ئاكتىپ ئەزا
كىتاۋىم ھەر بىر بېتى بىباھا ، ئۆزگە قىممەت كىتاۋىم ، قىياپىتى سەرەمجان مۈلكى زىننەت كىتاۋىم ، تەڭ قىلىمەن كۆكسۈمگە ساڭا ھۆرمەت كىتاۋىم . قىسمىتىدە مول مەزمۇن ،سەبىي سۈلھەت كىتاۋىم . مەدىتىڭدە تۇرمۇشۇم قايناق سۈرئەت كىتاۋىم . لەۋ يېرىلدى گاچىمەن، سەزگۈ بەردىڭ تىلىمغا ، زەم -زەم بېرىپ قۇرىڭدىن ،مېھىر سالدىڭ دىلىمغا ، كەيپىياتىم تەڭشىلىپ سۆھبەت قۇردۇم خىلىمغا ، مەدىتىدە دوستلارنىڭ كۈچ قوشۇلدى جېنىمغا ، روھى ئويغاق ئاۋامدىن كۆردۈم ئىززەت كىتاۋىم . ئەجداتلارنى ئەۋلاتقا باغلاپ كەلدىڭ نۇر بولۇپ ، كەسپ بولدى تەۋۋەللۇت خاسلىقىڭدا تۈر بولۇپ، خارلىغانلار جىسمىڭنى ئۆزى كۆيدى كۈل بولۇپ ، خىسلىتىڭدا توپلاندى مەدەنىيەت كۆل بولۇپ ، سەيلە قىلسام بېغىڭنى ،ئالدىم لەززەت كىتاۋىم . كۆيدى قەسىر ، سەلتەنەت پادىشاھلىق كۆمۈلدى ، نى باھادىر ئارسلان كۆزى تەستە يۇمۇلدى ، قاچا بارمۇ ھەسرەتكە ،كىملەر قايتا تىرىلدى ؟ رەنجىپ بەزەن يىللاردىن يۈرەك ئاسان يېرىلدى ، كىچىكلىگەن ۋاقتىمدىن تاپتىم خىلۋەت كىتاۋىم . تەقدىرىدۇر ئەزەلىي ئۆتمۈش كېتەر چاڭ بىلەن ، ياشىماق تەس ئادەتتە توختاپ قالغان ئاڭ بىلەن ئىدىيەنى ئەتكىلى بولمايدىكەن تام بىلەن ، پەيلاسۇپلار ،ئابىتلار كەتتى جىمجىت نام بىلەن ، شەجەرىدىن مول ساۋاق بەردى ھېممەت كىتاۋىم . ھەر بېتىڭنى كۈن ساناپ بالىلارغا يالىتاي ، ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم كىتابخانا ئارلىتاي ، ئۆلچەم بولسۇن ئاددىيلىق ،ھەشەمەتنى تارلىتاي ، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىش ناۋاسىنى ياڭرىتاي ، توختامىدا تۇرمۇشنىڭ بولدى ھۆججەت كىتاۋىم . ئەنئەنەمدە ساقلىنىدۇ مەڭگۈ مىللىي كىملكىم ، بىر بۇلاققا زىچ قىلىدۇ ئۆم -ئىناقتا بىرلىكىم . كەلگۈسىگە يول ئاچىدۇ چىن تۆمۈردەك ئەرلىكىم ، كۈلۈپ تۇرۇپ بوشلىقىدا كېڭىيىدۇ كەڭلىكىم ، سائەتلىرىم مۈگدىمەستىن تاپار قۇدرەت كىتاۋىم . ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن ( توققوزتارا )
پاش قىلىش
يېتىلىۋاتقان ئەزا
يىـڭى ئــەزا
تەككەپپۇرلۇق ئى
دائىملىق ئــەزا
تىرىشچان ئەزا
ئالىي ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