|
|
|
|
تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيەسى ئىشلىگەن، پۇل ۋە بەخت باش تېما قىلىنغان «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە» ناملىق كومېدىيەلىك كىنونى سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتى 9- ئاينىڭ 28- كۈنى رەسمىي باشلاندى. بۇ فىلىمدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى كىچىككىنە بىر كەنتتە ياشاۋاتقان ئالىم، كېرەم، سەلىمدىن ئىبارەت ئۈچ دېھقاننىڭ، دوستى مۇسانىڭ يېرىدە ئىشلەۋېتىپ، بىر ساندۇق پۇل تېپىۋالغانلىقىدەك ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ. بۇ 1953- يىلى ئىككىنچى قېتىم بېسىلغان 30 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچ دېھقاننىڭ جىمجىت تۇرمۇشىدا داۋالغۇش پەيدا بولىدۇ. ئائىلە شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئالىم بۇ پۇلنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ؛ سودىغا ئېپى بار، مىجەزى شوخ كەلگەن كېرەم بۇ پۇلنى ئۆزلىرى بۆلۈشۈپ ئىشلىتىشنى ئېيتىدۇ؛ گۈزەل قىز گۈلشەنگە ئاشىق-بىقارار بولۇپ يۈرگەن سەلىم قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالىدۇ… بۇ جەرياندىكى ۋەقەلىكلەر فىلىمدە كومېدىيەلىك ئۇسۇللار بىلەن ئىپادىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۇلنىڭ ھەممىگە قادىر ئەمەسلىكى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەتنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدىغانلىقى ئىسپاتلاپ بېرىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 d7 I. J+ V0 W2 f1 R% ]
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 \% m8 }: G/ B' q/ t: |: S3 _* l( B6 o8 |
شەبنەم مۇنبىرى قايتىدىن قۇرۇلدى دوسلارنى زىيارەت قىلىپ بىقىشكە تەكلىپ قىلىمىز. تور ئادىرسىمىز: www.shebnem.cn www.dawrem.cn بىز دوسلارنىڭ قوللاپ بىرىشىگە مۇھـتاج
|
|
|
|
|
|