ئامېرىكا قانداق قىلىپ دۇنيا پەن تېخنىكسىنىڭ
باشلامچىسىغا ئايلانغان
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، دۇنيا پەن-تېخنىكىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىپ، ئاجايىب ئۇلۇغ نەتىجىلەر بىرنىڭ-كەينىدىن بىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى. 1- ۋە 2-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن باشلانغان، مەيلى سانائەت ۋە مەيلى پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى جەھەتتە ئۇلار دۇنيانىڭ ئالدىنقى ئورنىدا تۇرغان. لېكىن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، 3-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى ئامېرىكىدا باشلىنىپ (يەنى نۇر، يادرو ئېنىرگىيەسى ۋە كومپيۇتېر قاتارلىقلارنى مەركەز قىلغان) ئامېرىكا دۇنيا زامانىۋى پەن-تېخنىكىسىنىڭ مەركىزىگە ئايلىنىشقا باشلىغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ تەرەققىياتىنى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تەبئىي ۋە ئىجتىمائىي ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. مەسلەن، جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ۋە تەبئىي بايلىق ئەۋزەللىككە ئىگە بولغان. مەدەنىيەت ئەۋزەلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئېچىۋېتىلگەن، قوبۇل قىلىشچان مەدەنىيەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان، بولۇپمۇ كېيىن بارلىققا كەلگەن يېڭى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن بىۋاستە ھالدا يېقىنقى زامان كاپىتالىزىم تۈزۈمىنى يولغا قويغان، فېئوداللىق تۈزۈم ۋە ئىدىيەلەرنىڭ ئاسارىتى يوق دېيەرلىك بولغان. 1-2-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىنىڭ پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلانغان. ئەمما، ئېنىقكى ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا بارلىققا كەلگەن ئەمەس.
دۇنيا پەن-تېخنىكا تارىخنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدىن بۇرۇن ئامېرىكا پەن-تېخنىكىسىنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىدا تىلغا ئالغۇدەك نەتىجىلەرنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. تارىخقا نەزەر سالساق، ياۋرۇپا ئەدەبىيات-سەنئەتىتىنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدە 16-ئەسىردە ئىتالىيە دۇنيا پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مەركىزىگە ئايلىنىپ، ئەينى چاغدا ئىتالىيەنى مەركەز قىلغان ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەردە گالىلى، بىرونو، كوپىرنىك قاتارلىق داڭلىق ئالىملار يىتىشپ چىققان، ئۇلار مىخانىكا، ئاسترونومىيە، فىزىكا جەھەتلەردە يېقىنقى زامان ئېلىم پىنىنىڭ ئاساسىنى سېلىپ، ئۇچقاندەك تېز تەرەقىياتلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. لېكىن ئەكسىيەتچىل دىنى جەمئىيەتنىڭ ئالىملارنى دەھشەتلىك باستۇرۇشى بىلەن ئىتالىيە ئىلىمى-پېنى خارابلاشقان. 17-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن ئەنگلىيە دۇنيا پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مەركىزىگە ئايلىنىپ، نىيۇتۇن قاتارلىق داڭلىق ئالىملار يىتىشپ چىقتى. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن كېيىن فىرانسىيە دۇنيا پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مەركىزى بولدى. بىراق ناپالىئوننىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن فىرانسىيەدىكى مەكتەپ ۋە باشقا تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋەيران بولۇپ، تىلغا ئالغۇدەك نەتىجىلەرمۇ بولمىدى. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولسا گېرمانىيە سانائىتى تېز تەرەققى قىلىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مەركىزىگە ئايلاندى. بۇمۇ ئاساسەن گېتلىرنىڭ تەختكە چىقىشى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئېغىر مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاياغلاشتى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ دۇنيا پەن-تېخنىكا مەركىزى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بولدى. ھەتتا 1901-يىلىدىن 1960-يىللارغىچە ئامېرىكىلىق نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرشىكەن ئالىملارنىڭ سانى پۈتۈن دۇنيا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر سانىنىڭ %16نى ئىگەللىدى.
ھەقىقەتەن، 1776-يىلى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە ئامېرىكىنىڭ ئىلىم پېنى ياۋرۇپاغا سېلىشتۇرغاندا كۆرىنەرلىك ئارقىدا، شۇنداقلا تەرەققىياتى ئىنتايىن ئاستا بولغان، بىراق ئاستا-ئاستا تېز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ گۈللەنگەن، باي، تەرەققىي تاپقان چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق تېز تەرەققى قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
1. ئامېرىكىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىدىن قارىغاندا، يەرلىك ھىندىئانلاردىن سىرت ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كۆچۈپ كەلگەن ھەرخىل تىل، دىن، يېزىقتىكى مىللەتلەر ئۇچراشقان بولغاچقا، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆز ئارا تەسىر زور بولغان. بۇ ئۆز ئارا ئۆگىنىش ۋە ئالماشتۇرۇشلار ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۆر پۇرسەت ۋە شەرتلەر بىلەن تەمىن ئەتكەن دېيىشكە بولىدۇ. يەنى ئىتالىيەنى مەركەز قىلىپ كېيىن غەربىي ياۋرۇپاغا كېڭەيگەن ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىنىڭ نەتىجىسىدە ياۋرۇپا مەدەنىيىتنىڭ ئلغار ئامىللىرىنى ئۆزلەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا چەتئەلنىڭ پەن-تېخنىكىلىرىنى كىرگۈزۈشكىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ياۋرۇپادىكى ھەر قانداق بىر خىل تېخنىكا يۈزلىنىشى ناھايىتى تېزلا ئامېرىكىدا ئىنكاس پەيدا قىلغان. مەسىلەن، 1803-يىلى ئەنگىلىيە تۇنجى بولۇپ پار ماشنىسىنى ياساشنى باشلىغان بولسىمۇ، ئۇ تېخى ياساپ بولماي تۇرۇپ، 1807-يىلى ئامېرىكلىق فولتون پار بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان پاراخوتنى ياساپ چىققان ئىدى. 1837-يىلى ئەنگلىيەدە تېلېگراف كەشىپ قىلىنغان بولسا، كېيىنكى يىلىلا ئۇ ئامېرىكىدا كېڭەيتىپ ئىشلىتىلگەن. ۋاكوئوم لامپۇچكىلار ياسىلىپ ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا رادىئو ئىستانىسى قۇرۇلۇپ، رادىيو ئومۇملاشتۇرۇلغان.
2.ھەر قايسى ساھەلەردىكى تەتقىقاچى ئالىم-مۇتەخەسسىلەرنى كۆپلەپ جەلپ قىلغان. ئىلىم-پەن سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن چەتئەللىك داڭلىق ئالىملارنى ئامېرىكىغا كېلىپ ھەرتۈرلۈك تەتقىقاتلار بىلەن شوغۇللىنىشقا ۋە لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىشنى مۇھىم ئشلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. مەسىلەن، ئېلىكتىروننى بايقىغان ئەنگىلىيە ئالىمى تومسون بىلەن قارا جىسىمنىڭ نۇرلىنىشى ئۈستىدە كۆپ ئىزدەنگەن رويلې لېكىسيە سۆزلەش جەريانىدىكى بىر قېتىملىق دەم ئېلىشتا «ئېغىر سىلجىش» ئۈستىدە سۆھبەتتە بولغان. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئوقۇغۇچى مېكېلسوننىڭ تەجرىبە ئارقىلىق سىناپ كۆرۈشىگە ئىلھام بەرگەن. ئۇ خىمىيە ئوقۇۋاتقان ساۋاقدىشى مورلى بىلەن تەجرىبە ئىشلەپ، نەتىجىسى ئىنكار بىلەن ئاخىرلاشقان. مېكېلسون شۇ ۋەجىدىن 1907-يىلى تۇنجى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئامېرىكىلىق (ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى گېرمانىيەلىك) بولۇپ نام چىقارغان.
3.ئامېرىكا مائارىپقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئومۇملىششىغا قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەن. ئۆز دۆلىتىنىڭ ۋە ئۆز خەلقنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان مائارىپ تۈزۈمىنى بارلىققا كەلتۈرۈش دۆلەت تەرەققىياتنىڭ ئۇلى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مائارىپ دەماللىققا ئۈنۈم ھاسىل قىلىدىغان كەسىپ ئەمەس، مەلۇم جەريان ۋە دەۋرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاستا-ئاستا مۇكەممەللىشىكە قاراپ ماڭىدۇ. قارايدىغان بولساق ئامېرىكا سانائەت ئىنقىلابىدىن باشلاپلا چەتئەللەردىن ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئالدى بىلەن گېرمانىيەنىڭ مائارىپ قۇرۇلۇشىنى ئۆرنەك قىلغان. ئىچكى ئۇرۇش (جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى) ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئالىي مەكتەپ قۇرۇشنى ئالاھىدە چىڭ تۇتقان، نەتىجىدە بۇ ئامېرىكىنىڭ 20-ئەسىردە زامانىۋىلىشىشىغا ياخشى شەرت-شارائىت يارىتىپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۆر تەييارلىقلارنى ھازىرلاپ بەرگەن. مانا ھازىرمۇ دۇنياۋى مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتىتلار ئاساسەن ئامېرىكىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
مائارىپنىڭ مۇھىملىقى ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان ھەقىقەت. ئەمما ئۇنى پۈتكۈل دۆلەت ۋە خەلق ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس. ئامېرىكا پارلامېنتى 1789-يىلىدىن باشلاپلا دۆلەت بويىچە ئىلىم-پەندىن، تېخنىكىدىن لىكسىيە سۆزلەش، دوكلات بېرىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇشنى ئۇتتۇرغا قويغان. مەسىلەن، ئەينى ۋاقىتتىكى زۇڭتۇڭ جورج.ۋاشىڭتون(George Washington) پەلسەپە ئىلمىي جەمئىيىتىىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1918-يىلىدىن باشلاپلا پەننى ئومۇملاشتۇرۇدىغان نۇرغۇنلىغان ھەرخىل كىتاب-ژۇرناللار نەشىر قىلىنغان. 1820-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە ئىلىم-پەندىن لىكسىيە سۆزلەش تۈزۈمى رەسمىي ئورنىتىلغان. بۇ تەشكىللىك، مەقسەتلىك ۋە نىشانى ئېنىق بولغان ھەرىكەت-پائالىيەتلەر پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە ۋە ئىلىمىي مۇھاكىمە ھاۋاسىنى جانلاندۇرۇشتا مۆلچەرلىگۈسىز رول ئوينىغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا مائارىپى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش شۇئار خاراكتېرىنى ئالغان بولماستىن، بەلكى مائارىپ ئەمەلىيىتىگە ۋە روھىغا سىڭدۈرۈۋېتلگەن. گېزىت-ژۇرناللاردىن كۆرىدىغان بولساق، ئەڭ ئاددىسى يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرىنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارمۇ ئادەتتىكى ئاپتوموبىللاردىن نەچچە ھەسسە مۇستەھكەم بولىدىكەن. مانا مۇشۇ خىل مائارىپنىڭ قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشلىرىغىمۇ شۇنچىلىك ئەھمىيەت بېرىش كەلگۈسىنىڭ ئىزباسارلىرى بولغان بالىلاردا بىر خىل ئۆزىگە ئىشىنىدىغان روھنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.
4. ئامېرىكا نىسبتەن مۇقىم بولغان ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلىغان. ھەممىگە مەلۇم، تارىخى تەرەققىياتتا ئەزەلدىن جەمئىيەت مۇقىم بولغاندا ئىشلەپچىقىرىش گۈللىنىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە گۈللىنىشلەر بارلىققا كېلىپ تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھەمدە چوڭ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن. ئەكىسچە، ئۇرۇش ۋە باشقا تەپرىقىچىلىكتەك مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى جەمئىيەت تەرەققىياتنى كەينىگە سۈرۈپ چېكىندۈرگەن. ئىنسانىيەت شۇڭا تىنىچلىق ۋە تەرەققىياتنى قوش كېزەك قېرىنداشلارغا ئوخشىتىپ بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان مۇناسىۋىتىنى ئاللىبۇرۇن تونۇپ يەتكەن. ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلبە قىلىپ، ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ قولىدىن ئاستا-ئاستا قۇتۇلۇپ چىقىپ تاكى جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى يۈز بەرگۈچە بولغان جەرياندا تەرەققىيات جەھەتتە ئامېرىكا ئادەتتىكىدەك بىر خىل ھالەتنى ساقلىغان. جەنۇب-شىمال ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تاكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىغىچە ئامېرىكا تارىخىدە زور ئىنقىلاب ياكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش-تالاش قىلىشتەك چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەچكە جەمئىيەت مۇقىم ھالەتتە بولغان. دۆلەت بار كۈچى بىلەن مەبلەغنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەرەققىياتقا سالغان. ئۇنىڭدىن سىرت بۇ خىل مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىىتى زور تۈركۈمدىكى چەتئەللىك ئالىملارنى جۈملىدىن يەھۇدىلارنى ئامېرىكىغا قېچىپ كىلىشكە جەلپ قىلغان. بولۇپمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېتلىر فاشىستلىرىنىڭ دەھشەتلىك ئېرقىي يۇقىتىشى سەۋەبلىك ئېينىشتىيىن، فىلانىك، تېللېر، سىللارد، ۋىگنېر قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئالىملار ئامېرىكىغا قېچىپ بارغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپ ئالىملار ئاتوم بومبىسى ياساش مانخاتتان پىلانىغا ۋە باشقا تۈرلۈك نازۇك پەن-تېخنىكا خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. ئۇنىڭدىن سىرت، پۈتكۈل ياۋرۇپا سانائىتىنىڭ ماشىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ئىشسىز قالغان زور تۈركۈمدىكى كىشىلەر1760-يىللاردىن باشلاپلا تۇرمۇش يولى ئىزدەپ ئامېرىكىغا بارغان. بۇ ياۋرۇپانىڭ بولۇپمۇ ئەنگىليە سانائىتى ۋە تېخنىكىسىنىڭ بىر قېتىملىق چوڭ يۆتكىلىشى-تەبئيي ھالدىكى تېخنىكا كىرگۈزۈش ئىدى. نوبىل مۇكاپاتى ئالغان ئالىملارغا نەزەر سالساق مۇتلەق كۆپى يەنىلا ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى باشقا دۆلەتلىك كۆچمەنلەر ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
5. ئامېرىكىنىڭ تەبئىي مۇھىتى ۋە تەبئىي بايلىقىمۇ ئامېرىكىنىڭ تەرەققىياتىدا زۆرۆر ماددى بايلىقلار بىلەن تەمىن ئېتىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. جۇغراپىيەلىك جايلىشىش ئالاھىدىلىكىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ناھايىتى ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئاتلانتىك ئوكيان بىلەن تىنىچ ئوكيان ئوراپ تۇرغاچقا، سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا كۆپ ئۇچراشتىن ساقلىغان دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت ئامېرىكىنىڭ تەبئىي بايلىق زاپاس مىقدارى ئىنتايىن مول بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىكەن. مەسىلەن، پۈتۈن دۇنيا بويىچە ساقلانغان ئالتۇن مىقدارى ئەڭ كۆپ 10 دۆلەت ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئالتۇن زاپاس مىقدارى ( توننا 8133.5) 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-6 04:33 PM