izdinish يوللىغان ۋاقتى 2015-1-9 02:55 PM
مۇئەللىم ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئەلى قۇربان ، زىۋىدە خان ...
ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئىزدىنىش ئۇكام!
سەمىمىي سۆزلىرىڭىزدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم. رەھمەت!
ئەلى قۇربان ئەپەندىمنىڭ لېكسىيىسى بىلەن زىۋىدە خانىمنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا يازغان يازمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا تورلاردا ئېلىپ بەرىلىۋاتقان بەس-مۇنازىرىلەردىن مېنىڭمۇ بىر ئاز خەۋىرىم بار بولۇپ، مەن سىزگە ئوخشاش بىر قىسىم ئۇكىلارنىڭ كۆڭلى نېمە ئۇچۇن تىت-تىت ۋە يېرىم بولىدىغانلىقىنىمۇ بىر ئاز چۈشىنىمەن. ھەمدە سىلەرگە چوڭقۇر ھېسداشلىقىم بار. مەن بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر ئايرىم تېما يېزىش كېرەكمۇ-يوق، دېگەن ئىش ئۈستىدە بىر ئاز ئويلىنىپ باقاي.
مەن ئۆزەم ھازىرقى ئەھۋالدىن بىر تەرەپتىن خوشال بولسام، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا بىر ئاز ئېچىنىۋاتىمەن.
مېنىڭ خوشال بولغان تەرىپىم، بىز ئۈچۈن ھازىر ئاشۇنداق لېكسىيە سۆزلەش پۇرسىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ۋە ئۇنىڭدىن بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلىقى بىر چوڭ ئامەت. ئۇنى ھەممىمىز قەدىرلىشىمىز، ئايىشىمىز، قوغدىشىمىز، ۋە بۇ جەھەتتىكى يولىمىزنى بارغانسېرى كېڭەيتىپ مېڭىشىمىز كېرەك. ھەرگىزمۇ چاپاقنى ئېيتىمەن دەپ كۆزنى قارغۇ قىلىپ قويىدىغان ئىشنى قىلماسلىقىمىز كېرەك.
ھەر قانداق ئىش ئەڭ دەسلىپىدە ئۇنچىۋالا مۇكەممەل بولۇپ كەتمەيدۇ. ئەڭ دەسلىپىدە ئادەم بىر ئىشنىڭ ھەممە تەرىپىگە باراۋەر يېتىشىپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا يېڭى ئىشنى باشلىغان بىر ئادەمگە بىر تەرەپتىن ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش پۇرسىتى بېرىش كېرەك. ھېچ قانداق ئادەم مۇشۇنداق بىر تەدرىجى تەرەققىيات يولىنىڭ چېكىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتەلمەيدۇ.
ھەر بىر مەسىلە ئۈستىدە كۆپ ئادەمنىڭ كۆپ خىل كۆز-قارىشى مەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا ئوخشىمايدىغان كۆز-قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىشى، بىر نورمال ئەھۋال. ئۇنىڭغا بىئارام بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بولۇپمۇ مەن زىۋىدە خانىمنىڭ يازمىسى ئۆز-ئۆزىمىزنى توغرا تەربىيىلىشىمىز ئۈچۈن بىر زۆرۈر ۋە قىممەتلىك ماتېرىيال، دەپ ئويلايمەن.
ئوخشاش بىر گەپنى قىلىشنىڭ، ئاڭلىغۇچىلارغا ئوخشاش بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللىرى بار. چوڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا لېكسىيە سۆزلەش ئارقىلىق باشقىلارنى يېتەكلەش رولىنى ئويناۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس لېكسىيە سۆزلەش ئۇسلۇبى بار بولۇشى بىر مۇھىم ۋە قىممەتلىك ئەھۋال. باشقىلىرىمىز ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، شۇنداقلا ھەممىمىز ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا، دورامچىلىق قىلماي، مۇستەقىل ئىش كۆرۈشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز بۇنداق سورۇنلاردا مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشىمىز، مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى نامايان قىلىشىمىز، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭكىگە ئوخشاش يۇقىرى سۈپەتلىك كەسپىي ئەخلاقنى ئۆزىمىزگە ئۆلچەم قىلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق قىلمىساق بىز لېكسىيە ئاڭلىغۇچىلارنى ئەخلاق جەھەتتە يۇقىرىغا يۈكسەلدۈرەلمەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم ئورۇنسىز ۋە پايدىسىز ئەھۋاللارنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز.
ھازىرچە ئېسىمگە كەلگەن گەپلەرنى مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي. ئاخىرىدا ماڭا بىر ياخشى تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن.