ئۆمۈرلۈك سۆيگۈ
يان تېلفۇنۇم جىرىڭلىدى.مەن ئوقۇۋاتقان كىتابىمنى قۇيۇپ تېلفۇننى
قۇلۇمغا ئېلىشىمغا توختاپ قالدى.قارىسام يەنە ھېلىقى مەن كىملىگىنى بىلمەيدىغان
،ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىگىنىمۇ بىلمەيدىغان،پات –پات تېلفۇنۇمنى سايرىتىپ
قويىدىغان،ھېيت-بايرام كۈنلىرى ،تۇغۇلغان كۈنۈمدە ئۇچۇر ئەۋەتىپ ياخشى تىلەكلىرىنى
ئايىماي بىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ھېلىقى ناتۇنۇش ئادەمدىن كەلگەن تېلفۇن ئىدى .شۇنداق
تېلفۇننىڭ،ئۇچۇرلارنىڭ كىلىپ تۇرىۋاتقىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان ئىدى.
بۇ زادى كىم ؟مۇشۇنداق تېلفۇن ۋە ئۇچۇرلار كىلىشكە باشلىغان چاغدىلا بىلىشكە قىزىقىپ مۇشۇ نۇمۇرغا قايتا-قايتا ياندۇرۇپ تېلفۇن قىلغان بولساممۇ ھەر قېتىم تىلفۇن ئۇرغان چېغىمدا ئۇ تېلفۇننى ئالاتتى بىراق مىنىڭ قائىدە يۈزىسىدىن ھال –ئەھۋال سوراشلىرىمغا ،سىز كىم ؟دىگەن
سوئاللىرىمغا ئۈنسىز سۈكۈت بىلەن جاۋاپ قايتۇراتتى دە،تېلفۇننى قۇيىۋىتەتتى .
ھېيت-بايرام ،تۇغۇلغان كۈن دىگەندەك خاتىرە كۈنلەردە بولسا «بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن»،«تىنىڭىزنىڭ سالامەت بۇلىشىنى،تۇرمۇشىڭىزنىڭ بەخىتلىك بۇلىشىنى تىلەيمەن»،«سىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن »دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىپ تۇراتتى.
بۇلار نورمال تۇرمۇشىمغا تەسىر يەتكۈزمىگەن ئۇنىڭ ئۈستىگە سەمىمى ،ياخشى تىلەكلەر بولغاچقا
(مەن شۇنداق ئويلىدىم)،مەن تۇرمۇشىمنىڭ ئۆزگىچە بۇلىشىنى ئىزدەيدىغان بولغاچقا
كىيىنچە بۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە قىزىقمايدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدىم.بەلكىم مىنى
تۇنۇيدىغان بىرسىدۇ،مەن بىلەن شۇنداق ئۇيۇن ئوينىغۇسى كىلىپ قالغاندۇ .مەن شۇنداق
ئويلاپ ھېيت-بايرام كۈنلىرى مەنمۇ ياندۇرۇپ تىلەك بىلدۈرۈپ ئۇچۇر ئەۋەتىدىغان
بۇلۇپ قالغان ئىدىم.شۇنداق قىلىپ يىللارنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ بۇ ناتۇنۇش تىلفۇن
ئىگىسى بىلەن ئاۋازسىز ئالاقە قىلىدىغان قەدىناس دوستلاردىن بۇلۇپ قالغان ئىدۇق .
يېقىنقى 40نەچچە كۈندىن بىرى بۇنداق تېلفۇن سايراشلار توختاپ قالغان ئىدى.«ئەجەپ ئۇنىڭدىن تېلفۇن كەلمەيدىغان بۇلۇپ قالدىيا،نىمە ئىش بولغاندۇ؟ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولدىمۇ يا؟».ھەممىدىن كۆنگەن يامان دەپ مۇشۇنداق خىياللار كاللامغا كىلىۋېلىۋاتاتتى.مەن «ئۇ»نىڭغا تېلفۇن قىلدىم،ئۇنىڭ تېلفۇنى ئېتىك ئىدى.ئارقا-ئارقىدىن بىرنەچچە كۈن تېلفۇن قىلغان
بولساممۇھەر قېتىمدا تېلفۇنى ئېتىك ئىدى.مانا بۈگۈن يولدۇشۇمنى ئىشقا ماڭغۇزۋېتىپ
، تەتىلدە ئۆيگە قايتماي ئېنگىلىس تىلى كۇرسىدا ئوقىۋاتقان قىزىمغا تېلفۇن
قىلۋىتىپ كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇرسام «ئۇ» يەنە تېلفۇننى جىرىڭلاتتى .مەن تېلفۇنغا
قاراپ خۇددى يۈتۈپ كەتكەن مۇھىم نەرسەمنى تېپىۋالغاندەك ئۆزەمنىڭ خاتىرجەم بۇلۇپ
قالغىنىمنى ھىس قىلدىم .مەن تېلفۇننى قۇيۇپ كىتابىمنى قۇلۇمغا ئېلىپ بىر نەچچە قۇر
ئوقۇپ تۇرۇشىمغا تېلفۇن يەنە جېرىڭلىدى.قارىسام يەنە ئۇنىڭدىن كەلگەن ئىكەن ،بۇ
قېتىم تېلفۇن ئۈزۈلۈپ قالماي توختىماي جىرىڭلىدى.
-تىچلىقمۇ،قانداق ئەھۋالىڭىز؟ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟-دىدىم مەن .تېلفۇندىن بۇرۇنقىدەك ھىچقانداق ئاۋاز ئاڭلانمايتى .«ئۇ»يەنىلا بۇرۇنقىدەك سۈكۈتتە ئىدى.
-مەن ياخشى تۇردۇم رەھمەت سىزگە،-شۇنداق دەپ تېلفۇننى قوياي دەپ تۇرۇشىمغا،تېلفۇندىن ياش بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى:
-گۈلباھار ھەدە،تىچلىقمۇ؟مەن سىز بىلەن كۈرۈشەي دىگەن،سەۋەبىنى سورىماڭ ،سىز بىلەن كۈرۈشمىسەم بولمايدۇ.سىزنى قىزىلگۈل تورتخانىسىدا ساقلاۋاتىمەن . 5- ئۈستەلدە ئولتۇردۇم .چۇقۇم كىلىڭ ،يۇلىڭىزغا قارايمەن.-دەپلا تېلفۇننى قۇيىۋەتتى.
بۇ قىز زادى كىمدۇ؟ئەجىبا 10نەچچە يىلدىن بىرى تىلفۇنۇمنى سايرىتىپ ماڭا تىلەك تىلەپ يۈرگەن ئادەم مۇشۇ قىزمىدۇ؟بۇنداق بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس .ئۇنداق بولسا «ئۇ»نىڭ بىلەن بۇ قىز ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش باردۇ؟مەن بىلەن نىمىشقا كۈرۈشمەكچى ؟ مەن مۇشۇنداق خىياللار بىلەن پەلتويۇمنى كىيىپ ،سومكامنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقتىم.ھاۋا سوغۇق ،كەچ كىرىپ قالغان بولغاچ شىۋىرغان سەل كۈچىيىپ قالغان ئىدى.مەن ناھايتى تەسلىكتە ماشىنا تۇسۇپ قىزىلگۈل تورتخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا chaliquxi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-6 05:14 PM