ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1195.4 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1210.7 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1167.77 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1188.64 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 92.17 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1214 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئامېرىكا فېدېراتسىيىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى بازارنىڭ يۆلىنىشىگە ئانچە تەسىر كۆرسىتىپ كەتمىدى ، تۈنۈگۈن دوللار ۋە پاي چېكى بازىرىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئازراق تۆۋەنلەپ ، 3 كۈنلۈك ئۆرلەش ھالىتىنى ئاياغلاشتۇردى . نۆۋەتتە بازار دىققىتىنى جۈمە كۈنى ئېلان قىلىدىغان ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشتۈردى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى جۇڭگو 12 - ئايلىق سودا ھېسابات سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا يۆلىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ياۋرو رايونىنىڭ ئىقتىساد گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى ۋە پارچە سېتىش سانلىق مەلۇماتى ئەگەر ياۋرو رايونىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ئاجىز چىقسا ياۋروغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكىنىڭ ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى، بۇ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ياخشى ناچار بولىشى ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1206-1214 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى كىچىك ئۆرلەپ ئاندىن 1215 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى . ئاسىيا بازىرىنىڭ سائەتلىك سىزىقى چۈشۈش ھالىتىدە بۇلۇپ 1200-1203 دوللار ئەتىراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1210-1215 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ . ئەگەر 1200 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1193-1190 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
2. ياۋرۇپا ئامىرىكا بازىرىدا 1200 دوللار ياكى 1190 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 10 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ . ياۋرۇپا ئامىرىكا بازىرىدا 1220 دوللار ياكى 1218 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىشقا بولىدۇ .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1220 1225
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1190 1200
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1220-1198
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1200
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1230
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش