مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1339|ئىنكاس: 20

تۇز: جۈپ تاللاش كۆڭلەك تاللاشمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4600
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44641
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15798 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 01:59:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                  ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم


ئائىلىدىن دادلىنىپ يېزىلغان مەكتۇپلارنى ئوقۇغاندا ، ئۆزلىرى خالاپ تۇرمۇش قۇرغان ، نەچچە - نەچچە يىل ئارلىشىپ توي قىلىشقان ، بىراق كېيىنچىلىك ئاسانلا ئاجرىشىپ كەتكەنلىك ھەققىدىكى  پاراڭلارنى ئاڭلىغاندا ، كىشى كۆڭلىنى غەم باسىدۇ ، بىئارام بولىدۇ . ئاجراشقان ئاتا - ئانا ئوتتۇردا سەبى بالىلارنىڭ سەرسان بولۋاتقىنى بولسا ئېچىنىشلىق ئەڭ ئېغىر پاجىئەدۇر !
بۇنداق تۇرمۇش ئاتا- ئانىنىڭ زورلىشى بىلەن بولغاندىغۇ ، ھەممىسىنى ئۇلارغا دۆڭگەپ قويساق بولاتتى . ئەمما ، بۈگۈنكى دەۋر بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدۇ . شۇڭا ئەمدى بولسا « ئالتۇن دەپ تاللىغىنىم مىس چىقىپ قالدى » دەپ بارچە گۇناھنى جۈپتىمىزگە ئارتىشقا كۆنۈپ كەتكەنمىز . كىشى كىيدىغان كېيىمنىمۇ ئوبدان كۆرۈپ قانداق چىقىشىنى دەڭسەپ بېقىپ ئالىدۇ . جۈپ تاللاش كۆڭلەك تاللاش ئەمەسقۇ ! ئۇ ئۆمۈرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا قەدەر بىرگە ياشايدىغان جۈپتۇر ! 20،30،40،50،60......يېشىڭنىڭ يىگانە يەلىكدىشى ۋە ھامىيسىدۇر ! سەن جۈپ تاللاشتا ئۇنىڭ قەددى - قامىتىگە ، ئاتا - ئانىسىنىڭ مال - دۇنياسىغا ياكى جۈپتىڭنىڭ قەسەم - ۋەدىلىرىگە قاراپ ئىش كۆردۈڭمۇ ۋە ياكى باھا بەردىڭمۇ بۇنىڭ ئىسمى « سۆيگۈ» بولدىمۇ دەيلى ، تاللىغان ئادىمىڭ سەن ئارزۇ قىلغان ئىنسان ئەمەس ئىكەن ، كېيىنكى تۇرمۇش ھاياتىڭ مۇجۇمەل !
سەن قانداق ئويلىغان ئىدىڭ ؟ جۈپتىڭنىڭ تاشقى قىياپىتى ، سەن بىلەن ئۇچرىرىش ۋە كۆرشۈشلەردىكى ساختىلىقىنى ھەرگىزمۇ ئويلاپ باقمىغان بولغىيتىڭ . مۇكەممەل ، قۇيما ئىنسانلار ھېچقاچان ئانىدىن تەييارلا يارالمايدىغۇ ؟



شۇنداق ، ئەزىزەم ، ئائىلە ___ ئىستىراھەت بېغى ئەمەس . ئۇنىڭدا پەقەت گۈل كۆتۈرۈپ ، ناخشىنى دۆڭ توۋلاپ قولتۇقلۇشۇپ يۈرمەيدۇ . خەلىق ھەقنى ئېيتىدۇ :« روزغار___ بۇ غار !» دەپ ! ئۆزۈڭنى بۇلبويى خۇددى شام كەبى يېقىپ بارساڭلا ، ئەتراپىڭ يورۇپ ، چىرايلىق شەكىلگە كىرىپ بارىدۇ . ئائىلە_____ ئەرگىمۇ ، ئايالغىمۇ ، بىر - بىرىگە مۇناسىپ بولۇش ئۈچۈن بىر ئكمۈر ئۆزىنى ئۆزى قايتا تەربىيلەيدىغان مەيدان !



بىز ھەممىمىز ئاتا- ئانا بولغۇچى . پەرزەنتلىرمىزنىڭ بەختلىك بولىشىنى ھەممىدىن بەك خالايمىز ، ھازىر بەزىلىرمىز بەك كىچىكلا تۇرمۇش قۇردىغان بوپ قالدۇق ........
بۈگۈنكى تۇرمۇش قۇرۇش ھارپىسىدىكى قىز - يىگىتلەرگە قانداق ئىلىم بىرەلىدۇق ؟ ئەر تۇتۇش ، خوتۇن تۇتۇش ، ئۆي تۇتۇش ، قېيىن ئانا ، قېين ئاتىلارغا مۇئامىلە قىلىشنىڭ بىر يۈكسەك بۇرچ ۋە مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئۈگەتتىقمۇ ؟! ئۈگەندىقمۇ ؟ ! بىراۋغا يىقىش ، بىراۋنى ياقتۇرۇش سىرلىرىنى ئۈگەنمىگۈچە ئائىلىنىڭ ھالقىىسىنى تۇتماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۇردۇقمۇ ؟ بىلدىمۇ ئۇلار ؟! ئۆزىدىن ئۆتكىننى ئۆزى ھەم ياراتقۇچى بىلىپ تۇرۇپتۇ - يۇ پىشمىغان يىگىت ۋە غورا قىزدىن نېمىنى كۈتۈش مۈمكىن ئاخىر ؟!


ئائىلە قۇرۇش بوسۇغىسىدا تۇرغان قىز - يىگىتلەر ، شۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭكى ، ئائىلە ئەر بىلەن خوتۇننىڭ داۋاملىق ئىتىپاقىدۇر . ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە نېپى تەگمىسە ، روھەن تىرەكلىكى ، كېرەكلىكى بولمىسا ، بىر - بىرىگە كۆيىنىش ، ھۆرمەت ، ساداقەت ، ئەپۇ  بولمىسا  تۇرمۇشنىڭ چىرىغى زىنھار يانمايدۇ ، ئەلۋەتتە ! نۆۋىتىدە شۇنى دەپ ئۆتۈش زۆرۈلكى ، ياخشىلىقنى ، مېھىرنى بىر ئۆمۈر سەن بىلەن ياشايدىغان كىشىگە قىلىسەن ، شۇنداق ئىكەن ، بەزى كەيپىڭ ئۇچقان ۋاقىتلاردا ، ئەر - خوتۇن بىر - بىرلىرىگە « پالان ۋاقىتتا ساڭا ئۇنداق قىلغانمەن ، مۇنداق قىلغانمەن شۇنى بىلمىدىڭ ...» دېييشى ، قىلغان ياخشىلىقلىرىنى بىر - بىر ساناپ كۆرسىتىشى مىننەتدۇر ! ئۆز يۈزىگە قارا سۇۋاش بىلەن تەڭدۇر ! ئەر _ خوتۇن ئارسىدىكى ئەڭ نازۇك تارىلارنىڭ ئۈزىلىشىدۇر ! ئەمدى ئۇلار مىننەت قىلدى ، مىننەت ___ زەھەر ! ئەر - خوتۇن شىرىن دۈشمەنگە ئايلىنىشقا يول تۇتتى . زەھەرنى بولسا پەقەت دۈشمەنلەرلا بىر - بىرىگە راۋا كۆرىدۇ ! بىز ئاتا - ئانا بولۇشتەك بۈيۈكلىك ۋە پىدايىلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇچىلارمىز . گاھى ئەر ، گاھى ئايال ئادىشىپ قالسا ، تەدبىركار بولايلى ، مەسئۇلىياتچان بولايلى ! قۇسۇرغا ، نالايىق ، نامۇۋاپىق ، مۇجۇمەل ئىشلارغا ، كېيىنچە كىشىنى پۇشمانغا ، خۇرسىنىشقا سەۋەپ بولدىغان ئىشلاردىن قەتتى ساقلىنايلى . مىننەتكە تىلىمىز بارمىسۇن ! ئاجرىشىشلاردىن نارىسىدىلەرنىڭ يۈركى تىترىمىسۇن ! سەبىلەرنىڭ تىرىك يېتىملىق زارىدىن زېمىن تىترىمىسۇن !

مەنبە : يېنىڭدىكى بەخت
مۇنبەرگە يوللىغۇچى : تۇز
2015- يىلى 1- ئاينڭ 7- كۈنى ئەزىزانە شەھرى قەشقەر

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103096
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2014-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 03:25:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەن بىر ئىشقا بەكلا ھەيران. ئۆزىنى ‹‹ئەركەك›› ھېسابلايدىغان نى - نى يىگىتلەر 2- قول بازىرىدىكى نىمكەش ئائىلە سايمانلىرىنى ئىلىشنى ئەسلا خالىمايدۇ. ئۆتكەندە بىر يەكشەنبە كۈنى كۆڭلىمىز يىقىن بىر بۇرادەر بىلەن بازار ئايلىنىپ كېتىۋىتىپ، نىمكەش ئاياغ ساتىدىغان بىر بوۋاينىڭ يايمىسىدىكى تېخى تاپىنىمۇ ئۇپراپ باقمىغان ھەقىقىي خىرۇم ئاياغقا كۆزۇم چۇشۇپ قالدى. قارىسام ماڭا چوڭ كەلگۇدەك. شۇنىڭ بىلەن بۇرادىرىمگە - ئاداش مۇنۇ ئاياغ ساڭا ماس كەلگۇدەك، كېيىپ سىناپ باق، نەرقى مۇۋاپىق بولسا ئىلىۋال، مەنچە ماگىزىندىكى باھاسىدىن 10 ھەسسىگە يىقىن تۆۋەن ئالالايمىز، دېسەم تاس قالدى ئېغىزىمنى چۇۋۇۋەتكىلى. شۇندىن بىرى مۇناسىۋىتىمىز يىرىكلىشىپلا قالدى. ئەسلىدىغۇ ئۇ 3 قىتىم ئۆيلەنگەن ‹‹خوتۇنپۇرۇش›› ئىدى.
   ھەيرانلىقىم شۇكى: ئۆزىنى ‹‹ئەركەك›› ھېسابلايدىغان نى - نى يىگىتلەر 2- قول بازىرىدىكى نىمكەش ئائىلە سايمانلىرىنى، ئاياقلارنى ئىلىشنى ئەسلا خالىمايدۇ، نۇمۇس بىلىدۇ - يۇ، تۇنجى قىتىمقى نىكاھىنى قەدىرلىمەي، بالىلىرىنى ‹‹تېرىك يېتىم›› قىلىپ، باشقىلار ‹‹شاگاڭ›› قىلىۋەتكەن، 2- قول خوتۇنلارنى  ئىلىشتىن نۇمۇس قىلمايدىكەن.
    ئەلۋەتتە، بۇ ھەيرانلىقىم تۇل ئاياللارنىڭ قايتا نىكاھلىنىشىغا قارشى تۇرغانلىقىم ئەمەس، چۇنكى تۇل ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئېرىدىن ئاجرىشىپ، تۇل قالغان بولىشى ناتايىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 439
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 627
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 03:39:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتىمۇ ئېسىل ،ياخشى تىما بوپتۇ ،رەھمەت .  

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 04:11:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇز موللام، بۇ يازمىنىڭ مەنبەئسى نەدىن بولىشىدىن قەتئىنەزەر، بۇنىڭدىكى بەزى كۆزقاراشلار بىر تەرەپلىمە يېزىلىپ قاپتۇ. توي قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئائىلىسىنىڭ ئىناق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن ئاجرىشىپ كېتىدىغانلارمۇ چىقىپ تۇرىدۇ، تاشنى تاياققا تاڭغىلى بولمىغاندەك، كۆڭلى چۈشمىسىمۇ زورلاپ ئۆي تۇتۇش ئاسانلا 3-شەخسنىڭ ئارىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ(ھەممىسى ئۇنداق بولمىسىمۇ كۆپىنچىسى شۇنداق). توي قىلىش خوشاللىق ئىش، لېكىن مېنىڭچە ئاجرىشىپ كېتىش بەزى چاغلاردا توي قىلغاندىنمۇ خوشاللىق ئىش ھىسابلىنىدۇ. شۇڭا ‹‹تۈتۈننىڭ ئاچچىغىنى مورا بىلىدۇ›› دەيدۇ كونىلار، مېنىڭ بىر دوستۇمنىڭ ئيتىشىچە، توي قىلىشتىن بۇرۇن باشقىلار ئۇنىڭ لايىقىنى پەرىشتىدەك ماختاپ بېرىپتىكەن، ئۇ قىزمۇ شۇنداق رايىش ھەم ئەقىللىق قىزكەن، لېكىن تويدىن كېيىن ئۇزۇنغا بارمايلا ئاتا-ئانىسىنىڭ بايلىقىنى ۋە كۆپ ئوقۇغانلىقىنى پەش قىلغاچقا، دوستۇمنى ۋە دوستۇمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ياقتۇرماي تولا يامانلاپ، قىسقا ئۆي تۇتۇپ ئاجرىشىپ كەتتى. شۇنىڭغا قاراپ ھازىرقى ياشلار تويدىن بۇرۇن بىر خىل، تويدىن كېيىن بىر خىل بولىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-7 04:21 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92986
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 718
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 04:16:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دېمىسىمۇ بۇنداق جۈپ تاللاشنى كۆڭلەك تاللىغانچىكمۇ كۆرمەيدىغان نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئاتالمىش ئۆز سۆيگۈسىنى دەپ ئالدىراپ تېنەپ توي قىلشىدۇ ، كېيىن ئويلىغىنمدەك چىقمىدى دەپ بارچە گۇناھنى قارشى تەرەپكە ئارتىپ قۇيۇپ يۈرىۋېردۇ ئۆزى بىلگىننى قىلىپ ،بارچە ئۇۋالغا شۇ نارسىدە كىچىك بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتى ەۇناھ سۈپتىدە قالىدۇ ، ھەي ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 04:35:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ياشلار تۇرمۇشنىڭ نېمىلىكىنى چۇشەنمەيلا توي قىلامدىكىن دەيمەن .
ئۆتكەندە بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئىنىسىنىڭ تويىغا قاتنىشىپ ئىككى ئاي ئۆتمەي شۇ خىزمەتدىشىمنىڭ ئاغزىدىن ئىنىم ئاجىرىشىپ كەتتى دېگەن گەپنى ئاڭلاپ ئىچىمدە توۋا دېدىم . چۈنكى تويدىكى ھەشەمەتچىلىكنى دېمەيلا قۇياي . شۇنداق ھەشەم بىلەن توي قىلىپ ئىككى ئايغا يەتمەي ئاجىرشىپ ، نىكاھ ئىشىنى ئۇيۇننىڭ ئورنىدا كۆرەمدىكىن دەپ قالدىم . ئەلۋەتتە تاغنى تاياققا تاڭغىلى بولمايدۇ . ئەمما توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى بۇ ئائىلىگە مەسئۇل بۇلالايدىغان بولالمايدىغانلىقىنى ئوبدان دەڭسەپ بېقىشى كېرەكتە ! خەق توي قىلسىلا قىلىدىغان ، كىچىككىنە مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن باش قاچۇرۇپ ئاجىرشىپلا كېتىدىغان ئشلارنىڭ جىقلىغىدىن يىتىملەر جىقلاپ ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى -مۇھەببەت سۇزلاپ ، ھەممە ئادەم شەخسىيەتچى بۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ دېسە !!

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97341
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 214
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2013-8-28
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 06:20:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن تويلۇق ئاز ئىدى .تۇرمۇش مۇستەھكەم ئىدى ،ھازىر تويلۇقلار ئىغىر تۇرمۇش -تۇرمۇش بولماي قىلىۋاتىدۇ ......................مۇشۇ سىلىق زادى يامان نەرسە ئادەمنى بۇزىدىغان ،ھەم ھازىرقى تۇرمۇش تۇتقۇچىلاردا شۇكىرى قىلىش سەبرى قىلىش كەم ،شۇڭا يوتقۇنۇم ئىسسىغىچە ئوتتۇز ئەرگە تىگىمە دەيدىغانلارمۇ ئاۋۇپ كىتىپ باردۇ ،بۇنىڭدىن سىرىت مۇنۇ بەزى ئەرلەرمۇ ئۆيدىكىسىگە پەرۋا قىلماي تادا سۇيدۇك پۇراپ يۇرىيدىغان ئىشلار ئاۋۇپ ،مىھرى -مۇھەببەت سۇسلۇشۇپ ،ئاجرشىلا كۆپىيۇپ قىلىۋاتىدۇ ...................

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 07:09:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تۇز موللام ، توي قىلغانمۇسىز ؟ ئاجرىشىپ باققانمۇ سىز ؟ يۇقىرىقى ئىككى ئىشنى قىلىپ باققانلار ئىنكاس يېزىڭلار بۇ يازمىغا ............................. مىنىڭچە تالاي ، تالاي جان تالىشىشلاردىن كىيىن بىر يەرگە كىلىشكە كۆز يەتمىگەندە ئاجرىشىدىغان ئىش .
  ...............................
   ...........................................
     .......................................................

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Gvlmisal + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 484 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 07:19:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭ باشقۇرغۇچى ،تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يازىدىغان بولدۇم.mp3شەكلىدىكى ناخشىلارنى تېمىغا قانداق كىرىشتۈرىدۇ؟توردا ساقلايمەن.بىلىدىغان تورداشلار ياردەم قىلساڭلار.

مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1617
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 725 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-7 08:07:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بار يازمىلارنى يوللاش ياخشى ئىش.بىراق تەربىيە دىگەننىمۇ زامان ۋە ماكانغا،شارائىت ۋە ئوبىكىتقا ھەمدە كىشىلەرنىڭ شۇ دەۋىرلەردىكى ساپاسى ۋە ئىدولوگىيە ئەھۋالىغا قاراپراق قىلىسا ياخشى بولىدۇ. بولمىسا بۇ بىر توقام قۇرۇق گەپلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش