ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1195.4 دوللار ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1210.7 دوللا ر ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 1167.77 دوللا ر بازار يېپىلىش باھاسى 1188.64 دوللار بولدى .
ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 91.69 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1194.47 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
دوللارنىڭ كۈچلۈك بولۇش سەۋەبىدىن دوللاردىن باشقا دۆلەت پۇللارنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، شۇنىڭ بىلەن بۈگۈن ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازاردا ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ 1178 دوللار ئەتراپىدا بۇلۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ياۋروپا بانكىسىنىڭ كەڭ سىياسىتىنى يولغا قويۇش سىگنالنى بېرىشى ھەمدە گرېتسىيە سىياسىتىنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ياۋروغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولدى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئاۋسترالىيە ئېلان قىلىدىغان ياساش كەسپى سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە 12 - ئايلىق CPI سانلىق مەلۇماتى ۋە ئەنگلىيە بىناكارلىق كەسپى PMI ، ئەگەر ئەنگلىيە بىناكارلىق كەسپى PMI نەتىجىسى ناچار چىقسا ، ئۇھالدا دوللار كۆرسەتكۈچ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا ، ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق ISM نيۇيورك فېدېراتسىيە كارخانا پائالىيەت كۆرسەتكۈچى ۋە 12 - ئايلىق سودا مەسلىھەت بىرلەشمىسى كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1194-1178 دوللار ئارلىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى ئۆرلەشنى ئاساس قىلدى . چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا بىرىنىجى قىتىم 1200-1198 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە چۈشۈشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1195-1190 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
2. ياۋرۇپا بازىرىدا 1200 دوللاردىن ئىشىپ كەتسە بازارغا كىرمەي تۇرۇپ 1210 دوللار دىن ئىشىپ كىتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1200-1195 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
3.ئالدىنقى ھەپتىدە نۇرغۇن دۆلەتلەر يىڭى يىللىق دەم ئىلىشىنى تۈگۈتۇپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ غەيرى يېزا ئىگىلىك قىممتىنى ئېلان قىلىشنى بۇ جۈمە كۈنى ئۆزگەرتتى ، پەيشەنبە كۈنى كىچىدە ئامېرىكا فىدىراتسىيە يىغىنى ئىچىلىدۇ ، بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا مۇھىم سانلىق ئۇچۇرلار كۆپ شۇڭا سودا قىلغاندا ئىھتىيات بىلەن سودا قىلىش كىرەك .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1200 1210
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1180 1173
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1178-1208
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1168
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1200
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش
بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 91.55 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1178 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، دوللارنىڭ كۈچلۈك بولىشى دوللاردىن باشقا پۇللارنىڭ چۈشۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسىمۇ تۆۋەنلىگەن ، بۇندىن باشقا ياۋروپا بانكىسىنىڭ كەڭ سىياسىتىنى يولغا قويۇش سىگنالنى بېرىشى ھەمدە گرېتسىيە سىياسىتىنىڭ مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى ياۋروغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىگە سەۋەب بولدى . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئاۋسترالىيە ئېلان قىلىدىغان ياساش كەسپى سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . ياۋروپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى گېرمانىيە 12 - ئايلىق CPI سانلىق مەلۇماتى ۋە ئەنگلىيە بىناكارلىق كەسپى PMI ، ئەگەر ئەنگلىيە بىناكارلىق كەسپى PMI نەتىجىسى ناچار چىقسا ، ئۇھالدا دوللار كۆرسەتكۈچ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلىشى مۇمكىن . ئامېرىكا ۋاقتىدا ، ئامېرىكىنىڭ 12 - ئايلىق ISM نيۇيورك فېدېراتسىيە كارخانا پائالىيەت كۆرسەتكۈچى ۋە 12 - ئايلىق سودا مەسلىھەت بىرلەشمىسى كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلار مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ .