ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ئۇچۇرلىشىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ بىلوگ ئۇقۇمى بىزدىمۇ خېلى ئومۇملىشىپ قالدى. بۇنىڭ دەلىلى بولغان بلوگلاردىن
ئالىم ئەھەت بىلوگى،
تورخۇمار بىلوگى،
ئەي بالامبىلوگىقاتارلىقلار بار .
نەق گەپكە كەلسەك بۇ يىلنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى بولۇشى ھەممىمىزنى چەكسىز سۆيۈندۈرىدۇ .سۇبات شىركىتىمىز IT ئۇچۇر -تېخنىكا شىركىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىتاب ئوقۇش يىلىغا يېڭىچە مەنا قوشۇشنى ئۆزىنىڭ خۇشاللىقى ۋە بۇرچى دەپ بىلىدۇ .شۇ مۇناسىۋەت بىلەن كىتابخۇمار دوستلارغا ھەقسىز بىلوگ ئېچىپ بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بارماقچىمىز !
بىز بىلوگچىلىققا قىزىقىدىغان شۇنداقلا كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسىنى دوسلار بىلەن ھەمبەھىرلەشنى خالايدىغان ئون شەخسنى تاللاپ ،ئۇلارغا تېخنىكا ،مۇلازىمەت ۋە تور بوشلۇقنى شىركىتىمىزدىن پۈتۈنلەي ھەقسىز تەمىنلەپ بىلوگ ئېچىپ بېرىمىز .ئەلۋەتتە مۇلازىمىتىرنىڭ سۈپىتىمۇ ئىنتايىن ياخشى .(ئەسكەرتىش :تور نامىنى ئەزىزلەر ئۆزلىرى تەييارلىسىمۇ بۇلىدۇ مەسىلەن bahadir.com ۋە ياكى palani.subat.cn شەكىلدە بولسىمۇ بولىدۇ )
پائالىيەت قىسقىچە جەريانى:
بىلوگ قۇرماقچى بولغانلار بىز قالدۇغان ئىلخەتكە ئۆزىنىڭ بىلوگ قۇرۇش پىلانىنى يوللىسا،بىرىنچى تۈركۈمدە بىز ئالدىنقى 20 شەخىسنى تاللايمىز ھەمدە بىلوگ قۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن 10 شەخىسكە ھەقسىز بىلوگ قۇرۇپ بېرىمىز.
ئلخەت :
2015@subat.cn
مۇلازىمەت ئۈندىدار : tashjan
ئېھتىرام بىلەن خاڭجۇ سۇبات تور تېخنىكا شىركىتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gheni83 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-10 05:48 PM