|
|
|
|
كىشلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە جەمئيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشپ ، مەيلى كىيىم - كېچەك ، ئېلىكتىرون بۇيۇملىرى ۋە ياكى يىمەك-ئىچمەك بۇلامدۇ ئىشقىلىپ تۇرمۇشمىزدىكى ھەممە نەرسىلەر تەرەققىياتى كۈنسايىن ئېشىپ مېڭۋاتقان مانا بۈگۈنكىدەك جەمئيەتتە ، ئۆي بېزەكچلك كىشلەرنىڭ بېشنى قاتۇرۋاتقان ،ئىنتايىن ھەل قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىللەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالدى . چۈنكى ھەربىر ئۆي ئالغان ئادەم ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ، بىزەپ ئىللىق ئۆيگە كىرىش ئۈچۈن ، كۆپ باش قاتۇرۇپ نېمە قىلارنى بىلەلمەي نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە . بۇلۇپمۇ جەمئيتىمىزدىكى بىر قىسىم ناچار ئەخلاقسىز كىشلەر تەرپىدىن ئالدىنىپ قۇيۇلۇپ ، نۇرغۇنلىغان ئاۋارچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە . بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى زادى قەيەردە ؟؟
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى
1. ئۆي بېزەتكۈچى تەرەپ ئۆز بېزەشتىن بۇرۇن ئۆي بېزگۈچى ئۇستامنىڭ ، كەسپى ئەخلاقى ۋە ئۇلاردىكى بىلىمنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى بىلەن ھىساپلاشماي ، ئاۋال ئويلىشىدىغىنى ئىش ھەققىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى مانا بۇ ئۆي بېزەتكۈچىنىڭ 1-قەدەمنى خاتا ئالغانلىقى بولۇپ توغرا تاللىيالماسلىق بىلەن باشلانغانلقىدىن دېرەك بېرىدۇ .
2. ئۆي ئىگسى بېزەتكۈچى تەرەپتە مۇكەممەل تەييارلىق يوق ، ئەمەلىيەتتە ئۆي بېزەشتىن بۇرۇن ئۆينىڭ قۇرۇلمىسنى ئالدىن لاھىيلىتىپ ، كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ئىش باشلىسا كۆڭۈلدىكىدەك ئۆي بېزەش ئۈنمىگە ئېرىشەلەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق قىلمايدۇ . چۈنكى ئالدىن لاھىيلەتكەن چىقىمغا چىدىمايدۇ ، ئاخىردا چوڭ زىيان تارتىدىغىنى يەنلا ئۆي ئىگسى تەرەپ بولىدۇ .
3. ماتېريال تاللىغاندا ئۆي بېزەتكۈچى تەرەپ ئىقتىسادنى تىجەيمەن دەپ ئەڭ ئەرزان سۈپەتسىز ماتىريالغا ئېسلىۋالدۇ ، بۇنداق بولغاندا دەل ئەكىسچە ئىش قىلغان بۇلىدۇ .
4 . ئۆي بېزەتكۈچى تەرەپ ئۆي بىزەتكەندە ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى بىلەن ئويلاشماي ، قارىغۇلارچە ئويما نەقىشلەرنى ماس كەلسە كەلمىسە چاپلاۋېردۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى ناچار چىققاندىن سىرىت ، بىزگۈچى ئۇستامنىڭ ئىش ھەققى ۋە ماتىريال پۇلى ئېشىپ كىتىدۇ . ھەم ئۆينىڭ شەكلىگە چوڭ تەسىر يەتكەندىن باشقا سۈپتىگىمۇ تەسىر يىتىپ ئۆي ئىچى ئادەمگە ھۇزۇر بېغىشلىمايدىغان ئەكىسچە ئۆيگە كىرسە ئىچى سىقىلىپ بىئارامچىلىق تۇيغۇسنى بىرىپ قۇيدۇ .
5.دىن بۇنداق رەتسىز ئىش قىلىپ ماڭغاندا ئېنىق بىر لاھىيە بولمىغانلىقتىن ئۇستام ۋە بىزەتكۈچى تەرەپتە چوڭ ئىختىلاپ كىلىپ چىققاندىن سىرىت ، ھەر ئىككى تەرەپكە ۋاقىت ۋە ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرۈپ چىقىردۇ .
ئەمسە قانداق قىلغاندا ئۆينى كۆڭۈلدىكىدەك بىزەش شارائىتىنى ھازىرلىغىلى بۇلىدۇ ؟؟؟
1 . دىن ئاۋال ئۆي بىزگۈچى ئۇستامنى ياخشى تاللاش كىرەك ، بەلكىم سىز تاللىغان ئۇستامنىڭ ئىش ھەققى باشقىلارنىڭكىگە قارغاندا يۇقرى بولشى مۇمكىن نىمە ئۈچۈن دىگەندە ئەرزان باھالىق ئاياق بىلەن قىممەت باھالىق ئاغنىڭ پەرقى ئوخشاش بولمىغىنىدەك ، شۇ سىز تاللىغان ئۇستام باشقىلاردىن ياخشى سۈپەتلىك چىقرىپ بىرەلىشى مۇمكىن شۇڭا سىز ئاۋال ئۇستامنىڭ كەسپى ئەخلاق ساپاسى ياخشى ھۈنەرگە پىشقان تەجىربىلىك ئۇستامنى تاللىشىڭىز كىرەك .
2. دىن سىز ئاۋۋال ئۆي بىزەشتىن بۇرۇن ئۆينىڭ قۇرۇلمىسنى لاھىيلەش شىركەتلىرگە تۇلۇق لاھىيلىتىپ ، ۋە شۇ لاھىيە سىزگە يارغاندىن كىيىن ئۇستامغا كۆرسىتىپ شۇ بويىچە ئىش باشلىشىڭىز كىرەك .
3. دىن ئۆي بىزەتكەندە ئۇستامنىڭ ئالدىغا كىرۋالماي شۇ ئۇستامنىڭ يول يۇرقى بويىچە تەڭ مەسلىھەتلەشكەن ئاساستا بىزەش ئېلىپ بارسىڭىز ۋە ماتىريالنىڭ ياخشىنى ئېلشىڭىز كىرەك ، بۇنداق بولغاندا سىز ياخشى بولغان بىزەش شارائىتىغا ئىرىشەلەيسىز .
يەنە بىر قىسىم ياۋروپاچە لاھيلەردىن ئالغاچ كەدلدىم كۆرۈپ ھۇزۇرلانغايسىلەر . يەنە بېزەكچىلىك ئىشلىردىن مەسلىھەت سورماقچى بولسىڭىز بىزنىڭ بېزەكچىلىك مەخسۇس سالونىمىزنى قاچلاپ مەسلىھەت سورسىڭىز بۇلىدۇ .سالونىمىزنىڭ ئىزدەش ئاددېرسى korlauquri
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-9 09:44 PM
|
|
|
|
|
|