مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1216|ئىنكاس: 18

[مۇھاكىمە] فىزىكا ، ماتېماتىكا ئالىملىرىمىزغا مۇراجىئەت (1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11678
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1670 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 10:35:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



[مۇھاكىمە] فىزىكا ، ماتېماتىكا ئالىملىرىمىزغا مۇراجىئەت (1)

كەمىنە ئەلپەنچى 2013-يىلى داۋالىنىش مەزگىلىدە ،  قاسىم سىدىق مۇئەللىمنىڭ يېقىندىن قوللىشى ،  تاشپولات روزى دوكتور ئاكىمىزنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالىنى قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ كۆرۈپ بېرىشى ۋە كوپ قېتىم تېلېفون ئۇرۇپ ، خەت يېزىپ مەدەت بېرىشى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىزىكا پاكولتىتىدىكى دوكتور مەمەت رىشات مۇئەللىم ، بۇرھان مۇئەللىم ۋە نۇر ئىلى قاتارلىق ئۇستاز ، ئاسپىرانتلارنىڭ مۇشۇ ماقالىنىڭ دەسلەپكى ئارگىنالىغا ياكى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانى  ۋە ياكى باشقا ماقالىلەرنى يېزىش جەريانىدا  قىممەتلىك  پىكىرلەرنى بېرىشى  ، بىلىمخۇمار دوكتور ، ئۇستاز يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ،  بىلگەجان دوكتور ، بىلىگ ئەپەندى ، بىلگەيار ئەپەندى  ، قۇمباغ ئەپەندى ، تېۋىلغا ئەپەندى ، ئابدۇرۇسۇل راخمان ئەپەندى ... قاتارلىق ئۇستاز، ئاكىلار  ۋە بارلىق تورداشلارنىڭ  ئىلھاملىرى بىلەن ئىككى پارچە ماقالە يازغان ئىدىم.
شۇ ۋاقىتتا يازغان << مۇقىم ئوقتا ئىنېرتسىيەلىك ئايلىنىۋاتقان ماددىي نۇقتا سىستېمىسىنىڭ ئىنېرتسىيەلىك تۈز سىزىقلىق ھەرىكەت جەريانىدىكى ئالاقىدار سىمىتىرىكلىكنىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيەسى خاراكتېرلىك بۇزۇلۇشى توغرىسىدا يۈزەكى مۇھاكىمە >> (ۋە ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخسى) دېگەن تىمىدىكى  بىر پارچە  ماقالىنى  ماڭا ياردەم بەرگەن ، بۇ  (ۋە  ياكى باشقا )   ماقالىنى كۆرۈپ ، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر ، مەدەت بەرگەن  تاشپولات روزى دوكتور، مەمەت رىشات دوكتور قاتارلىق ئۇستازلار ۋە بارلىق تورداشلارغا، 1996 -يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىيولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە يازغان << يەر شارىنىڭ سۇ- مۇز دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈشنىڭ سىرى توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئويلىنىش >>  دېگەن تىمىدىكى ماقالەمنى كۆرۈپ بېرىپ ، ماڭا ئۆزى يازغان << نىسپىيلىك نەزەرىيەسى ۋە كوسمولۆگىيە ئاساسلىرى >> دېگەن كىتابىنى سوۋغا قىلىپ ، مېنى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى يولىغا باشلاپ كىرگەن مەرھۇم ئۇستاز غاپپار غېنى (ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي) مۇئەللىمنىڭ روھىغا ، جۈملىدىن مېنى بېقىپ ئۆستۈرگەن ئاتامغا ، مەرھۇم ئانام (ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي) نىڭ روھىغا ، مېنى قوللاپ كېلىۋاتقان مەمەتجان قاتارلىق قېرىنداشلىرىم ۋە ئايالىمغا  شۇنداقلا بارلىق قېرىنداش - تورداشلارغا  سەمىمىي تەشەككۈر  ئېيتىپ ، بىر قىسىم ئامىللارنى نەزەرگە ئېلىپ ھازىر ئېلان قىلىمەن .
تاشپولات دوكتور ۋە مەمەت رىشات دوكتور ، بۇرھان مۇئەللىملەردىن ئۇلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە ماقالىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىم ۋە قىسقارتالمىغانلىقىم ئۇچۇن كەچۈرۈم سورايمەن .
خەنزۇچە  ۋە ماتېماتىماتىكىلىق (ئالى مەكتەپتە بىئومىتىرىيەدىن باشقا ماتېماتىكىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك پەن ئوقۇمىغان ، خەنزۇ تىلىدىمۇ بەك ئاجىز ئىدىم  ) ئىپادىلەش سەۋىيەرىمنىڭ تۆۋەنلىكى ،خەنزۇ تىلى ، ماتېماتىكا ،  فىزىكىنى ئۆزلۈكۈمدىن ئىشتىن سىرت ئۆگەنگەنلىك ، ماتېرىياللارنىڭ تولىمۇ كەمچىللىك ۋە  ئۇستازلارنىڭ قۇلىدا سىستېمىلىق  تەربىيلەنمىگەنلىك .... قاتارلىق ئوبيېكتىپ ، سۇبيېكتىپ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن  ئىپادىلەش ، تەپەككۇر يولى ، ماتېماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش ۋە يېزىش ئۇسلۇبىدا نۇقسانلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي ، ئۇستازلار ۋە تورداشلارنىڭ كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
ئەسلى بۇ ماقالىنى ئىلمى ژۇرناللارغا ئەۋەتكەن بولسام توغرا بۇلاتتى ، بىراق ، مەندىكى كەسىپ ئىگىسى بولماسلىق، ئىقتىسادى ئەھۋال ( بىر قىسىملار بىلەن ئالاقىلەشكەن ،ھەجىمى چوڭ ئىكەن ، بىر نەچچە سانغا بولۇپ ئېلان قېلىشقا توغرا كېلىدۇ ، شۇڭا ، ھەربىر تاۋاققا ئۈچ مىڭ يۈەندىن ھېسابلىساقمۇ يۈز مىڭ يۈەن ئۆپچۆرىسىدە پۇل كېتىدۇ  دېگەن جاۋابنى ئالدىم ) ...ئەڭ مۇھىمى ماقالە سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى  قاتارلىق ئىشلار ۋەجىدىن مەزكۇر ماقالە نەشرىيات يۈزى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىدى .
بارلىق ئۇستازلارنىڭ بولۇپمۇ فىزىكا ، ماتېماتىكا ئالىملىرىمىزنىڭ بۇ ماقالىنىڭ تەپەككۇر يولى ، ماتېماتىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىشلار ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر توغرىسىدا قىممەتلىك پىكىر بېرىشىنى ، مۇمكىن بولسا بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىزدىنىشلىرىم (ئاساسلىق قىزىقىدىغان ساھەلەر :  بوشلۇق  ئەگرىلىكى شارائىتىدىكى كۈچلەرنىڭ تەسىر قىلىش مىخاينىزىمى (كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ) ، نىسپىيلىك نەزەرىيەسى (ئاساسلىقى <<غەيرى نۇقتا >> ، ماكسىمۇم زىچلىق قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ) ، يۇقىرى ئېنېرگىيە فىزىكىسى (ئالەملىك تارتىش كۈچىنىڭ زەررىچە ئولچىمىدىكى تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك) ، تىرمۇكوسمۇلۇگىيە ، يەرشارى فىزىكىسى (يەرشارى پوستى تىمىپىراتورىسىنىڭ دەۋرىيلىكىنىڭ كېلىپ چىقىش مىخاينىزىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك) ) غا يېتەكچىلىك قىلىپ قويۇشىنى ئالى ئېھتىرام ، سەمىمىي نىيەت بىلەن مۇراجىئەت قىلىمەن.
خەنزۇچە يېزىلغان ماقالىنى ئۇيغۇرچە تورغا بەرگەنلىكىم ئۇچۇن كۆپچىلىكنىڭ كەچۇرۇشىنى ئۆتۈنىمەن.
تور بېكەتلىرىمىزنىڭ مەزكۇر ماقالىگە ئۇرۇن بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر .
كۆپچىلىككە رەھمەت !
بارلىق ئۇستازلارغا ۋە كۆپچىلىككە  يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن: مۇھاكىمە

2015.1.6

makale tor-001.jpg
makale tor-002.jpg
makale tor-003.jpg
makale tor-004.jpg
makale tor-006.jpg
makale tor-007.jpg
makale tor-009.jpg
makale tor-010.jpg
makale tor-011.jpg
makale tor-012.jpg
makale tor-013.jpg
makale tor-014.jpg
makale tor-015.jpg
makale tor-016.jpg
makale tor-017.jpg
makale tor-018.jpg
makale tor-019.jpg
makale tor-020.jpg
makale tor-021.jpg
makale tor-022.jpg
makale tor-023.jpg
makale tor-024.jpg
makale tor-025.jpg
makale tor-027.jpg
makale tor-028.jpg
makale tor-029.jpg
makale tor-036.jpg

makale tor-026.jpg
makale tor-008.jpg
makale tor-005.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11678
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1670 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 05:23:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنىدۇ  فىزىكىچى ، ماتىماتىكلار؟.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108818
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 218
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2014-7-30
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 09:14:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ماقالىڭىزنى تەبى پەن مۇنبەرلىرىگە ئەۋەتىڭ، ئالى مەكتەپ تەتقىقات ئورىنلىرىغا ئەۋەتىڭ،
بۇ يەدە نەتىجىسىنى يۇللاپ قۇيسىڭىزلا بۇلدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 10:39:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


مۇھاكىمە ئەپەندىنىڭ نۇرغۇن ئەجىر سىڭدۆرۈپ قولغا كەلتۆرگەن ئىلمى مېۋىسىنىڭ ئىلىم ئەھلى تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۆرىلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۇرىمەن.
ئەپەندىمنىڭ يەنە تىرىشچانلىق كۇرسۈتۈپ بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئۇزى ئىشلىۋىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
F d F نۇسخىسىنى يوللىغان بولسا تېخىمۇ ياخشىراق بولامدىكىن دەپ ئويلۇدۇم.

ئەپەندىم نىسبىلىك نەزەريىسى مەۋقەسىدە تۇرۇپ،29-تىئورمىنىڭ بىر دولقۇن ئۇزۇنلىغى دائىرىسىدە ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىگىنى فىزىماتلىق ئۇسۇلدا كەلتۆرۈپ چىقىرىپتۇ.رەھمەت ئوقۇيمەن ۋە تېخىمۇ كۇپ مۇۋەپىقىيەتلەرنى تىلەيمەن!.
ئاپتۇر سالامەت بولغاي!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 10:55:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مېنىڭچە سىز ھازىرچە ھېچبولمىغاندا بۇ ماقالىڭىزنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى بولسىمۇ ئادەتتىكى نەسىرى بايان شەكلى بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىپ ،ئىنكاس كۇزنىكىگە چاپلاپ قويسىڭىز ئۆنۆمى ياخشىراق بولاتىمىكىن.ئويلۇشۇپ باقارسىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 10:56 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11678
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1670 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 12:13:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 10:55 AM
مېنىڭچە سىز ھازىرچە ھېچبولمىغاندا بۇ ماقالىڭىزنىڭ ئا ...


ماقالىدە ئېينىشتىيىننىڭ نىسبى ھەرىكەتتكى جىسىمنىڭ ماسىسىسى  ، ھەرىكەت يۇنۇلۇشىدىكى ئۇزۇنلۇقى ، ۋاقىت ئىنتىرىۋالى ...قاتارلىقلار ھەرىكەت تىزلىكىكگە ئەگىشىپ ئوزگىرىدىغانلىغىدىن ئىبارەت فورمۇلىلىرىغا ئاساسەن ، مۇقىم ئۇقىدا ئىنىرتىسىيىلىك ئايلىنىۋاتقان ماددى نوقتا سېستىمىسىنىڭ ماددى نوقتىلىرىنىڭ ئايلانما ھەرىكەت سىزىقلىق (ئۇرۇنما ) تىزلىكى بىلەن كۇزەتكۇچىدىن يىراقلىشىش( يېقىنلىشىش) تىزلىكىنى نىسبىيىلىك نەزەرەرىيەسى خارەكتىرلىك قۇشۇش ئارقىلىق ، يەككە ماددى نوقتىنىڭ ماسسىسى ، ئوق بىلەن بولغان ئارىلىقى قاتارلىقلارنىڭ دەۋىرىيلىك ئوزگىرىشى ئانالىز قىلىنىپ ، بۇلۇڭلۇق ھەرىكەت مىقتارى ، ، ئىنىرتىسە مىقتارى ، ماسسا ، ئۇرۇن ، ھەرىكەت مىقتارى ....قاتارلىقلارنىڭ نىسبىيىلىك ئىففىكتىنى نەزەرگە ئالغان ۋە ئالمىغان ۋاقىتتىكى پەرقلىرىگە ئەمەل يۇرگۇزلۇپ ، بىر قاتار ساقلىنىدىغان مىقتارلارنىڭ يەنى سىمىتىرىكلىكنىڭ ئاجىز بۇزۇلۇشدىن ئىبارت خۇلاسە بىرىلىدۇ .
خالىغان ماددى نوقتىنىڭ يۇقۇرىدىكى تىلغا ئېلىنغان مىقتارلىرىنىڭ دەۋرىيىلىك ئوزگىرىشىگە ئاساسەن  ئايلانما ھەرىكەت يۇنۇلۇشى يىراقلىشىش يۇنۇلۇشى بىلەن ئوخشاش ۋە قارشى يۇنۇلۇشى ئانالىز قىلىنىپ ، ماددى نوقتا سېستىمىسىنىڭ ئىككى رايۇن بۇيىچە مىقتارلىرى ئايرىم - ئايرىم ھىساپلىنىپ ، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان بىر قاتار مىقتارلارنىڭ يىغىندىسى تۇپەيلىدىن ، ئىككى رايۇن بۇيىچىمۇ مىقتارلاردا نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى خارەكتىرلىك يىمىرىلىشنىڭ كىلىپ چىقىدىغانلىغى كەلتۇرۇلۇپ چىقىرىلىش بىلەن بىرگە ئەڭ مۇھىمى سىرتقى كۇچ تەسىرىسىز ياكى شەكىل ۋە زىچلىق مۇقىم شارائىتتا ھازىرغىچە ھەرىكەت تىزلىكىگە ئەگىشىپ ئوزگەرمەيدۇ دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان ماسسا مەركىزىنىڭ نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى خارەكتىرلىك ئېغىشى (ئەسلى تەۋرىنىشى بۇلۇشى كېرەك ، بىر دولقۇن ئۇزۇنلۇقى دائىرىسىدە ئاغىدۇ .) ۋە ئۇنىڭ  مىقتارى ۋە بۇلۇڭىغا قارىتا   ئېىنىق ماتىماتىكىلىق ھىساپلاش ئېلىپ بېرىلىپ ، ئوز ئۇقىدا ئايلىنىۋاتقان ئىنىرتىسىيىلىك ھەرىكەتتىكى جسىمنىڭ تۇز سىزىقتىن چەتنىشى ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ ، دولقۇن - زەررىچىلىكنىڭ پەيدا بۇلۇش مىخاينىزىمى توغرىسىدا قىسقىچە مۇھاكىمە يۇرگۇزۇلىدۇ (ئەپسۇسلىنىدىغىنىم .ماقالىنىڭ ھەجىمى نىسبەتەن كوپ ، مىنىڭ سەۋىيەرىم نىسبەتەن تۇۋەن بولغاچقا ، بىر قاتار دەۋىر تەڭلىمىسىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولساممۇ دولقۇن تەڭلىمىسىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشتا قىينالدىم.) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 12:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 01:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 12:13 PM
ماقالىدە ئېينىشتىيىننىڭ نىسبى ھەرىكەتتكى جىسىمنىڭ م ...

رەھمەت.ۋاقىتىڭىز ياربەرگەن ئەھۋالدا ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەپ قويغايسىز.بۇ سىزنىڭ نۇرغۇن تىرىشچانلىق بەدىلىگە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمى نەتىجىڭىز.ئۇنى ئۇيغۇر تىلىدا سۈزلىشىدىغانلارنىڭ بەھىرلىنىشى،مۇھاكىمە قىلىشى  ۋە ئىجىتىمائى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۆرۈش ئۈچۈن جەزمەن ئۇيغۇرچىسى بولۇشى كىرەك،دەپ قارايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 01:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8590
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11678
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 1670 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 01:05:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 01:00 PM
رەھمەت.ۋاقىتىڭىز ياربەرگەن ئەھۋالدا ئۇيغۇرچىسىنى ئىش ...


بەك تەسكە چۇشىدۇ جۇمۇڭ ماڭا ، بىرسى ئويغۇرچە فورمۇلا كىرگۇزۇش  يىزىق يۇنۇلۇشى پەرقلىق بولغاچقا بەك قىيىنغا چۇشىدۇ ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ماقالىنىڭ ھەجىمىمۇ بەك كوپ ھەم باشقا بىر پارچە ماقالىگە جىددى  ئىشلەۋاتىمەن ، ۋاقتىممۇ نىسبەتەن قىس ، كىيىنچە رەسمى بېكىتىلگەندىن كىيىن تەرجىمە قىلىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   muhakima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 01:08 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 02:56:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 01:05 PM
بەك تەسكە چۇشىدۇ جۇمۇڭ ماڭا ، بىرسى ئويغۇرچە فورمۇلا  ...

چۈشەندىم.ئېيتقانلىرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق.
بىر بەت يوللانماي قالغانمۇ نىمە؟.مۇھاكىمە،خۇلاسە...قاتارلىق مەزمۇنلار بار بەت.بوزقىردا تولۇق تۇرىدۇ،بۇنىڭدا شۇ بەت يوق تورىدۇ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 02:57 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 03:40:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
muhakima يوللىغان ۋاقتى  2015-1-8 12:13 PM
ماقالىدە ئېينىشتىيىننىڭ نىسبى ھەرىكەتتكى جىسىمنىڭ م ...

سىرتقى كۇچ تەسىرىسىز ياكى شەكىل ۋە زىچلىق مۇقىم شارائىتتا ھازىرغىچە ھەرىكەت تىزلىكىگە ئەگىشىپ ئوزگەرمەيدۇ دەپ قارىلىپ كىلىۋاتقان ماسسا مەركىزىنىڭ نىسبىيىلىك نەزەرىيەسى خارەكتىرلىك ئېغىشى (ئەسلى تەۋرىنىشى بۇلۇشى كېرەك ، بىر دولقۇن ئۇزۇنلۇقى دائىرىسىدە ئاغىدۇ .) ۋە ئۇنىڭ  مىقتارى ۋە بۇلۇڭىغا قارىتا   ئېىنىق ماتىماتىكىلىق ھىساپلاش ئېلىپ بېرىلىپ ، ئوز ئۇقىدا ئايلىنىۋاتقان ئىنىرتىسىيىلىك ھەرىكەتتىكى جسىمنىڭ تۇز سىزىقتىن چەتنىشى ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇپ ، دولقۇن - زەررىچىلىكنىڭ پەيدا بۇلۇش مىخاينىزىمى توغرىسىدا قىسقىچە مۇھاكىمە يۇرگۇزۇلىدۇ

_________________________

مۇھاكىمە ئەپەندىم،سىز نىمە ئۈچۈن بۇنداق ھادىسىسىنى نىسبىلىك نەزەريىسى خاراكتىرلىك يېمىرىلىش دەپ ئاتايسىز.سىز بۇنداق ئېغىش،يېمىرىلىش ھادىسىسىگە نىسبىلىك نەزەريىسىمۇ يول قويۇدۇ،دېمەكچىمۇ؟. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-8 03:50 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش