مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2720|ئىنكاس: 16

ئىلمىيلىككە ئىچىنىش(ئۇمۇن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96756
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2827
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2013-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 06:04:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىلمىيلىككە ئىچىنىش

(بىزدىكى ئىلمىي كەيپىياتقا قوشۇمچە)

(ئۇمۇن)

ئەسكەرتىش:مەزكۇر يازمىغا ئەلى قۇربان لىكسىيەسى توغۇرسىدا ئىنكاس يىزىلماسلىقىنى ئۆمۈد قىلىمەن.ئەسەرنىڭ ئوبىكتى مۇنازىردىن كىيىنكى ئىنكاسلاردىن كۈزىتىلگەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئىلمىي كەيپىيات.

تىتىقسىزلىق دىگەن كەلىمە بىلەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئىلمىي كەيپىياتنى تەسۋىرلەش يىتەرلىك ئەمەس.
داڭلىقىدىن-داڭسىزىغىچە ئىلمىيلىك دىگەن سۆزدىن بۇنچىلىك يىراق بىر مىللەتنىڭ ئىچىگە چۆكۈش ۋە بۇ مىللەتنىڭ ئاكادىمىسىگە ئارلىشىش بىمەنىلا بولۇپ قالماستىن ئىنتايىن ئىغىر ئازاپ.
ئاچچىق رىئاللىقنى قۇبۇل قىلىشىمىز كىرەككى ئۇيغۇر دىگەن مىللىي كىملىككە ئىگە بۇ توپلۇم ئىلمىيلىك ۋە ئاكادىمىيەدىن شۇنچىلىك ئۇزاقكىن ھەيرانلىقنىڭ يەلكىسىگە بارلىق ھىسياتلىرىمنى تىڭىپ قويساممۇ تۇيغۇلىرىمدىكى تۇراقسىزلىق يىتەرلىك دەپ ئىسپىراپكىسىنى چىقىرىپ بەرمەيۋاتىدۇ.

خەلقارا ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئىنتايىن نورمال دەپ قارىلىدىغان ئوبزۇرچىلىق(تەنقىد)نىڭ بىزنىڭ «پەزىلەتلىك »كىشىللىرىمىز تەرىپىدىن (باشقىلارنىڭ كۆتىنى كولاش)دىگەن ئىدىيۇمغا تەڭلەشتۇرۇلۇپ قويۇلغانلىقىنى ئاچچىق كۈلكە بىلەن قارشى ئالغان كىشىلەرگە ئىھتىراملىرىمنى سۇنىمەن.

ئىلمىي كەيپىياتنىڭ سۇسلىقى،تەنقىتنى ئىنكارلاش ۋە مۇنازىرە سۆيمەسلىك ئۇيغۇر ئىدولوگىيىسىدىكى مەرەز كىسەل دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ تىمىغا بارماقلىرىم ھەرىپ بىسىۋاتىدۇ.
ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا تەنقىد بىلەن مۇنازىرىنىڭ رولى تەسۋىرلىگۈسىز كۈچ قۇدرەتكە ئىگە.

دىن،مىللەت،ئىدولوگىيە ۋە ئىرىقى قاراشتىن مۇستەقىل ،تەپەككۈر ۋە مىتود(ئۇسۇل)بىلەن رىئال ۋە ئىلمىي مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلغان جەمىيەت بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئىنسانىيەت تەبىقە سىستىمىسىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىن ئورۇن ئىلىۋاتىدۇ.

ئەلى قۇرباننىڭ مەزكۇر لىكىسىيەسى ئۇيغۇردىن باشقا، مەسىلىلەرنى ئەقلىي كاللا بىلەن تەپەككۈر قىلىدىغان مىللەتلەرگە بىرىلگەن بولسا ئاقىۋەتنىڭ چاۋاك بىلەن ئاخىرلاشمايدىغانلىقى ئىنتايىن ئىنىق.
جەمىيەتنىڭ لىكسىيە ۋە ئوبزۇر ھەققىدىكى ئىنكاسىدىن  ئەلى قۇرباننىڭ ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى بىلىم سەۋيىسىگە مۇۋاپىق لىكسىيە بەرگەنلىكىگە  شەكسىز ئىشەندىم.
بىزدىكى بىلىم ۋە ئىلمىي كەيپىياتنىڭ تۆۋەنلىكىنى قۇدۇقتىكى پاقادىن باشقا مىتافۇر بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمىسا كىرەك.
ئىلمىي سەۋيىسى تۆۋەن لىكسىيەگە يىزىلغان ئوبزۇرنىڭ بۇنچىلىك قارشىلىققا ۋە كەمسىتىشكە ئۇچۇرغانلىقى ئەقلىم تەرىپىدىن پەقەتلا قۇبۇللاشقا ئىرىشەلمىدى ۋە  بىر ئۆمۈر قۇبۇللاشقا ئىرىشەلمەيدۇ.
ئىلمىي مەسىلىلەرگە ئىلمىي ۋە رىئال مۇئامىلە قىلىش بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ پوزىتسىيە جەھەتتىن بىزگە قويغان تەلىپى.
لىكسىيە بىرىش گەپكە ئۇستا ئادەمنىڭ قولىدىن كىلىدۇ ھەقىقى  ئىلمىي لىكسىيە بىرىش پەقەت مۇئەييەن ئىلمىي ساپا ۋە بىلىم سەۋىيە جۇغلىغان ئىنساننىڭ قولىدىن كىلىدۇ.
زىيالىيلار نىمە ئۈچۈن لىكسىيەگە ئالدىرمايدۇ؟؟
چۈنكى لىكسىيە ماقالە يىزىشقا ئوخشاش بىخەتەر ئەمەس.ماقالە نۇرغۇن تەھرىرلەش باسقۇچىدىن ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئىھتىماللىقى ئاز بولىدۇ.لىكسىيە جانلىق بولغانلىقى ئۈچۈن سۆزلىگۈچىدىن ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان لوگىكىلىق تەپەككۈر ۋە بىلىم جۇغلانمىسى تەلەپ قىلىدۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن زىيالىيلار ئالدىراپ لىكسىيە بەرمەيدۇ.
بۇ ئۇلارنىڭ بىلىمىنىڭ يوقلىقى ياكى تىلىنىڭ كىكەچلىكىدىن ئەمەس بەلكى خەلىققە خاتا ئۇچۇر بىرىپ قويىشتىن قورۇققانلىقىدىن بولىدۇ.
ئىلمىي ساپا دىگەن دەل زىيالىينىڭ خەلىققە تەرەپسىز ۋە توغرا ئۇچۇرنى يەتكۈزىشىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم.
زىيالىيلارنى سەن نىمىشقا لىكسىيە سۆزلىمەيسەن دەپ سوراقلاش قايسى ئەقىلنىڭ تەتۈر تىرىشچانلىقىدىن تۆرەلگەنلىكىنى پەرەز قىلالمىدىم.

بۇ قىتىملىق ئىلمىي مۇنازىرىدىن چوڭقۇر ھىس قىلغىنىم ئىنسانلىرىمىز ئىنسان دىگەن كەلىمىگە نۇمۇس ھالدا تەپەككۈرىنى ئەقىل بىلەن ئەمەس ھىسيات بىلەن قىلىدىكەن.
مەنبەسى ئىنىق بولمىغان قۇرۇق ھاياجانلىرىمىزنىڭ تىشىغا تىپىشقا نىمە ئۈچۈن بۇنچىلىك ھىرىس ئىكەنلىكىگە چۈشەنچە ھاسىل قىلالمايۋاتقىنىمدا  قايسى ئەقىلنىڭ ھىسياتلىرىمىزغا رۇخسەت بىرىپ قايسى مەنتىقىمىزنىڭ بۇنۇڭغا تەستىق سالغانلىقى ئوتتۇرسىدا ھەيرانلىققا پىتىپ قالدىم.
ئىلمىي بىر مەسىلىگە بىلىم جەھەتتە سەۋيە يەتمىسە چوقۇم بىلجىرلاپ بىقىش مەسئۇلىيىتىمىز يوق.شۇنۇڭ ئۈچۈن بىلمەيدىغان نەرسىلەر ئالدىمىزغا تۆكۈلگەندە سۈكۈت قىلىش ئىنتايىن گۈزەل ئەخلاق.
(ئەلى قۇرباننى كۆرەممەپتۇ)،(ئۆزىگە دىسىڭىز بولمامتى)،(بىزدە بىرسى يۇقۇرغا چىقسا تارتىپ چۈشۈرۇش مودا)،(ئاۋۋال بىر نەرسە قىلىڭ ئاندىن سۆزلەڭ)،دىگەندەك ئىنكاسلارنى ئانالىز قىلساق بۇ خىل كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەندىن قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
ئىلىم-پەن سىزنىڭ خوشنىڭىز ئەمەس،(ھەي خاتا قىلىپ قاپتۇ،دەپ قويسام مىنى كۆرەممەس دەپ قالمىسۇن،بولدى قىلاي) ( خاتا سۆزلەپ قويسا كەمتەرلىك قىلاي)،(بۇندىن كىيىن تۈزىتىۋالا) دەپ بوپتۇلا دىۋىتىدىغان.
ئىلىم-پەننىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلمىغان كىشىلەرنىڭ بىزدە تىخىچە بارلىقى ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتىنىڭ بىزدە ئاتا مىراس كىسەلگە ئايلانغانلىقىغا تولۇق ئىسپات.
ئادەتتىكى خەلىقتىن قىلچىلىك خاپا بولمايمەن.
ئەلى قۇرباندەك چەتئەل مىتوتى بىلەن ئۇچراشقان زىيالىيسىنىڭ بۇ قەدەر ساپاسىز ۋە مەنتىقىسز پەلسەپە بىلەن ئورالغان چۇۋالچاق جاۋاپىدىن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە زور ئىلمىي ئىنقىلاپ بولمىغىچە بۇ مىللەتتە ئۆمۈد يوق دىگەن ھۆكۈملۈككە بىرىپ توختۇدۇم.
مۇنىرە غوپۇرنىڭ رىياسەتچى ئىكەنلىكىنى بىلىمەن.ئەلى قۇربان بىلەن زىۋىدە خانىمنى دوست تارتىپ ئىلمىي مۇنازىرىگە ھاياجان بىلەن قەلەم تەۋرەتكىنىنى كۆرۇپ مۇنىرە غوپۇرغا بولغان ھۆرمىتىمنى يوقۇتۇپ قويدۇم.
ئىلمىي مۇنازىرە مۇنىرە غوپۇرنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى ئەلى قۇربان بىلەن زىۋىدە خانىمنىڭ شەخسى سۆھپىتى ئەمەس.
ئەگەر بولغان ھادىسىلەر ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىش بولغان بولسا مۇنبەرگە تىما يوللانماي ئىش تىلفۇن بىلەن تۈگەيتتى.
باشقىلار بۇ توغۇرلۇق تارتىشسا زىۋىدە خانىمنىڭ،ئەلى قۇرباننىڭ ياكى مۇنىرە غوپۇر ۋە  ئەتراپىدىكىللىرىنىڭ ھىرىپ كىتىدىغان ھوقۇقى ۋە ھەددى يوق.
زىۋىدە خانىم كەسپى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خاتالىققا تەنقىد يازغان بولدى.زىۋىدە خانىمنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى ئىش پەقەت يازغان ماقالىسىغا چىقىش قىلىش.
ئەلى قۇربان بىلەن زىۋىدە خانىمنىڭ ئىغىزىدىن چىقىپ قەلىمىدىن تۆكۈلگەن بايانلارنىڭ ھەممىسى چىقىدىغان يەدىن چىقىپ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى كونتۇرۇل قىلىش ئۇلارغا تەۋە ئەمەس.
مەن ،مۇنىرە غوپۇر ۋە ھەرقانداق بىرى خەلىققە ئوچۇق ئىلمىي مۇنازىرىگە توختا دەپ بۇيرۇق چۈشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس ۋە خەلقنىڭ مۇنازىرىسىدىن بىرنەچچىسىنىڭ ھىرىپ كەتكەنلىكىنى پەش قىلىش مۇنازىرىنىڭ توختايدىغانلىقىغا سەۋەپ بولالمايدۇ.
مۇنازىرىنى سۆيمەسلىك،تەنقىتنى «كۆتىنى كولاش» دەپ بىلىش بىزدە ئىلمىي كەيپىيات دەيدىغان نەرسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئىنسانلارمىز مەلۇم زىيالىينى قوغدىغانلىقنى ئىلىم پەننى قوغدىغانلىق،ئۇلۇغلىرىمىزنى قوغدىغانلىق دەپ خاتا چۈشىنىۋالغان ئوخشايدۇ.

*بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇلۇغلايدىغان زىيالىي يوق،ئۇلۇغلايدىغان ھەركەت ۋە ھەقىقەت بار.تەنقىدلەيدىغان زىيالىي يوق ھەركەت ۋە ئىلمىيسىزلىككە بىرىلىدىغان ئوبزۇر بار.
شەخىسنىڭ سۆزىگە ئەمەس ئۆزىگە يىپىشقانلار شەخىسنى خۇدا دەپ ھەيكەل ياسىمىغان پەرقى بىلەن پەقەت بۇددىس دەپ قارالماسلىقىلا مومكىن.

خەلقىمىمزدىكى ئىلمىي كەيپىياتنىڭ تۆۋەنلىكى ھەتتا مىللەتنىڭ تۈرۈكلىرى بولغان زىيالىيلاردىكى تەكەببۇرلۇق  ۋە ئىلمىيسىزلىك بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىراگىدىيىسىنىڭ سەۋەپلىرىدىن بىرى.

ئۇيغۇرنى ئۇلۇغ چاغلايدىغان چاغلاردا بەزىلەر ئۇيغۇردىكى ئىلەتنى كوچىلاپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا ئىللەت تىئورىسىنى مودا قىلدى.كىيىن يەنە بەزىلەر مىللەتتە ئىللەتسىزلىكنى تەرغىپ قىلىپ چىشى چۈشكەن سىستىمىغا زەربە بەرگەنلىكى ئۈچۈن بۈگۈن يەنە مىللەتتىكى ئىللەتسىزلىك تىئورمىسى مودا بولدى.
ئەتە-ئۆگۈن ئىللەتسىزلىك سىستىمىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتسە بىرى چىقىپ يانا يىڭى بىر تىئورمىنى مىللەتكە كىيگۈزۇپ قويىدۇ.
ئاخىرىدا مىللەتتە ئىللەت بارمۇ؟ يوقمۇ دەيدىغان كىمنىڭ لوگىكىسى كۈچلۈك بولسا شۇ يىڭىدىغان مۇنازىرە قايناۋىرىدۇ.
يىڭى سىستىمىنى يارىتىش ۋە يىڭى سىستىمىنى يىقىتىپ باشقا سىستىمىنى يارىتىش ھەقىقەتنى ئىزدەشنى مەقسەت قىممايدىكەن جەمىيەت شۇ خىل سىستىما ئالمىشىش گاراڭلىقىدا مەس بولۇپ يۈرىۋىرىدۇ.
مىللەتتە ئىللەت بارمۇ يوقمۇ؟
بۇ خىل ئايىغى چىقمايدىغان سۇبىكتىپ يانداشلىققا ئىگە سوئال ھەققىدە توختالغۇم يوق.
پەقەت بىزدىكى ئىلمىي كەيپىياتنىڭ تۆۋەنلىكى ھەقىقەتەن مەۋجۇت ۋە زۆرۈر ھادىسە.

يالقۇن-پەرھات ھادىسىسىدە يالقۇن روزى ئەڭ چاكىنا ئۇسۇل بىلەن رەقىبىنى قانداق جايلاشنى ئىلمىي كەيپىياتقا سىڭدۈرگەن بولسا بۈگۈنكى مۇنازىرلەردىمۇ بۇ خىل چاكىنىلىقنى تىخىمۇ روشەن ۋە تىخىمۇ يارقىن كۆرۇپ ئولتۇرۇپتىمىز.
ئۆزىمىزنىڭ ئويلىغىنى يىزىققا ئايلاندۇرۇپ ئوتتۇرغا تۆكۈش تەس ئىش ئەمەس. موھىمى نىمىنى،نىمىگە،نىمە ئۈچۈن يىزىۋاتىمەن دىگەن سوئالنى كاللىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش موھىم.
ئۇيغۇرلارنىڭ داڭدار زىيالىيلىرىدىن چىقىۋاتقان بۇخىل ئىلمىي كەيپىياتتىكى زەيپانىلىك ئاددى خەلىقنىڭ روھىدا كۆكلەۋاتقان ئىلىم-پەن بىلەن قارشىلىشىشنىڭ سەۋەبى دىسەك خاتالاشمايمىز دەپ قارايمەن.
ئۆكتىچى پىكىر قىلىش ئىلمىي موھىتتىكى ئىنتايىن ئىجابىي ھەركەت.ئەمما ئۆكتىچى پىكىر چوقۇم دەلىل ۋە ئىسپاتنى ئوتتۇرغا قويۇش كىرەك.دەلىل ۋە ئىسپاتنى ئوتتۇرغا قويمىغان،ئوبىكتىپقا ئەمەس سۇبىكتىغا تايانغان ھەرقانداق ئۆكتىچى پىكىر ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
كىشىلەردىكى ئىلمىي ساپانىڭ تۆۋەنلىكى،بىلىمگە ئىرىشىش ۋە بىلىمدىن پايدىلىنىش سەۋيىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ياكى مەقسىتىنىڭ پەرىقلىقلىقى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئاكادىمىك موھىتىنىڭ بۇزۇقلىقىغا سەۋەپ بولىۋاتىدۇ.
ئەلى قۇربان لىكسىيەسىدىكى بولقىغا ئوخشاشنى ئارزۇ قىلىمەن.قانچىكى قاتتىق،قانچىكى بىشەم مىخلار بولسىمۇ مىخلارنى ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ئىلمىي ساھەدە تەكشى بىر موھىتنى يارتىش بىلىم بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ھەرقانداق ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتى.

پىسخىكىدىكى بولقا بىلەن مىخنىڭ مۇناسىۋىتى  ئىدىيالىستىك ئارقا كۆرىنىشكە ئىگە.رىئالىستىك يىقىنلاشساق رىئال دۇنيادا ھەقىقى مىخ مەۋجۇت، مىخنى پاتۇرۇشقا بولقا كىرەك.بولقا بىلەن مىخنى ۋاقتىدا ئۇرۇپ كىرگىزۋەتمىسەك يامپاشقا تاقىشىدىغان ئىش چىقىدۇ.

مىنەتتارلىق كىشىلىك تۇرمۇشتا ئاكتىپ رول ئوينىيالىغىلى بىلەن رىئال ھاياتتا چىكىدىن ئاشقان مىننەتتارلىق توپلۇمغا زىيان قىلىدۇ.
رىئال مەسىلىلەرگە رىئالىستىك يۈكسەكلىكتە باھا بىرىش سالماق كىشىلەرنىڭ خارەكتىرىگە يىقىندۇر.

*زىيادە ھاياجانلىنىش بەدىلىگە ئىلمىي مەسىلىلەرگە نەسىرلەشكەن ئاھ،ئۇھ لىرىمىزنى قوللۇنۇپ،مىللەت،دىن،ۋەتەن دىگەندەك دەبدەبە ھاسىل قىلالايدىغان كەلىمىلەر بىلەن جۈملە تۈزسەك ھىچقانداق نەتىجە ھاسىل بولمايدۇ.
نەتىجىنىڭ ھەسىل بولىشى ئىلمىي ۋە ئەقلى كاللا بىلەن تىرىشچانلىقنىڭ يۇغرۇلمىسىدىن تۇغۇلىدۇ.

بۈگۈنكى دۇنيادا ئەسكى ۋە ياخشى يوق.ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىر بار.ھاياجان يوق ئىلمىيلىك بار.
*ئىلىم-پەننىڭ مەقستى پەقەت كىشىگە ھەقىقەتنى ئىزدەشكە قورال بولۇشلا ئەمەس پەقەت ھەقىقەتنى قوغدايدىغان ۋە قوبۇل قىلالايدىغان ساپا ۋە سەۋيە ئاتا قىلىشتۇر.
21-ئەسەرنىڭ  تۇنجى ئون بەشىنجى يىلىدىن نەپەسلىنىۋاتقان بولساقمۇ  18-ئەسىردىكى ئىلمىي كەيپىيات ھاۋاسىدا تۇنجىقىۋاتىمىز.
ھەقىقەت ئالدىدا تىك تۇرۇش،مەۋقەدە مۇستەقىللىق ۋە غايىدىكى ساپا ئىلمىي ئاتمۇسفورادىكى چاڭ-توزاڭنى بىسىقتۇرمىغىچە ھەقىقى زىيالىيلار زىيان تارتىش،گەپ ساتارلار پايدا ئىلىشتەك تەتۈر ئۇلۇغلاش داۋاملىشىۋىرىدۇ.

دۇنيا بىلىم ساھەسىدە ئىلىم-پەن ئاتالغۇلىرى ھەققىدە تىرمولوگىيە ئاتلىق تارماق بار.
ئىلىم-پەن بىلەن شۇغۇللانغۇچى چوقۇم ئۆز كەسپىدە قىلىپلاشقان ئاتالغۇلار بىلەن ھەركەت قىلىشى كىرەك.ئاتالغۇلارنى بىر-بىرى بىلەن ئالماشتۇرۋىتىش ئىلمىي خاتالىققا سەۋەپ بولىدۇ.
ئاددى تىلدا ئاڭلىتىش بەزى سورۇن،بەزى كەسىپلەرگە ئۇيغۇن بولغان بىلەن بەزى كەسىپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن مومكىن بولماي قالىدۇ.
چوقۇم بىزگە ئاددى تىلدا ئاڭلىتىش كىرەك دەيدىغان ئەقلى تۆۋەنلىكنى تاشلاپ  ئاكادىمىك تىلدا ئاڭلاتسىمۇ چۈشىنەلەيدىغان  سەۋيەگە يىتىش كىرەك.
ئىجدىمائىي مەسىلىلەر ۋە كوچا پاراڭلىرىنى ئاددى تىلدا ئاڭلاتقىلى بولغان بىلەن ھەقىقى پىسخىكا بىلىمىنى ۋە شۇ قاتارلىق پوزىتىپ پەنلەرنى يۈكسەك ئەدەبىي سەۋيە ياراتماي تۇرۇپ ئاددى تىلدا ئاڭلاتقىلى بولمايدۇ.
شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ غول ھۆجەيرە تەتقىقاتىنى زاغرا تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.چۈنكى ئۇنۇڭدا خەلىق تىلىدا يوق،ئاكادىمىك مەنىگە ئىگە ئۇقۇملار كۆپ.
ئاددى نەرسىنى مۇرەككەپلەشتۇرسەك سەتلەشكەنگە ئوخشاش مۇرەككەپ نەرسىنى ئاددىيلاشتۇرۋەتسەك قىممىتىنى يوقىتىدۇ.
ئىلمىي مۇنازىرىگە قاتنىشىش ئەقىلنى تاۋلاشنىڭ قۇرالى. ئىلمىي مۇنازىرىدىن سەسكىنىش ئەقىلسىزلىقنىڭ ئىپادىسى.
كىشىلەردىكى مۇنازىرىدىن سەسكىنىش،«تۇيۇقسىز ھىرىپ كىتىش»ۋە ھاياجان بىلەن پىكىر قىلىش ھەقىقى ئىزدەنگۈچىلەرگە توسالغۇ بولىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
پۈتكۈل دۇنيا ھەقىقەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇيغۇردىكى ئىلمىي كەيپىياتنىڭ زەيىپلىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن تارىخىغا نۇمۇس تامغىسىنى باسىدۇ.
