتىنى ئ‍الامەت ئ‍ىسراپ قىلىۋاتىدۇ دىسە

باشقىلارنى ئۆزگەرتىشتىن ئ‍اۋال ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110796
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-11-10
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 01:57:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ يانفوندا ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109415
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2014-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-11 02:15:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىسقىسى  بۇ  ئۆزىمىزدىكى  مەسىلە  ئاددىي قىپ ئېتقاندا  ماڭا تىلفۇن  بولمىسا  زادى  ساراڭ  بولماسمەن  ئەمما باشقىسىغا بىرنەرسە دىيىش  تەس.
چۇنكى  مىنىڭ تۇرۋاتقان  ئورنۇم بىر قەدەر چەت  رايۇن بولغاچقا بۇ  ئەڭ ياخشى جاھان يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇش قۇرالىم ۋە بىلىم  ئىېلىش قورالىم

ھەقىقەت ئېگىلەر سۇنماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111418
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 85
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-12-4
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-12 12:25:35 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانداق ئىشلىتىشكە باغلىق،   مەسىلەن   دەپ   كەلسەك   ئېغىزنىڭمۇ  يامان   تەرىپى   بار   بولمىسا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش