بىز ئازاپتىن قۇتۇلىمىز شۇنداق قىلساق
كەچۈرگىن
بەلكىم ئازاپ ھەمراھ بولار بىر ئۆمۈرگە ،
مېھىر تىرىپ ،بەخىت گۈلى ئالالمىساق .
ۋىسال پەسلى ئۆزلىكىدىن كەلمەس ھەرگىز ،
بىز بىرلىكتە ئۇنى ئىزدەپ بارالمىساق .
مۇھەببەتكە يۈزمۇ كىلەلمەيمىز بەلكىم ،
بۇ سىناققا باش كۆتۈرۈپ قارالمىساق .
شەيتان ئاتلىق شۇ مۇھەببەت دۈشمىنىنى ،
بىز ئىككىمىز ھەق دارىغا ئاسالمىساق .
بىز ياسىغان مۇھەببەتتىن خەزىنىنى ،
سەت ئەمەسمۇ ياساپ قويۇپ قازالمىساق .
چىن ساداقەت، چىن مۇھەببەت، شىجائەتتىن ،
ئەڭ ئۇلۇغ بىر مۇھەببەتنى ياسالمىساق .
ئاچچىق ھەسرەت، پۇشايماندۇر نەتىجىسى ،
بىز ۋاز كەچسەك ۋىسال گۈلى ئالالمىساق .
ئۆمۈرۋايەت بەخىت كۈلۈپ باقماس بىزگە ،
سىناققا بىز يۈزمۇ -يۈز ئوق ئاچالمىساق .
* * * * * * * * * * * * * * * * ** *
گۈلۈم ھەرگىز باش ئەگمىگىن سىناقلارغا ،
باش ئەگدۈرگىن ساداقەتتىن ياساپ ياراق .
مەن يىنىڭدا تا ئۆلگۈچە يار يۆلەكمەن ،
بىز يىڭەيلى مەيلى بولسۇن تاغدەك توساق .
ئەسكەرتىش: ئاپتورى ۋە مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-7 01:21 AM