كۆپۈنچە كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا تا ھازىرغىچە تىراگىدىيەنى سەنئەتتىن،ناخشا موزىكىدىن ئىزدەيدىغان ئىلمىي بوشاڭلىق بار.ھەتتا ئاتاقلىق زىيالىيلارنىڭ سەنئەت ھەققىدىكى  بىلجىرلاشلىرىنى ئاڭلاپ ياقىللىرىمنى چىشلىگەن زامانلىرىم بولدى.
دۇنيا تارىخىدا بىر مىللەتنىڭ ئاقىۋىتىنى سەنئەتكە  باغلاپ ناخشا-موزىكىغا ئۆچمەنلىك قىلغان مىللەتتىن بىزدىن باشقىنى تاپالمىدىم.
مەسىلىنىڭ نىگىزىدىن ئۆزىمىزدىن ئىلىپ قىچىپ، ئارام ئۈچۈن  تىلىۋۇزۇر كۆرگەندا ئىسىمىزگە كىلىپ قالغان پالەشچە تەپەككۈرىمىز،ناخشىغا ئۆچمەنلىك تىئورىسىنى جاھالەت ئىچىدىكى كاللىمىزغا كىيگۈزۈپ قويۇپتۇ.
شۇنچىلىك ئويلىساممۇ سەنئەتكە خۇمار مىللەت دىگەن نامنىڭ قىلچىلىكمۇ سەلبىيلىكىنى تاپالمىدىم.
دۇنيا سەنئەت سەھنىسىدە چاقنىغان بىرەر  سەنئەتچىسى يوق مىللەتكە، سەنئەت خۇمار دىگەن نامنى بىرىشنىڭ ئۆزى ئەسلى كۈلكۈلۈك ئەھۋال.
«پەن-تىخنىكىدا ئۇتۇق قازانغان مىللەت »دىگەن نامنى ئالالمىساق ئارتۇق كەتكەن «سەنئەت خۇمار مىللەت» دىگەن بۆكنى تاتلاپ ئويناش ھەقىقەتەن كىشىگە ئىچىنىش كەلىمىسنى ئەسلىتىدۇ.
ئىلمىيلىكنىڭ ئۇيغۇر ئىلىم ساھەسىدە ھىسياتقا تايىنىشچانلىقى ئىنتايىن ئىغىر ئەھۋال.
بىر مىللەتتە بىر ئىلمىي مۇنازىرىنىڭ «كۆتىنى كولاش»،ئوبزۇرنىڭ «كۆرەلمەسلىك» دەپ ئەسلىنىشىنىڭ ئۆزىگە كىشىنى پۈتمەس ئىچىنىشلارغا غەرىق قىلىدۇ.

مەزكۇر تىمامنىڭ ئىنكاسلىرىدا تىمىدىكى نۇقتىلارنىڭ ئىسپاتلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.كىشىلەر بۇ تىمىدىكى زىيالىيلار ھەققىدىكى بايانلارنى ئوقۇپ ئۇلۇغلىرىنى قوغداشقا ئىنكاسلىرىنى قۇرال قىلىپ ھوجۇمغا ئۆتىدۇ.
مىننىڭ ھىچبىر زىيالىيغا ھوجۇم قىلىش غەرزىم يوق.پەقەت كاللامدىن ئۆتمىگەن نەزىريەلىرىگە تەنقىد بىرىش  ھوقۇقۇم بار.مىنىڭ نەزىريەگە  ياكى يازمىغا تەنقىد بەرگىنىم زىيالىيغا ھوجۇم قىلغىنىم ئەمەس.يۇقۇردىكى زىيالىيلارنى ھۆرمەتلەيمەن.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hatem + 126 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
kanjahun1 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
dilbasta + 97 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 233   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97341
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 10:32:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ۋېلى زىرەككەك

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3659
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 823 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 10:33:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zubayra1 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 10:32 PM

سىز ئەل كۈيىدىكى تورداشمۇ

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3241
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8496
تۆھپە نۇمۇرى: 387
توردا: 879 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 10:57:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ماۋۇ تېمىنى نادىرلاپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ...قېنى سىلەر ھاي باشقۇرغۇچىلار...ئاۋازغا قويامدۇق.
كورىيەلىكلەرمۇ ئەينى يىلى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلىقى %100 مۇقىملىشىپ قالغان بىيولوگىيە ئالىمىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئېچىپ تاشلىغان ئىدى. لېكىن ئۇلار «غەيۋەتچىلەر»، «كۆرەلمەس»، «ئورا كولىدى»، «بىز كورىيەلىكلەر زادى مۇشۇنداق خەق، بىر بىرىمىزنى كۆرەلمەيمىز» دەپ باقمىدى.
ئەكسىچە ئىلىم-پەننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىدى، كورىيەلىكلەر ئىلىم ساھەسىگە ساختىلىقنى سىغدۇرمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇلار ئىلىم-پەنگە ئەنە شۇنداق ھۆرمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھازىر ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتماقتا. سامسۇڭ (سەنشىڭ)، ھۇنداي (شىيەندەي)، LG ...قاتارلىقلار ۋە باشقا ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى گۇۋاھ بولالايدۇ.


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
dilbasta + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5119
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1898 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 11:54:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karluk2009 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 10:57 PM
مېنىڭ ماۋۇ تېمىنى نادىرلاپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ...قېنى سى ...

قوشىلىمەن  مۇمكىن بولامۇ ؟

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4122
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 12:50:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sardor0908 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 11:54 PM
قوشىلىمەن  مۇمكىن بولامۇ ؟

بولمايدىغان چىراي

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111191
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 467
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 01:08:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق بىر تىما ئىنتايىن زورۈر ئىدى،  ھەقەقەتەن نادىرلاپ قۇيۇشقا تىگىشلىك !   

ئادەم كۇلكىسى بى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2970
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13603
تۆھپە نۇمۇرى: 920
توردا: 5301 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 02:13:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئىشلارنى تولۇق ئىپادىلىگەن ماقالە بوپتۇ!
ئىلمىيلىك ساختىلىق ،نەزەرىيە ۋە پەلسەپە قۇرۇق سەپسەتە ، سەنئەت ئەخمىقانىلىق  دەپ قارىلىۋاتقان  تۇتۇق تونۇشلارنىڭ ئىچىدە قىينىلىۋاتقان مەزگىلدىكى يامغۇر بولغانلىقىڭىزغا ئاپىرىن .

قېىنى ھاياتنىڭ سىناقلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ ،غەملىرىدىن قانغىچە ئىچىپ ،داۋانلىرىنى خوشال بېسىپ باقايلى !!1

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6933
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 03:05:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەلى مۇئەللىمنى قوللايدىغانلار ..  ئۇنىڭ  جاۋاب بەرگەن تېمىسدا..       پىكىرى  بارلار  ماۋۇ تېمىغا يىغىلىدىغان  چىراي     


  لىكىن  مومكىن بولسا .. ھەممىز  سوغۇق قانلىق بىلەن  توغرىنى  قوبۇل قىلىپ، خاتاسىنى تۈزەتسەك ياخشى بولاتتى ..   ئىنكاسلار  تېمىدىن چەتنەپ شەخسىكە  قارتا بولۇپ قالدىكەن   تەرەققى قىلىۋەرسە....

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39152
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 533
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 03:10:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
karluk2009 يوللىغان ۋاقتى  2015-1-9 10:57 PM
مېنىڭ ماۋۇ تېمىنى نادىرلاپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ...قېنى سى ...

قوشۇلىمەن نادىرلاشقا،،،

جاھان باقى ئەمەس لوقمان،چېغىدا تاپمىدى دەرمان، مىسالدۇر رۇمى ئىسكەندەر،ۋە ھەتتا ۋەھشى چېڭگىزخان، كىلىپ-كەت ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش