مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1259|ئىنكاس: 1

ئاخشام 2016 - يىلى كىرىپ چۈشەپتىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111122
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2014-11-22
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 09:47:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        ئاخشام 2016 - يىلى كىرىپ چۈشەپتىمەن
              
                 (چىن چۈش)

            ئابدۇرەھمان ئەفغانىي


     2015 - يىلىنىڭ «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى مەن ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە خۇشخەۋەر بولغانىدى. ئەمما مەن بۇ بىر ھەپتىدىن بېرى پەقەت قۇرۇق ھاياجانلىنىپتىمەنكى، ھەرگىزمۇ بۇ ئەتىۋار يىل ھەققىدە سىستېمىلىق بىر پىلان تۈزمەپتىمەن. ياكى ئۆزۈمنىڭ قايسى نادىر كىتابلارغا مۇھتاج ئىكەنلىمكىنى يادىمغا يېقىنمۇ يولاتماپتىمەن. بۇ قىلىقىمدىن «مەنمۇ شوئارچىغا ئوخشاپ قالدىممۇ نېمە؟!» دەپ ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئەيىبلىدىم، پاسىق بىر روھىي ۋاباغا مۇپتىلا بولۇپ قالغانلىقىمدىن نومۇس قىلدىم. گەرچە بۇرۇنمۇ كىتابنى خېلى كۆپ ئوقۇيدىغان بولساممۇ، ئەمما بۇ يىل مەن ۋە مەندەكلەر ئۈچۈن بىر ئالاھىدە يىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەر كۈنلۈك تۇرمۇش مەشغۇلاتىمنىمۇ بۆلەك چاغلاردىكىدىن بۆلەكچىرەك، ئالاھىدىرەك، قىممەتلىكرەك قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشۇم لازىم ئىدى. بىراق مەن بۇ تەرەپلەرگە كۆز قىسىپتىمەن. ئەقلىمنىڭ ئانچە ھالى بولمىغاچقا، ھەقىقەت ساداسى ھەلقۇمىمدىن چىقىپ ئاغزىمنىڭ ئۇچىغا كېلىپلا ھېرىپ قاپتۇ. بۇ يوچۇقىمنى ماڭا كېچىدىكى چۈشۈم كۆرسىتىپ بەردى. ئەتىگەندىن بېرى، بۇ چۈشنىڭ تېگىگە يېتىش ئۈچۈن ئويلىنىۋاتىمەن. بۇ چۈش ماڭا نەچچە مىليونلۇق دەرس ۋە لېكسىيەدىنمۇ بىباھا تۇيۇلدى. ئارتۇچ مۇئەللىم قاتارلىق تۆھپىكار بىرنەچچەيلەننى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۆپىنچە كىشىلەرمۇ دەل ماڭا ئوخشاش «كىتاب ئوقۇش يىلى» دېيىلمىش بۇ كاتتا خۇشخەۋەردىن كۆڭلىنى پەقەتلا مۇۋەققەت ئەمىن ۋە تەسكىن تاپقۇزۇپ، ئۆز - ئۆزىنى گوللاپ، ئۆز - ئۆزىنى خۇش ئېتىپ، بۇ ئالاھىدە يىل ھەققىدە چورتلا رىجىلەنلەي، بۇ خاسىيەتلىك يىلنىمۇ ئۆتۈپ ۋە ئۆلۈپ كەتكەن ئادەتتىكى يىللار كەبى خازان ئەيلەپ، يەنە شۇ تۈگىمەس پاتپاراقچىلىق پاتقىقىدىن، بىمەنە غەم - ئەندىشىلەر قاينىمىدىن قۇتۇلالماي ئاۋارىغۇ دەيمەن.
     چۈشۈمدىكى زامان ئۇچۇرى 2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. بىر ئۆيدە ئىدىم. چۈشۈمدە مەن بۇ يىلنىڭ 2015 - يىلىلىقىنى بىلەتتىم-يۇ، ئەمما ھەددىدىن زىيادە غەمسىزلىكىم ۋە بىھوشلىقىم تۈپەيلى بۇ يىلنى تېخىچە 2014 - يىلى دەپ ئويلاتتىم. نېمىلىكى ئۆزۈمگىمۇ يورۇق ئەمەس، ئىشقىلىپ بىر شەيئىنىڭ تەسىرى بىلەن بۇ چاغنىڭ 2015 - يىلىلىقى توساتتىن ئېسىمدىن كەچتى. شۇ ھامان «كىتاب ئوقۇش يىلى مۇشۇنداقلا ئاياغلاشقانمىدۇ؟» دەپ ئۆز - ئۆزۈمدىن سورىدىم. كاللامنىڭ بىرىنچى بولۇپ ئەسلىگەن ئىشى دەل شۇ بولدى. ئويلاپ باقسام، بۇ يىللىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە دۇنيا ئەھلىلىرى ئارا يەنىلا ئەڭ كەينىدە پەللىگە ئاران - ئاران يېتىپ بارالىپتىمەن. دەل شۇ دەقىقىدە، ئىشىكتىن چىرايلىرى بەتبەشىرە ئۈچ كىشى ئېتىلىپ كىرىپلا، مېنى بىكاردىن - بىكار دۇمبالاپ كەتتى. مەن ھېچقانچە قارشىلىق كۆرسىتەلمىدىم. ئەلۋەتتە، يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ماغدۇرسىزلىقىدىن ئاخىرىدىن سانىغاندا بىرىنچى بولغان، ھەتتا بىر ۋىجىك نېگىرنىڭمۇ ئارقىسىدا قالغان مەن قانداقمۇ بۇ ئۈچ جانغا ئاتاكا قايتۇرالايمەن؟! قىزىق يېرى، مەن بۇ ئاقىۋەتتىن ھەيران قالمىدىم. سەۋەبى، بۇ دېگەن بارچە يېڭىلگۈچىلەرنىڭ ئەتىكى قىسمىتى. بۈگۈنغۇ تاياقنى يالغۇز يېدىم، ئەتىچۇ؟ يېڭىلگۈچىلەر بىر كۈنى ئەمەس بىر كۈنى ھامان بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەگە دۇچلىنىدۇ. چۈشۈمدە مەن مۇشۇنداق بىر زۇلۇمنىڭ بېشىمغا كېلىشىنى بىلەتتىكەنمەن، ئەمما... چۈشۈمنىڭ ئاخىرىدىراق ئۆزۈمنىڭ يەنە «ۋاي ئىسىت، نەچچە ۋاختىن بېرى ئۈستىلىمدە بىكار تۇرغان «خان» دېگەن كىتابنى ئوقۇغان بولسام، بۇ مۇشت - پەشۋالارنىمۇ يېمەس ئىدىم» دەپ يىغلىغانلىرىممۇ ئەينەن ئېسىمدە. («خان» دېگەن كىتابنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلمەيمەن، يوققۇ دەيمەن، چۈشۈمدە نېمىشقا شۇ كىتابنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىغا مەنمۇ ھەيران.)  
     چۈشتىكى ئىنسان چۈشى ياكى ئۇيقۇسىدىن ئويغانماستىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيدۇ. مەنمۇ بۇ قورقۇنچلۇق چۈشكە باش - ئايىغىم بىلەنلا چۆكۈپ كېتىپتىمەن. كۆزۈم ئېچىلىپ، ئۆزۈمنى 2015 - يىلى 1 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدە كۆرۈپ، نەچچە مەرتە «خۇداغا شۈكرى، خۇداغا شۈكرى!» دەپ كەتتىم. چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ يىللىق يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئاداققى دەملىرىدە ئەمەس، تېخى ئەمدىلەتىن مۇسابىقە ئوربىتىسىغا كېلىپ سەپكە تىزىلغان ياياق ماھىرلىقىمنى بىلگەنىدىم. ئۇتۇش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ھەر جەھەتتىن مۇئەييەن دەرىجىدە قوراللاندۇرۇشۇم شەرت ئىدى. ئۇشبۇ شەرت، ھوشىمنى پاتراق يىغىشىم بىلەن؛ دۇنيا ۋەزىيىتىگە كەتمىشتىكىدەك خىيالىيلىق نەزىرى بىلەن باقماسلىقىم بىلەن؛ مۇسابىقىگە ھەر رەتتىكىدەك يالقاۋلىق كېسىلى بىلەن كىرىپ كەلمەسلىكىم بىلەن؛ بۇ يىللىق ئەمگىكىم بەدىلىگە كەلگەن كېلەر يىل ھارپىسىدىكى مېۋىلىك بېغىم بىلەن ھازىرلىناتتى. بولمايدىكەن، مېنىڭ ھالاك بولغۇچىلار قاتارىغا قاپسىلىپ قېلىشىم دەرھەقىقەت. مۇھىمى، ئەمدى ئۇيقۇمنى ئاچماي، ئاخىرقى قىبلىگە نېمە قىلسام قىلىپ بارالىسامغۇ مەيلى، پەقەت يېرىم يولدا ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتمىسەملا!


           2015 - يىلى يانۋارنىڭ 7 - كۈنى، يۇرۇڭقاش

سىزمۇ كۈلۈڭ!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18699
يازما سانى: 926
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2710
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 2034 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-8 11:15:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەۋىر  ئاتلاپ  چۈش  كۆرۈپسىز   

مۇھەببەت ۋە تىنچلىق
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش