ئۆي باھاسى داۋاملىق چۈشدىكەن
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
2014-يىلى، سېتىۋېلىشنى چەكلەش سىياسىتى، قەرز بېرىشنى چەكلەش سىياسىتى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك سىياسەتلەر تەسىرىدە، ئۆي-مۈلۈك بازىرى كاساتلىشىپ كەتتى. كېيىنكى يېرىم يىلدا يەرلىك ھۆكۈمەت تەڭشەش ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەدرىجىي چېكىنىپ چىقىپ كەتتى، مەركىزى بانكا كىرېدىتنى داۋاملىق تەڭشەۋاتقان بولۇپ، بىر قىسىم شەھەرلەردىكى پۈتۈشۈش سوممىسى جانلىنىشقا باشلىغان.
ئۆي باھاسى داۋاملىق چۈشدىكەن
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ بۆلۈنۈشى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، شاڭخەي، بېيجىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا %2.46 ۋە %1.83 ئۆسكەن، لېكىن گۇاڭجۇدىكى بازارنىڭ تەمىنلىشى ئېھتىياجدىن يۇقىرى بولۇپ، بوش ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى بارغانسېرى ئېشىپ 10 مىليون كىۋادرات مېتىردىن ئاشقان، ئىستېمال قىلىپ بولۇش مۇددىتى 15 ئايدىن ئېشىپ كەتكەن. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، گۇاڭجۇدىكى ئۆي باھاسى جەمئىي %4.53 چۈشۈپ، 100 شەھەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك چۈشۈش نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، باۋجى (宝鸡) قاتارلىق بىر قىسىم ئۈچىنچى، تۆتىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى %20 كە يېقىن چۈشكەن.
يېقىندا، كۆپلىگەن ئورگانلار 2015-يىلى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ داۋاملىق تەڭشىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا بوش ئۆيلەرنى سېتىپ تۈگىتىشنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆپ قىسىم ئۈچىنچى، تۆتىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ بازار ئېھتىياجى ئاللىبۇرۇن تويۇنغانلىقتىن، بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە ئېشىپ قالغان ئۆيلەرنىڭ كۆپ بولۇش بېسىمى يۇقىرى بولغاچقا، ئۆي باھاسى داۋاملىق چۈشۈشى مۇمكىن.
مەنبە: تېڭشۈن تورى
تېخىمۇ سەرخىل خەۋەرلەر ئەرقال تاراتقۇسىدا: www.erqal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erqal-Media تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-7 11:15 AM