يارىتايلى بىز ئىجاد كەشپىيات
رۇستەم قاراسۇ
قەدىر-قىممەتنى يۇقۇتۇپ قويدۇق،
ئەيشى-ئىشرەتنىڭ ئۇخلاپ باغرىدا.
ئۇنتۇلغان ئىتقاد ئۇنتۇلغان ئارمان،
بىز تېخىچە شۇ سۇناي ناغرىدا.
ئەركەكلەر زەيىپ ۋىجدانىدا دەز،
كەيىپ-ساپانىڭ بولدى خۇمارى.
قىزلار قوغلاشتى سۈنئى گۈزەللىك،
دام-دام ئۈچۈندۇر ئاسقان تۇمارى.
كۆز يۇمۇپ بولماس بۇ رىئاللىققا،
قارىغان بىلەن گۇمان نەزرىدە.
ئەجدادلار بۈيۈك مىسالى مەھمۇد،
نەسلىمىز ئېسىل ئىدى ئەسلىدە.
مەرىپەت سۆيۈپ ئالمىساق بىلىم،
سۆز ئاچماق تەستۇر گۈزەل ئەتىدىن.
يارىتايلى بىز ئىجاد-كەشپىيات،
ماختىنىپ يۈرمەي چالغان پەدىدىن.
رۇستەم قاراسۇ ئالاتاۋدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-10 07:53 PM