مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 350|ئىنكاس: 1

سەنئەت ۋە ئۇنىڭ قىممىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86661
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1269
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 231 سائەت
تىزىم: 2012-10-31
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 10:23:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەنئەت ۋە ئۇنىڭ قىممىتى

نۇرمۇھەممەت ئۆمەر

مەن سەنئەتكار  ئەمەس،شۇڭا مەلۇم   سەنئەتكە ۋە سەنئەتكارلارغا ئۇنداق ياكى بۇنداق باھا بىرەلمەيمەن.

مەن پىسخولوگ ئەمەس ئەمما ھىسياتلىق ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن سەنئەتنىڭ ئادەمگە قانچىلىك روھى ئۇزۇق بىرەلەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيمەن.

يەنەشۇنداق ھىسياتلىق ئادەم بولغانلىقىم ئۈچۈن مەنمۇ سەنئەتنى جۈملدىن ناخشىنى ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىمەن،شۇنىڭ ئۈچۈن ناخشىچىلارغا ھەقىقەتەن ئىخلاس قىلمەن.

ناخشا ئېيتىشنى ياخشى كۆرىمەن ئەمما ئۇ تۇرمۇشۇمنىڭ پۈتۈن قىسمى ئەمەس.

مەن بارلىقىمنى بىغىشلاشقا تىگىىشلىك باشقا نۇرغۇن ئىشلار جۈملىدىن كەسپىم ۋە ئائىلەم بار ،نۇرغۇن كىشلەرنىڭ سەنئەتكە سەنئەتنىڭ بىر تۈرى بولغان ناخشغا ۋە ناخشىچىلارغا بولغان قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس.ئەلۋەتتە مىنىڭ قارشىممۇ ئۆزگىچە،كىشلەر ناخشىچىلارنىڭ دائىم ئىكراندىكى سىماسىنى كۆرگەندە ئۆزنىڭمۇ شۇلاردەك داڭلىق چولپان بولغۇسى كىلىدۇ مىنىڭمۇ ھەم شۇنداق.بۇ ھەر قانداق ئادەمدە بولىدىغان نورمال تۇيغۇ،ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزى ھەۋەس قىلغاندەك چولپان بولۇپ كىتەلىشى ناتايىن.

بەزىلەر سەنئەتنى جېندىن ئەزىز كۆرىمەن دەپ قارايدۇ. ئەمما ئويلىغاندەك سەنئەتكار ئارتىس، ياكى ناخشىچى بولالمايدۇ.

بۇ ئۇلارنىڭ بۇشاڭلىقمۇ؟ ياق ئۇنداقمۇ ئەمەس ،چۈنكى ئادەمنىڭ ھايات مۇساپىسدىكى تالىشى ئوخشاش بولمايدۇ. تاللاش ۋاقىتنىڭ ئۆتشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

شۇڭا بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ مىنىڭ پالانى ناخشىچىدەك،ياكى ئارتىستەك چولپان بولغۇم بار ئىدى دەپ ئەپسۇسلىنىپ كىتشىنىڭ زۆرۈرىيتى يوق.

خاتىرجەم بولۇڭ ئۇنداق شىرىن خىياللاردا بولغان يالغۇز سىزلا ئەمەس.

ھاياتىمىزدا شۇنداق بىر ناخشىلار بولغان بىزگە تۇنجى قېتىم ئاجايىپ.بىر تۇيغۇلارنى ئاتا قىلغان.ئۇ ناخشىنى ھازىر ئاڭلىسڭىزمۇ خۇددى شۇ ئۆتمۈشىڭىزدىكىدەك تۇيغۇغا،تەسۋىرىلىگۈسىز بىر رومانتىك تۇيغۇلارغا چۈمۈ    لىسىز ئىختىيارسىز كۆزڭىزگە ياش كىلدۇ،ھەتتا ئۆتمۈشلىرىڭىزدىن ئازاپلىنسىز. تۈگمەس خىيال دەرياسىغا غەرىق  بولسىز، نىمدىگەن گۈزەل ناخشىلار....شۇنداق، شۇنداق بولشى كىرەك، ئەسلەش،كىرەك،ئاشۇنداق  ھاياجانلىنۋېلش كىرەك،ئەمما ئۆتمۈشنى ئەسلەپ ئەپسۇسلانماڭ، قايتۇرۇپ ئەكىلەلمەيدىغان ۋە ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغان ئۆتمۈشىڭىزنى بولدى قىلىڭ ئۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىڭ، تۇرۇپ كىتىڭ ،ئىبرەت ئېلىپ دادىل كەلگۈسىگە يۈزلىنىڭ.

بەزىلەر سەنئەتنى ئۇنداق ياكى بۇنداق يوسۇندا ئۇنى مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن سىلىشتۇرۇپ تەنقىدلەيدۇ. سەنئەتنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلدۇ.

سەنئەت گۇناھسىز،ئۇ ئۆزنىڭ تۈرلۈك شەكلىللىرى ئارقىلىق ئىنسىان روھىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ بۇ ئارقىلىق ئىنسان روھىنى غىدىقلايدۇ  

بىر قىسىملىرىمىز سەنئەتنى ئۇنداق ياكى بۇنداق باھانىلار بىلەن،باھالاپ ئاخىرى ئۇنى ئۈزىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزگە تەدبىقلاپ ئۇنداق ياكى بۇنداق باھالارنى بىرىپ ئۆتكەن بولدى.

ئۇنى توغرا چۈشنىشكەبولىدۇ چۈنكى ،قانداق ؟ دىگەن سۇئالغا ھەممەيلەن جاۋاپ بىرەلەيمىز ،قانداق قىلىش كىرەك ؟ دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بىردىغان ئادەم ئاز.بىز باھا بىرىشكە ئۇستا يۆنلىش كۆرسىتىشكە چولتا بولغاچقا،بىز سەنئەتكە ھىرىسمەن مىللەت،بىزجاھالەتكە پاتقاندىمۇ،سەنئەت بىلەن ناخشا بىلەن ئۆزىمىزنىڭ دىل خەسچىلكىمىزگە مەلھەم تېپىپ ،پىسخىكىمىزنى داۋالاپ كەلگەن ئەمەسمىدۇق.

بىزنىڭ قايسى تۈردىكى سەنئەت پىروگىراممىللىرمىزنىڭ كۆپ بولشى سەنئەتكارلىرىمزنىڭ  قانچىلىك كۆپ بولشى بىزنىڭ مىللەت بويىچە ھەممىمز سەنئەتكارغا ئايلىنىپ كىتشىمىز دىن دىرەك بەرمەيدۇ،ئۇلار ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدىكى ئالاھىدە شەكىل ۋە ئالاھىدە ئۇسۇللار ئارقىلىق دائىم دىگۈدەك كۆزىمىزگە كۆپرەك چېلقىپ تۇرىدۇ خالاس. باشقا ساھەلەردىكى چولپانلارمۇ ئاز ئەمەس.مۇھىمى بىز ئۇنى قايسى شەكىلدە قانچىلىك تونۇشتۇرشىمىز ،تەشۋىق قىلشىمىز ،بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر ھالدا تور تەشۋىقاتى بۇ جەھەتتىكى بوشلىقىمىزنى ئاز تولا تولدۇرۇپ تۇرۋاتىدۇ.

بىز ناخشىچى مىللەتمۇ؟بىز قاچان ناخشىچى مىللەت بوپ قالدۇق؟ دەيمىز مىنىڭچە بىر قىسىم جۈرئەتسىزلىككە،ئۆتۈپ كەتكەن دورۇمىچىلىققا كۆنۈپ كەتكەن بىر قىسىم ياشلىرىمىزنىڭ ئاز-تۇلا بولسىمۇ،مەنمۇ قىلىپ باقاي ! ئىكرانغا چققاندىكى تۇيغۇنى ھىس قىلىپ باقاي ! دەپ جۈرئەت قىلىپ بېقشى،سىناپ بىقىشنى،شۇ ئارقىلىق ئۆزىدىكى ئىشەنچنى قوزغىتىشقا جۈرئەت قىلشنى مىنىڭچە خاتا دىگىلى بولمايدۇ .

باشقا ئشقا جۈرئەت قىلسا بولمامدۇ دىىيشىڭىز مۇمكىن،مەسلەن قايسى ئشقا؟ دىگەن سۇئالغا قانداق جاۋاپ بىرىش كىرەك؟ئۇلارغا قىلاي دىسە ئىش ئاز ئەمەس ،ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق شۇ......كۈچ يەتكەن ئىشقا تەۋەككۇل قىلغىنى مىنىڭچە ئاقىللىق.

قانداقتۇر ئۇلارنىڭ مەلۇم سەنئەت پىروگىرامىمىللىرىغا چىقىپ قۇيۇپلا شۇ ساھە بىلەن مەڭگۈ شۇغۇللىنىپ كىتىشى ناتايىن،چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى تۇلۇق ھىس قىلالمىغان چۈشنەلمىگەن تۇيغۇدا تۇرۋاتىدۇ،ئەمما ئۇلار ئۆزىنى چۈشنىش ئۈچۈن جۈرئەت قىلۋاتقانلار خالاس،ئۆزىنى تولۇق تونۇپ يىتەلىگەندە مەن مۇنداق ئىشلارنىمۇ قىلالايدىكەنمەنغۇ دىگەن كۆز قاراشقا چوقۇم كىلەلەيدۇ. ياشلىرىمىزنىڭ بۇ قىزقىشنىڭ تۈرتكىسدە بىرەر ئىشقا جۈرئەت قىلماي ،قول سېلىپ قىلىپ باقماي ،شىرىن خىياللارنى قىلىپ بىكار تەلەت يۈرگەندىن ياخشى. سەنئەتنىڭ بۇ رولدىن مۇۋاپىق پايدىلنىش كىرەك.

سەنئەتنىڭ تەرەققىي قىلشى بىر مىللەتنى پاسسىپ ھالدىكى سەنئەتچى مىللەتكە ئايلاندۇرۋىتىدۇ دەپ قارىساق خاتالاشقان بولىمىز.

ئەمما سەنئەتنىڭ نىملىكنى چۈشەنمەيدىغان ھورۇن تەييارتاپ بەزى ياشلارنىمۇ ئارىمىزدا يوق دىگۈلى بولمايدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىنى سادىلارچە سەنئەتكە قىزقىمەن دەيدۇ ،سەنئەتنى تۇرمۇشنىڭ يولى قىلۋالدۇ-دە،ئۆزنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن يېرىم يولداتوختاپ قالدۇ ئاخىردا ھىچ ئىشنى بىرباشقا ئىلىپ چقالمايدۇ.

ناخشا ئۇ بىر شىپالىق دورا كەيپىياتىڭىز چۈشكۈن چاغلاردا يالغۇز جايلارغا بېرىپ راسا بىر پۇخادىن چىققۇدەك ۋارقىراپ ناخشا ئىيتىۋىلىڭ،خىزمەت ئالدىراشلىقىدا ئىچىڭىزدە غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ بېقىڭ.

بولسا ئىشخاندا ئولتۇرىۋەرمەي سىرىتلارغا چىقىپ خەلىق ناخشىللىرىغا تولاپ بېقىڭ قانداق ھىس قىلدىكەنسىز. بەزى ئويلىنىشلىرىمىزنى بىز سەنئەت ئارقىلىق،سەنئەت شەكلى ئارقىلىق تېپىپ چىقالايمىز،چۈنكى سەنئەتنىڭ ئاممىۋىلىقى باشقا ساھەلەرگەقارغاندا كەڭ بولدۇ.ئۇنىڭ ئارقىلىق تەربىيە ئېلىپ بارساقمۇ بۇلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانچىلىك بۇلۇۋاتقانلىقنى كۆپ سۆزلەشنىڭ زۈرۈيىتى يوق،سەنئەت رەڭدار شەكىللىرى بىلەن تۇرمۇشىمىزنى مەنىگە،گۈزەللىككە ئىگە قىلىدۇ.

ئەمما ئۇنىڭ بىلەنلا بۇلۇپ ئەمەلي سەنئەت تالانتىمىزنى چۇشەنمەي تۇرۇپ ئۇنىڭغا سەۋدالارچە ئەگىشىش ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى توغرا ھىس قىلالمىغانلىقى ،چۈشەنمىگەنلىكى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن سەنئەتنى سىياسىۋىيلاشتۇرۇشمۇ بىر ئاخمىقانىلىق،بەزى يۇرۇتلاردا«ئىلغار مەدەنىيەتنى يىتەكچى قىلىش»نامى بىلەن ئىش ئەمگەكنى تاشلاپ قويۇپ مەجبۇرى ئۇسۇل ئويناش،ناخشا ئېيتىش،مۇسابىقىسى دىگەندەك پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىۋاتىدۇ.

بەزى يۇرىتلارغا مەكتەپلەرگە بۇلار ۋەزىپە ، ھەممە ئادەم كوللىكتىپ مۇشۇنداق ئىشلارنڭ ھەلەكچىلىكىدە ئاۋارە..... خەلىققە مەنىۋى زوق ئاتا قىلىش ،نىمىنىڭ ئىلغارلىق نىمىنىڭ ئەسەبىي چىرىك ئىدىيە ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش مۇھىم، ئەمما ئۇنىڭ ئۇسۇللىرى چۈشىنىشلىك رەڭداربولۇش ،تەربىيۋى ئەھمىيتى قىممىتى ،ئۈنۈمى بولۇشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم .

سەنئەتنىڭ خەلىقنى يىتەكلەش،خەلىقنى قوزغىتىش رولى ھەقىقەتەن زور.

بۇنى كىشلەرنىڭ ئىددىيسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا ئىددىيۋى تونۇشقا ، يېڭىچە ئىددىيۋى تونوشقا يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بەرمەستىن ،خەلىقنىڭ رايى تەلپىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلمەستىن ئۇنى زورلاش ئارقىلىق ياكى شەكىلۋازلىق قىلىش ئارقىلىق مەدەنىيلەشتۇق دەپ قاراش ئاقىلانىلىك بولمايدۇ،خەلىقنىڭ نۇرمال ئىشلەپچىقرىش تۇرمۇش ئۈگۈنۈش،خىزمەت ئىشلىرغا قولايلىقلاشتۇرۇپ خەلىق چۈشىنەلەيدىغان ئاددى شەكىللەر بىلەن  ئىلىپ بارساق تىخىمۇ ياخشى  ئۈنۈمگە ئىرشەلەيمىز.  مەنىۋى مەدەنىيلىككىلا كۈڭۈل بۈلۈپ باشقا جەھەتلەرگە سەل قاراش ئوخشاشلا شۇ رايوننىڭ ئۆز ئەھۋالىنى شۇ رايون خەلقىنىڭ ئەھۋالىنى تولۇق چۈشەنمىگەنلىك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.شۇڭا دۆلەت مەدەنىيلىك قۇرلىشىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلدى ۋە ئۇنى خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى.

سەنئەت سەنئەت يولى بىلەن راۋاجلانغىنى ياخشى،باشقا ساھەلەرمۇ ئۆز ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلگنى ياخشى. سەنئەتكە قىزقىش سەنئەتنى سۈيۈش ياخشى ئىش. سەنئەتنى ئىنكار قىلىش ئۇنىڭ رولىغا سەل قاراش،ياكى سەنئەتنى بەك كۈچەپ تەكىتلىش،ئىككىلىسىلا خاتا.بىلىش كىرەككى سەنئەت بىزنىڭ بايلىقىمىز ئەمما بارلىقىمىز ئەمەس.

مەنبە:

تۈمەن0998

2015-يىل1-ئاينىڭ9-كۈنى


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 130
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11026
تۆھپە نۇمۇرى: 357
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-10 01:01:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنى تولىمۇ ياخشى بىر تىما بوپتۇ  مىنىڭ كۆز قارشىمدا  بولسا سەنئەت مىللەت  تىل ئايرىمىسى بولىمىغان ئىنسانلارنىڭ  روھىيەت  دۇنياسىدىكى  بىر خىل ئوخشاش  بولمىغان تۇيغۇنىڭ گۈزەل بىرخىل ئۇسۇلدا ئىپادىلىنىشى دەپ ئويلايمەن .شۇڭا ئۇنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بىرخىل مەنىۋى گەۋدىنى سەنئەتكە باغلىۋالماي ئۇنى بىر خىل كۆز قاراشقا باغلىۋالماي.ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشنى شۇنداقلا ئۇنىڭ قەدرىنى بىلىش كىرەك دەپ ئويلايمەن

مۇھەببەت بىلەن نەپرەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش