كۆنگىنى قىززىق
دۇنيادا ئاشۇنداق بەندىلەرمۇ بار،
ئاشۇنداق غاجايدۇ بىرى-بىرىنى.
بەندىلەرمۇ خۇماركەن ئەسلى يالغانغا،
بار تۇرۇپ يۇشۇرار كۆڭۈل كىرىنى.
كىشىلەر ئۆزىگە تاپالماي نىشان،
ئۆزىگە مەجبۇرى تاڭار يالغاننى.
تاپالماي يۈرسىمۇ دەردىگە-دەۋا،
نىشاندىن كۈتىدۇ بۈيۈك ئارماننى.
ماڭغانلار ياتقاننى،كۆزگە ئىلمايدۇ،
ياتقانغا ئۆزىچە پىچىپ پەتىۋا.
كۆزىگە كۆرۈنمەس ئاجىزلار توپى،
ئىلمايدۇ كەلگۈسى كۆرۈنگەچ غۇۋا.
ھەممىنى ئۆزىدىن چاغلاپ تۈۋەندە،
ئۆزىدىن كۆرىدۇ ياخشى-ياماننى.
چاغلىسا ئۆزىنى ئاسماندىكى تاغ،
تۈۋەندە ئويلايدۇ پۈتكۈل زاماننى.
بارچىمىز تۇپراقتىن يارالغان ئىنسان،
تۇپراقتىن ئىزدەيلى،دەرتكە-دەۋانى.
يارالغان ھەممىگە يەتكۈدەك رىزىق،
ئىنسان بۇدۇنيانىڭ تويماس مېھمانى.
ياخشىنى - يامانغا قىلىدۇ سايە،
يامانغا يانتاياق بولغىنى ئىنىق.
قىلىدۇ ھەتتاكى قاغىنى،بۇلبۇل،
سايەڭمۇ سىنىڭدەك كۆنگىنى قىززىق.
بولدى بەس
سۆيگۈنۈم راس،سۈيۈلمىكىم تەس،
ھەرقەدەمدە باستى مىنى نەس،
ئەقىدەم چىن يالغاندىن ئەمەس،
قىينىمىغىن ئەمدى بولدى بەس.
تۇرغان بولساڭ مىنىڭ يېنىمدا،
گۈل سىزاتتىم قىزىل قېنىمدا،
دەردىم تولا ئاشىق جېنىمدا،
قىينىمىغىن ئەمدى بولدى بەس.
خوش بۇلامسەن ئوتۇڭدا كۆيسەم،
رازىمۇ سەن ھەممىگە كۆنسەم،
يىغلىمامسەن دەردىڭدە ئۆلسەم،
قىينىمىغىن ئەمدى بولدى بەس.
ئاشىقلىق شۇ ئايرىلىپ ئۆتۈش،
كىچىش ئەمەس ئۆلگىچە كۈتۈش،
لېكىن تەسكەن ئازابنى يۈتۈش،
قىينىمىغىن ئەمدى بولدى بەس.
سۆيگۈ
سۆيگۈ-مۇھاببەت بۇلاققا ئوخشاش،
يوقتۇر ئۇنۇڭدا ھالسىراش ،توختاش.
ئادەملەر قانچە قېرىپ كەتسىمۇ،
سۆيگۈ قېرىماي ياشايدۇ-ياپياش.
سۆيگۈ ياشايدۇ كۆيگەن يۈرەكتە،
كۆيۈپ يىتىمىز ئارزۇ - تىلەككە.
مەيلى قانچىلىك يىللار ئۆتسىمۇ،
ئۇنىڭ لەززىتى ساقلىنار ئەستە.
سۆيگۈدە ياشار ئىنسان يۈرىكى،
سۆيگۈسىز دىلنىڭ يوقتۇر كىرىكى.
قەلبىدە قىلچە سۆيگۈسى يوقلار،
كىتەر دۇنيادىن تۇغۇلغان پېتى.
ئازراق بولسىمۇ كۆڭلىڭدىكى نۇر،
نۇرسىز قالغان دۇنيارىڭنى ئۇر.
ياشناپ تۇرسىلا سۆيگۈ-مۇھاببەت،
ھامان بەختىڭدىن بېرىدۇ ئۇچۇر.
شىئېرغا تەبىر
شىئېر ئەسلى دىلنىڭ تارىسى،
سۆيگۈ بىلەن يېقىن ئارىسى.
بىر قىسمەتلەر دىلنى ئەزگەندە،
شىئېر بىلەن ساقىيار يارىسى.
ھەق-ئادالەت ئۇنىڭ مەنىسى،
ئۇتى باردۇر يوق پەرۋانىسى.
چىن يۈرەكتىن چىقسا يازغىنىڭ،
كۈتكەن كۈنۈڭ قالمايدۇ نىسى.
شىئېردا بار قاشنىڭ قارىسى،
ھەم كۆڭۈلنى ئەزگەي غايىسى.
كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلگە يېقىن،
چۈنكى دىلغا چۈشكەچ سايىسى.
مەنبە-قاراقاش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-10 12:43 PM