مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4056|ئىنكاس: 23

تىلۋىزىيە ئىستانسىغا ئوچۇق خەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96953
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-8-13
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 06:32:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلۋىزىيە ئىستانسىغا ئوچۇق خەت

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ياخشىمۇ سىللەر، ئۇزۇندىن بىرى مۇشۇ تىلۋىزۇردا بىرلىۋاتقان تىلۋىزىيە پروگىراممىلىرى، ئىلانلارغا قاراپ ئىچىم  قاتتىق پۇشىدىغان بولۇپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن قولۇمغا قەلەم ئىلىپ، تىلۋىزىيە پروگىراممىلىرى، بولۇپمۇ مۇشۇ تىلۋىزىيە ئىستانسىغا بولغان پىكىرلىرىمنى  بىرتۆكۈۋىلىش قارارىغا كەلدىم،
ھەممىمىزگە مەلۇم،يىقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ كىنو- تىلۋىزىيەگە سالغان مەبلىغىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىششىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇنلىغان كىنو- تىلۋىزىيە پروگىراممىلىرى ئىشلىنىپ، ۋە تەرجىمە قىلنىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى – مەدەنىيەت تۇرمىشىنى ئىلگىرى سۇرۇشتە ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىماقتا. بۇرۇنقىغا سىلىشتۇرغاندا تىلۋىزۇردا بىرىلدىغان تىلۋىزىيە پىروگىراممىلىرى ئۆزلۈكسىز كۆپيىپ، مەزمۇنى موللاشماقتا ۋە رايۇنىمىزدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مىنىۋىيتىنى بىيتىشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىماقتا.
لىكىن، يىقىندىن بۇيان تىلۋىزىيە قاناللىرىدا بىرلىۋاتقان نۇمۇرلارنىڭ تايىننىڭ يوقلىقى ۋە بىر قىتىم بىرلىپ بولۇنغان نۇمۇرلارنىڭ قايتا-قايتىدىن بىرلىشى ئادمنىڭ ئىچىنى بىر ئاز پۇشۇرماقتا، بۇنىڭدا ئاساسلىق ئىپادىلنىۋاتقىنى، نۇمۇرلارنىڭ تەكرارلىنشى يەنى ئالدىنقى  ئايدا ياكى ئالدىنقى پەسىلدە بىرلىپ بولۇنغان پىروگىرامملارنى قايتىدىن يەنە تارقىتىش ( بۇ خىل ئەھۋال شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىدا كۆپرەك يۈز بەرمەكتە5- قانالدا بىرىلگەن پىروگىراممىلار 9- قانالدا ئۇزۇن ئۆتمەيلا تارقىتىلىش ياكى 2- قانالدا بىرىلگەنلىرى كىنو قالنىدا يەنە  تەكرار تارقىتىلىش) دىگەندەك ئەھۋاللار يۈز بەرمەكتە، ئەجبا بىر ئورۇن تۇرۇپ قايسى قانالدا قانداق پىروگىرامما تارقىتىلۋاتقىنىنى ھەرقايسى پىروگىرامما بۆلمىدىكىلەر بىلمەي قالامۇ؟  بۇخىل ئەھۋال تىلۋىزىيە ئىستانسىدا تارقىتىدىغان فىلىم قالمىغاندەك بىرخىل تۇيغۇ پەيدا قىلىپ قويدىكەن، تىلۋىزىيە ئىستانسىدا راسلا تارقىتىدىغان فىلىم قالمىغاندىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، بار، بار بولغاندىمۇ مۇل مەزمۇنلۇق، كەڭ خەلق ئاممىسىغا مەنۋى زوق بىرەلەيدىغان، ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرشىگە ئىرىشكەن، دىيارىمىزدا سۈرەتكە ئىلىنغان فىلىملەر، سەنئەت نۇمۇرلىرى ۋە تەرجىمە قىلىپ ئىشلەنگەن فىلىملەر بار، نىمىشقا شۇ نۇمۇرلار، شۇ فىلىملەر تارقىتىلمايدۇ ؟
كوپچىلىكنىڭ ئىسىدە بولسا كىرەك، دىيارمىزدا 90- يىللاردا شۇنداق ياخشى سەنئەت نۇمۇرلىرى سۈرەتكە ئىلىنغان « گۈلدەستە»،قۇربان ھىيىتلىق، روزا ھىيىتلىق، نورۇزلۇق سەنئەت كىچىلىكلىرى، يەنە نۇرغۇن ياخشى فىلىملەر سۈرەتكە ئىلىنغان، مەسلەن: «غىرىب- سەنەم»، « نەسىردىن ئەپەندىم»، « موللا زەيدىن»، « تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى»، « قىرلىق ئىستاكان» قاتارلىقلار. شۇنداق ياخشى فىلىملەر تەرجىمە قىلنىپ  ئىشلەنگەن، مەسلەن: كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى« يىلتىز»، ھىكايە فىلىم« پاكلىق »،سىنگاپور كۆپ قىسىملىق تىلۋىزىيە تىياتىرى« ئالماس بىلەن ئۆتكەن ھايات»،« تىكساس چارلاش ساقچىسى»،« رازۋىتچىك خونتىر»، ئىككىنچى جاھان ئۇرشى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەردىن «رەھىمسىز فىرونت»،« گەرسىن پىدائىيلىرى»قاتارلىقلار،دۆلتىمىزدە ئىشلەنگەن، ئىنقىلابى قۇربانلار تەسۋىرلىندىغان فىلىملەردىن« يۈيخۇاتەيدە قۇربان بولغانلار»، يىقىنقى يىللارنى ئىلىپ ئىيىتساق« پۇل دىگەن شۇنداق نەرسە»دىگەندەك، ئىش قىلىپ ساناپ كەلسەك بەك جىققۇ ، مانا شۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى، ئادەمگە ئىستىتىك زوق ئاتا قىلالايدىغان فىلىملەرگە، نۇمۇرلارغا خەلقىمىز تەشنا بولماقتا،  نىمىشقا مۇشۇنداق ياخشى فىلىملەر، نۇمۇرلار بار تۇرۇغلۇق ئۇلارنى تارقايمايدۇ؟
كەڭ تورداشلارنىڭ پىكىر قاتناشتۇرشىنى ئۈمۈت قىلمەن

2015- يىلى 1- ئاينىڭ 7- كۈنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 11:40:23 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخسۇس پىراگىراممىلار يىتەرلىك ئەمەس، يەنە بىرى ھازىر مەركەزدە ئىچىلىۋاتقان سىياسى -قانۇن خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم يىغىنلارنىڭ مەزمۇنىدىن نەخ مەيداندا ئۇلاپ ھەم تارجىمە قىلىپ تارقىتىشى كىرەك، ئاخپاراپ ئۇچۇر قانىلىدا تىلىۋىزىيە تىياتىر قۇيۇلىشىنى قەتئى چەكلەش كىرەك كىنۇ تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، كىنۇ قانىلىدا، سەنئەت خاراكتىرلىك پىرۇگراممىلارنى ئۇنۋىرسال سەنئەت قانىلىدا، ئىلىم پەن ئۇچۇرلىرى، ئىقتىسادى مۇلاھىزىلەر دۇنيادىكى يىڭىلىقلار، بىيىش يۇلى دىگەندەك ئىقتىساد تىپىدىكى پىراگىراممىلار تەسسى قىلىپ ئىقتىساد تۇرمۇش قانىلىدا، مەركەزدىكى ئەپتۇنۇم رايۇنىدىكى ئۇتكۇزۇلگەن ھەر قانداق يىغىنلارنى دەل ۋاقتىدا ئۇلاپ تەرجىمە قىلىپ تارقىتىپ، ئاخپارات ئۇنۋىرسال قانىلىدا تارقىتىشى كىرەك

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3607
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 465 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 11:45:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندا بېرىلگەن مىكسىكىنىڭ ‹ئوڭۇشسىزلىق› فىلىمىنى ياقتۇرۇپ كۆردۈم، بۇلۇپمۇ ئالىيجاناپ مارىياننا خانىم بەك تەسىر قىلدى. يەنە شۇ كىچىك ۋاقتىلىرىمىزدا بەرگەن ‹دېدەك ئېزورا› دېگەندەك فىلىملەرنى نىمىشقا قويمايدۇغاندۇ، ئۇ چاغلاردا چوڭلار بەك ياقتۇرۇپ كۆرەتتى. كىچىك بولغاچ ئانچە بەك چۈشىنەلمەپتىكەنمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78334
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3607
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 465 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 11:47:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسىڭلار ‹ۋەتەندە باھار›، ‹تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى تۇتاش› دېگەن ناخشىلارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى بىلىسىلەر؟ بەك جىددى لازىم بۇلۇپ قالغان ئىدى. ياردەم قىلساڭلار.....

نىمە يازىمەن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97813
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1812
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 440 سائەت
تىزىم: 2013-9-13
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 12:09:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە بىز كۈرەلەيدىغان ئۇيغۇرچە قاناللار ئازلىق كەپ قىلۋاتىدۇ،شۇڭا كۆرسەڭمۇ شۇ،كۆرمىسەڭمۇ شۇ دەپ تەكرار پىروگىراممىلارنى كۆپ قۇيۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن بۇلۇپمۇ تىلۋېزىيە تىياتىرىلىرىنى تەكرار قۇيىۋرىدىكەن،ھەر تەتىلدە بارسام يا‹‹ناياڭپارنىڭ قىزلىرى›› يا ‹‹ساھىبجامالنىڭ قىسىمىتى››قسىم سانى ئۇزۇن بولغاندىكىن يا تىزراق تۈگىمىگەن،كۆرۈپ بولغان نەرسىنى ھەرقانچە قىززىق بولسىمۇ كۆرگۈسى كەلمىگەن،يەنە تېخى نەدە خەنچە قاناللاردا كۈرۈلش نىسپتى يۇقىرى بولمىغان تەرجىمە تىلۋزىيە تىياتىرلىرى ،ئەمدى بىز ئىستانسى باشلىقى بولمىغاندىكىن ئۇنى قوي بۇنى قوي دەيدىغانغا ھەققىمىز يوقتە،شۇڭا تىلۋۇزۇر كۆرۈش ۋاقىت ئسراپچىلىقى بۇلۇپمۇ بىزدەك ياشلار ئۈچۈن،سىز دىگەندەك ئانچە-مۇنچە ئىلگىرى كىنولارنى،پىروگىرامملارنى قۇيۇپ باقسا بىزدەك ياشلار چوڭلىرىمىز ياش ۋاقتىدا مۇشۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈپتىكەن دەپ قىزىقپ كۆرۈپ باقاتتۇق، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BUEREZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-10 12:11 PM  


قاغا قاق ئىتەر،ئۆز كۆڭلىنى شاد ئىتەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66149
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3358
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 12:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكۈر قېلىچ ، تىلفۇنىڭىزنى ئىتىۋېتىڭ ، دىگەندەك كىنولار يوقاپ كەتتى دىسە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66149
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3358
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 12:48:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكۈر قېلىچ ، تىلفۇنىڭىزنى ئىتىۋېتىڭ ، دىگەندەك كىنولار يوقاپ كەتتى دىسە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66149
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3358
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 257 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 12:48:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆتكۈر قېلىچ ، تىلفۇنىڭىزنى ئىتىۋېتىڭ ، دىگەندەك كىنولار يوقاپ كەتتى دىسە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103819
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 438
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 01:05:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزغۇ تورلاردىن يېڭى ئىدىيە،ئېقىم مەسىللىرىنى دەل ۋاقتىدا كۆرەلەيمىز . لىكىن بىزنىڭ دادا-ئانا،ياكى توردىن پايدىلىنىش ئىمكانى بولمىغان تالاي -تالاي ئۇيغۇر ئائىللىرى ،كىشىللىرى ئۈچۈن تېلۋوزور ھارردۇق چىقىرىدىغان سەھنىلا ئەمەس ،بەلكى دۇنيانى كۆرىدىغانمۇ بىر دېرىزە ئىدى .
‏سان-ساناقسىز ئىلانلار ،تەكرار -تەكرارقويۇلغان يات ھىكايىلەرگە قاراپ ئولتۇرۇپ  قانچىلارنىڭ روھىغا ئەخلەت كىرىپ كىلەر ؟
‏تېلۋۇزورنى بىز كۆرەمدۇق ،ياكى بىزنىڭ كۈلكىلىك ئويۇنلىرىمىزنى تېلۋوزۇر كۆرەمدۇ ؟

سىز ئوتتۇرىغا قويالىغان ھەرقانداق سوئالنىڭ جاۋابى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20369
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6343
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 01:07:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تېلىۋۇزۇرنى توككا چېتىپ باقمىغىلى بىريىلدىن ئاشتىغۇ دەيمەن،..ھەممىسى ۋاقىت ئىسراپچىلىغى،..ئائىلەمدە ھازىر ئايلاپ يىللاپ كىنو ياكى باشقا پىروگراممىلارنىڭ گېپىنى بىرەرسىمۇ قىلىپ قويمايدۇ،..ئاساسىي جەھەتتىن كەچتە بىكار قالساق كىتاپ كۆرىدىغان ئادەت شەكىللەندى.مەن بۇنىڭدىن بەكلا خۇشال.شۇڭلاشقا ياخشى نەرسىلەر بولسا كۆرۈڭلار،بولمىسا تېلىۋۇزۇرنى توكتىن ئۈزۈپلىۋېتىڭلا،...بەلكىم بۇنىدىن كىيىنكى بىرقانچە يىلدا تېخىمۇ شۇنداق بۇلىشى مۇمكىن،.بىزھەرقانچە بىرنىمە دىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق تەڭ قىسلىقى ۋە قىينىلىدىغان تەرەپلىرى بار.توغرا چۈشۈنەيلى

كىشى ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلمەكچى بولسا،كىملەرنى سۆيگىنىگە قارىسۇن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش