دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى‹‹2010-2011-يىللىق دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى رىقابەت كۈچى دوكلاتى››نى ئىلان قىلدى.دوكلاتتا تەرەققى قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت جۇڭگو داۋاملىق ئىلگىرلەپ ئىككى ئۇرۇن ئالدىغا ئۈتۈپ 27-ئۇرۇندا تۇرغان.
دوكلاتتا جۇڭگو ۋە ئاسىيادى بىر نەچچە ئىقتىسادى گەۋدىنىڭ رىقابەت كۈچى داۋاملىق ئاشقان.ئامىرىكىنىڭ ئورنى ئىككى ئۇرۇن تۈۋەنلەپ 4-ئۇرۇندا تۇرغان.بۇ دوكلاتقا كىرگۈزۈلگەن 139 دۆلەت ئىچىدە ئاسىيادىكى بىر نەچچە تەرەققى قىلغان ۋە تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر رىقابەت كۈچى جەھەتتە ياىشى نەتىجىگە ئىرىشىپ يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان.بۇنىڭ ئىچىدە سىنگاپور(3-ئۇرۇندا)،ياپۇنىيە(6-ئۇرۇندا) ۋە شىياڭگاڭ(11-ئۇرۇندا) ئالدىنقى 20كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا ئۆتكەن.
تەرەققى قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەردىن جۇڭگو داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىگەن.ھىندىستان 51-ئۇرۇندا تۇرغان.باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ھىندونىزىيە(44-ئۇرۇندا)،ۋېيتنام(59-ئۇرۇندا)ۋە سىرلانكا(62-ئۇرۇندا) ئىلگىرلىشى ئەڭ تىز دۆلەتلەردىن بولغان.لىكىن تايلاند(38-ئۇرۇندا) ۋە پاكىستاننىڭ(123-ئۇرۇندا) رىقابەت كۈچى داۋاملىق تۈۋەنلىگەن.
شىۋىتسارىيە داۋاملىق بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرغان.ئامىرىكا ئۆتكەن يىلى كاتتىباشلىق ئورنىنى تاتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن بۇ يىل يەنە شىۋىتسىيە ۋە سىنگاپورنىڭ كەينىگە ئۈتۈپ تۆتىنجى ئۇرۇنغا تىزىلغان.ئىقتىسادنى ماكرولۇق تەڭشەشنىڭ تۇراقسىزلىقى ،ئاممىۋى ۋە شەخسى ئورگانلارنىڭ ئاجىزلىشىشى شۇنداقلا خەلقنىڭ پۇل-مۇئامىلە بازىرىدىن ئۈمىدسىزلىنىشى ئامىرىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ داۋاملىق چىكىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن ھىسابلىنىدۇ.شىۋىتسىيە،فىللاندىيە(7-ئۇرۇندا) ۋە دانىيە(9-ئۇرۇندا)ئالدىنقى ئونىنجى ئۇرۇنغا ئۆتكەن.نورۋىگىيە 14-ئۇرۇندا تۇرغان.
ئەنگىلىيىنىڭ رىقابەت كۈچى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۈۋەنلەپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق بۇ يىل ئىلگىرلەپ 12-ئۇرۇندا تۇرغان.لاتىن ئامىرىكا دۆلەتلىرى ئىچىدە چىلى(30-ئۇرۇندا)ئەڭ ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرغان.ئۇنىڭدىن قالسا پاناما(53-ئۇرۇندا)كوستارىكا(56-ئۇرۇندا) ۋە بىرازىلىيە(58-ئۇرۇندا) تۇرغان.ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى بىر نەچچە دۆلەتمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.بۇلاردىن قاتار17-ئۇرۇندا،سەئۇدى ئەرەبىستان 21-ئۇرۇندا،ئىسرائىلىيە 24-ئۇرۇندا،ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى 25-ئۇرۇندا،تۇنىس 32-ئۇرۇندا،كۇۋەيت 35-ئۇرۇندا،بەھرەيىن 35-ئۇرۇندا تۇرغان.بۇ نەچچە يىلدىن بۇيان دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى ئىلگىرلەش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلىغان.سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى شىمالى ئافرىقا رايۇنىدىكى دۆلەتلەردىن جەنۇبى ئافرىقا 54(-ئۇرۇندا) ۋە ماۋرىتىئۇس (55-ئۇرۇندا)ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان.نامبىيە 74-ئۇرۇندا،بوتسىۋانا 76-ئۇرۇندا،رىۋاندا 80-ئۇرۇندا تۇرغان.
دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى كىلاس مۇنداق دىدى:كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادى قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇقىمسىز ۋە ھەرىكەتچان.كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە يەنە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر كۆز ئالدىدىكى ئىقتىسادى رىقابەتكە قارشى تۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدەپ تېپىشى كىرەك.ھازىرقىدەك يەرشارىلاشقان ئىقتىسادى مۇھىت ئاستىدا ھەر قاتسى دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى ۋە تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلاشنى قوللىشى كىرەك.بۇ ئەڭ مۇھىم.
ئامىرىكا كۇلۇمبىيە ئۈنۋىرسىتىتىنىڭ ئىقتىساد پىراففىسسورورى شاۋىر مۇنداق دىدى؛سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر يەرشارىلاشقان ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسىدىن غەم قىلغان تەقدىردىمۇ،قىسقا ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى دەپ ئۇزۇن مۇددەتلىك رىقابەت كۈچىنىڭ ئاساسى ئامىلىغا سەل قارىماسلىقى كىرەك.
http://forum.home.news.cn/detail/78615323/1.html