ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلىرىم،ھەممىڭلار تېنچ –ئامان،سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟مەنكى مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام،ئەزىز تېنىڭلار ئامان بولغاي ، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغاي، چېھرىڭلاردىن خۇشاللىق كۈلكىلەرنىڭ تۆكۈلۈپ تۇرغاي...! ھەممىڭلارغا بەخت -ئامەت يار بولغاي...!مۇنبەردىن خۇشال كۈلكىلەر قايناپ تۇرغاي....!
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،ئۇزۇن بوپتۇ مۇنبەرگە مۇشائىرە تېمىسى يوللاپ باقمىغىلى، كونا –يېڭى مۇنبەرداشلار بىلەن ئەسرالىشىش،كۆڭۈل ئۈنچىلىرىمىزنى چېچىشىپ ،مۇنبەر كەيپىياتىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرۈش مەقسىدىدە بۇ تېمىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، كۆپچىلىكنىڭ شېئىر تۈزۈش قابىلىيىتىنى نامايەن قىلىشىنى،شۇ ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشىنىش،سىردىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.....
ئۇنتۇپ كەتتىم،‹‹ئەسلىگىن ››دېمە،
بولۇپ قالسۇن ھەممىسى ئۆتمۈش.
دەرد –ئەلەملەر كەتسۇن يىراققا،
يۈرەكنى ئەزمىسۇن ئازابلىق كۈتۈش.
بەزىدە كۈلكىلەر،بەزىدە كۆز ياش،
شۇنداق داۋام ئېتەركەن ھايات .
مەيلى قانچىلىك جەبرلەر چەككىن،
ياخشى نام –ئەمەل ئىنسانغا قانات.
مۇشائىرى قائىدىسى:بۇ ئىككى كۇبلىت شېئىر ئايرىم –ئايرىم مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان شېئىر بولۇپ، شېئىرنىڭ ئاخىرقى مىسراسى باش مىسرا قىلىپ باشلىنىدۇ،ئەگەر باشقا مەزمۇندىكى شېئىرلارنى يېزىشنى خالايدىغان قېرىندىشىمىز بولسا،ئۇمۇ ئىختىيارى. قېنى ئەمسە مەرھەمەت...
مەنبە : كۆڭۈل ئۈنچىلىرىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-6 11:13 PM