ئۇيغۇرلارنىڭ يىڭىلىققا ئىنتىلىش روھى قاياندا ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەممىمىزنىڭ ئاتا – ئانىسنىڭ ئۆمىرى ئۇزۇن تىنى سالامەت بولسۇن .
ئەمدى مۇشۇ دىيارىمىزدا ، ئۆز قەۋىمىزدە ياشىغانكەنمىز چوقۇم ئەتراپقا زەن سىلىپ ، ئەتراپقا بىقىپ ياشاش كىرەك . بىزنىڭ يىڭىلىققا ئىنتىلىش روھىمىز بەك مول . بىزدەك نەچچە يۈز يىل ئىلمنىڭ سۇنىقى كۆرمىگەن ، جاھالىيەت دەۋىرىنى بىشىنى ئۆتكۈزگەن بىر مىلللەتكە نىسبەتەن بۇ ئىنتىلىشلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىر ئەقىل ئىگىسى قاراپلار بىلەلەيدۇ ، ئەقلى ھەيران قالىدۇ . لىكىن بىزنىڭ بۇ روھىيمىزنىڭ توغرا خاتالىقىنى كۆرسۈتۈپ بەرمەيدۇ . ئەڭ ئاددىسى بىزگە ئەڭ دەسلەپتە ئىتتىك ئوموملاشقا ۋە تەسىرى جايىغا كەلمىگەن ئۇقۇملاردىن پىلاستىنكا قويغۇچ ، تور ، ئۈندىدار ..... قاتارلىق بىرقانچە ئۇقۇملار بىزگە ناھايىتى تىز يىتىپ كەلدى ۋە ياقتۇرشىمىزغا ئىرىشتى . ھازىر ھەممىمىزنىڭ ئۆيىدىن تىپىلىدۇ . بىزدە بۇ ئاڭ ۋە ئۇقۇملارنىڭ كىلىشى ۋە بىزگە ئومۇملىشى بىزنىڭ يىڭىلىقنى ئىتتىك قوبۇل قىلىش ئىقتدارىمىزنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردۇ . بىز بۇلارنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى بىلەن ھىساپلاشمايلا قوبۇل قىلىۋەردۇق . بىزگە ھىچقانداق چەكلىمە بوممىدى .
ئەمدى بىزنىڭ مۇشۇ يىڭىلىققا ئىنتىلىش روھىمىزنى قايانغا ئىشلىتىشنى بىز بىلمىدۇقمۇ ؟
بىز ئىرىشكەن ئاشۇلار بىزگە يىڭىلىقمۇ ؟
بىز يەنە نىمە يىڭىلىقلارنى كەشىپ قىلدۇق ؟
بىزنىڭ يىڭلىقلىرىمىز كىملەرنىڭ ياقتۇرشىغا ئىرىشتى ؟
بىز نىمە ئىرىشمەكچى ؟ نىمە ئىش قىلۋاتمىز ؟
بۇ سۇئاللار سەل چولتا بوپ قالغان بولسا تولۇقلاپ قويساڭلار بولىدۇ . مەن ئۆزىمىزنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەسمەن ، پەقەت ئىككى ئىغىز ئەتراپىمىزدىكى ئىشلارنى سۆزلىمەكچى .
1 - بىر ئاغىنەم بولدىغان 4 قىتىم توي قىلدى . تۆتلى قىتىم قىز بالا ئالدى ئۇ يەنە توي قىلماقچى بولۇپ ، تەكلىپنامە ئەۋەتىپ تىكەن ، ئۇنىڭ بىلەن تېلېفۇندا كۆرشۈپ قالدىم . ئۇ بەشىنجى قىتىم يەنە قىز بالا ئالدىكەن . ئۇنىڭ ئۈچۈن چوكان ئىلىش نۇمۇس ئىشكەن ، ئۇ تىخى يىگىت ئىكەن ، ھىچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىشنى قىلدىكەن .
2 – بىر تونۇشۇمنىڭ تويى بوپ قىلىپ ، قىز يۆتكەشكە ئالىي دەرىجىلىك ماشىنا كىتىدىكەن . چوقۇم كىشىلەر ئولتۇرۇپ باقمىغان دىيارىمىزغا ئەمدى كەلگەن يىڭى تىپتىكى ماشىنا بولۇشى كىرەككەن . مەن دىدىم لىنكولىن بولسا بولاممدۇ ؟ مەن ئەرزان دىيىشپ بىرەي 600 يۈەنگە يۆتكەپ بىردىغان بولدى دىسەم پەقەت ئۇنىماي بىر خەنما ماركىلىق ماشىنىنى 2000 مىڭ سومغا دىيىشىپ ئەكەلدى .
3 – بىر دوستۇم بىلەن كىيىم ئالغىلى بىللە چىقتىم . ئۇ دوستۇم بازارنى شۇنداق ئايلاندىكى ئەيھانناس بىر شەھەرنى ئايلىنىپ چىقتى ، مەن دىدىم . نىمە ئالاتتىڭ مۇشۇنچىۋىلا چۆرگىلەپ ، دىسەم ھىچ كىشى كىيىپ باقمىغان كىيىم كىچەك بولسا ئالاتتىم دەيدۇ .
4 – تېلېفۇن بازىردا چۆرگىلەپ تۇرسام بىرسى كەپتۇ . ئايفۇن ئالامسەن ؟ ياق ئاغىنەمنىڭ بار ، سامسۇڭ ئالامسەن يەنە بىر ئاغىنەمنىڭ بار ، قايسى ماركىلىقنى ئالىسەن . بولدىلا كونۇپكۇلۇق تېلېفۇن ئالىمەن دەپ چىكەتتى .
5 – سودىگەر بىر ئاغىنەم مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىرەر ئىش قىممدى . مەن سوردۇم نىمە ئىش قىلسەن ئاداش دەپ . ئۇ ھىچكىم قىلمىغان ئىش بولسا قىلدىكەن .
.
.
سۆزلەپ كەلسەم مۇنداق مىساللار بەك كۆپ . مۇشۇنداق ھىچكىشى قىلمىغاننى قىلىمەن ، ھىچكىشى كۆرمىگەننى ئالىمەن . ھىچكىشى كاللىسىغا ئەكەممىگەننى مەن قىلىمەن .... دىگەن شۇنداق ئۇلۇغۋار غايە ۋە نىشاننى ، تەييارغا ھەييار بولۇش ئۈچۈنلا ئەمەس ئەمىلى ئۆزىمىز قول سىلىپ ،باشقىلارغا ئۆزىمىنى ھەقىقي تۈردە تونۇتساق بولمامدۇ ؟ ھىلىھەم بىز باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىدىن ھوزۇر ئىلۋاتقانلار ، بەھىر ئىلۋاتقانلار . بىزدىكى شۇ ئۇلۇغ غايە ۋە نىشاننىڭ ، ھىچ كىشى قىلىپ باقمىغان شۇنى قىلىمەن دەيغان شۇ غايىنىڭ ۋىجدانى يوقمۇ ؟
ھىلىمۇ خەق قىلمىغاننى قىلىمىز دەپ توغرا پايدىلانسا بولدىغان بارلىق ئۇقۇملاردىن چەتنەپ كەتتۇق . بىز شۇ ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ قويغان ئىزنالاردىن ۋە ھازىرقىي زاماندىكى ئىزدىنىۋاتقان ساناقلىق ئادەملىرىمىزدىن پەخىرلىنىپلا ، بىشىمىزنى ئىچىگە تىقىپ شۇلارنىڭ ئەمگىكىنى ، نەتىجىسنى يوق قىلىشقا تىرشىۋاتمىز . مانا بۇ بىزدىكى ھىچ كىشى قىلمىغاننى قىلىمەن ، ئىتىمەنننىڭ نەتىجىسى ، بۇلاردىن پەخىرلىنىپ يۈرۈيمىز .
كاللىمىزنى ئىشلەتمەي ، كاللىمىز بىزنى ئىشلىتىۋاتىدۇ . بۇ ئىشلار ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتىدۇ . بىز ئۆزىمىنىلا ئويلاپ باشقىلارنى ئويلىمىساق ماۋۇ جەمىيەتتە بۇ سىقىلغانلىرىمىزنىڭ ھەق ئىكەنلكىنى باشقىلار ئىيتىدۇ .
ھازقىي لايىق تونۇشتۇرۇش مەركىزىدە ۋە شەخسى مەركەزلەردە قىز باللار يوق ئىكەن ھەممىسى تەڭدىن كۆپرەكى چوكانلاردىن ئىكەن . خۇدايىم ساقلىسۇن قىرىنداشلار بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەۋرىتىدىغان ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇپ كىتىشىدىن . بۇ ئىشلار ئويلىنىشقا تىگىشلىكمۇ ياكى مەن ئاتكاچىلىق قىلىپ يىزىپ قويدۇممۇ مۇنازىرە ئايرىسۇن!
ئالدىراپلا يىزىپ سەل ھاياجانلىنىپ قالغان بولسا ئۆزرە .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-5 07:14 PM