مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2723|ئىنكاس: 2

مۇھىم ئىقتىسادىي خەۋەرلەر (4-يانۋار) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 456
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 06:22:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


مۇھىم ئىقتىسادىي خەۋەرلەر (4-يانۋار)


1.يەر شارى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى ئەسلەش: گەرچە يېڭى يىللىق ئارام مەزگىلى بولسىمۇ، ئەمما بازارنىڭ پۈتكۈل ئاساسىي مېلودىيەسى ئۆزگەرمىدى. ئامېرىكا دوللىرى يېڭى يىل باشلىنىشى بىلەن يېقىنقى 9 يىلدىكى يۇقىرىپەللىگە چىقتى، ئامېرىكا دوللىرىدىن باشقا پۇللار، خام نېفىت ۋە ئالتۇن باھاسى داۋاملىق چۈشتى. يەر شارى PMI ئەھۋالى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدسىزلىكىنى ئېغىرلاشتۇردى. نېفىت باھاسى بەش يىلدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشتى، ئامېرىكا دوللىرى 91 نۇقتىدىن ئېشىپ ئازدېگەندە 8 يېرىم يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى؛ ياۋرو 29 ئايدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى؛ 2015-يىلى جۇڭگودا تۇنجى لەۋزىدە تۇرماسلىق كۆرۈلدى؛ جۇڭگونىڭ 12-ئايلىق ياساش كەسپى PMIكۆرسەتكۈچى 18 ئايدىن بۇيان تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. (ۋول كوچىسى گېزىتى)

2.شېنجىن ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتى جىياجىياۋيې شىركىتىدە قەرز ئەھدىگە خىلاپلىق قىلىش يۈز بەردى. جىياجىياۋيې گۇرۇھى خۇيېفېڭ پاي كونترول چەكلىك شىركىتىدىن ئالغان قەرزنى قايتۇرۇش جەھەتتە لەۋزىدە تۇرماسلىق يۈزبەردى ھەمدە مەزكۇر شىركەت ئاگاھلاندۇرۇپ، باشقا قەرزلىرىنىمۇ  قايتۇرۇپ بولۇشىنىڭ تەس بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. (ۋول كوچىسى گېزىتى)

3.ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تۆلەشتە تۇنجى ۋەيران بولۇش كۆرۈلدى، كۆپلىگەن جايلاردا كارتا ئىگىلىرى قىستىلىشىپ پۇل ئالماشتۇرۇشقا باشلىدى.ھەرقايسى جايلاردا ئارقا-ئارقىدىن P2Pشىركىتى مەبلەغ ئۈزۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلدى، قەرزدارلار قېچىپ كەتتى، مەبلەغ سالغۇچىلار دەسمايىسىنى قايتۇرۇۋالالماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تۆلەش ساھەسىدىمۇ مەسىلە كۆرۈلدى، ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تۆلەش ۋىۋىسكىسى بار شاڭخەيچاڭگوۋ (畅购) كارخانا مۇلازىمەت شىركىتى دۆلەت ئىچىدىكى بىرىنچى ۋەيران بولغان ئۈچىنچى تەرەپ ھەق تۆلەش كارخانىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. (21-ئەسىر تورى)

4.خاڭخۇدا پۈتمىگەن بىنالار مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش چۈشىنى بەربات قىلدى. شىشى Mohoئولتۇراق ئۆي بىناسى ئاللىقاچان ئۈچ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى ئارىسىدا ئالمىشىپ تۇردى، بۈگۈنگە قەدەر تاماملانمىدى. نەچچە يۈز ئۆي ئىگىسىنىڭ مال-مۈلكى قۇرۇغدىلىپ قالدى، تەلتۆكۈس سولىنىپ قېلىپ، جۇڭگو ئۆي بازىرى سوغۇق ئېقىمىنىڭ زىيانكەشلىكىگەئۇچرىغۇچىسى بولۇپ قالدى. (نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى)

5.ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاستىلىشى جۇڭگونىڭ 2014-يىلىدىكى قەرز ئېلىش كۆلىمىنىڭ ئېشىشىنى توساپ قالالمىدى. گەرچە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئەمما جۇڭگونىڭ 2014-يىلى پۈتۈن يىللىق قەرز كۆلىمى2013-يىلدىكى 116 مىليارد 850 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا قارىغاندا %20 ئېشىپ، 141مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولدى، ئاسىيا رايونى قەرز ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئۈچتىن بىرگە باراۋەر كېلىدۇ ھەمدە تۈر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ساھەسى باشلامچى ئورۇندا تۇرىدۇ. (رېيترس تورى)

6.بۇلتۇر 10 مىلياردلىقلار قوشۇنىغا كىرگەن ئۆي مۈلۈك كارخانىلىرى كۆپىيىپ 80 گە يېتىپ، كۈچلۈكلەر بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو كۆرسەتكۈچى تەتقىقات ئورگىنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2014-يىلى جەمئىي 80 ئۆي-مۈلۈك كارخانىسى 10 مىلياردتىن يۇقىرىلار قوشۇنىغا كىرگەن، 2013-يىلىغا قارىغاندا 9 كارخانا ئاشقان، سېتىش ئومۇمىي سوممىسى2 تىرىلىئون 800 مىليارد يۈەن بولغان، بازار ئۈلۈشى %40 كە يېقىنلاشقان. (رېيترس تورى)

7.قىسمەن ئېكسپورت بېجىنى ياندۇرۇش نىسبىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، بورلۇق پولات تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردا باج ياندۇرۇشنى بىكار قىلدى. جۇڭگو دۆلەت مەھكىمىسى دائىمىي ھەيئەت يىغىنى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئېكسپورت باج ياندۇرۇش مېخانىزىمىنى ياخشىلاپ، قىسمەن ئېكسپورت بېجىنى ياندۇرۇش نىسبىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەشنى قارار قىلدى. 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئىشلەپچقىرىش جەريانىدا بۇلغاش مەۋجۇت بورلۇق پولات تۈرىدىكى مەھسۇلاتلاردا باج قايتۇرۇشنى بىكار قىلىدۇ. (رېيترس تورى)

8. ئىراق نېفىت مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى 1-ئاينىڭ2-كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئىراقنىڭ 12-ئايدا نېفىت ئېكسپورت مىقدارى كۈنىگە 2 مىليون 940 مىڭ باكقا يەتكەن بولۇپ، 1980-يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى بولغان. (رېيترس تورى)

9.بۇ يىل جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي ئۆلچىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. (ئىقتىساد گېزىتى)

10.ئامېرىكا شىمالىي كورىيەگە يېڭى ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزدى، سونىي شىركىتىگە ھۇجۇم قىلغان شەخس ۋە ئورگانلارغا قارىتىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جاكارلىشىچە، سونىي شىركىتى خاككېرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراش ۋەقەسىدە ئامېرىكىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا چېتىشلىق دەپ قارىغان شىمالىي كورىيە ئەمەلدارلىرى ھەمدە شىمالىي كورىيەنىڭ ئۈچ ھەربىي قورال-ياراق ۋە كانچىلىق ئورگىنىغا يېڭى جازا يۈرگۈزگەن. ئەمما جازالاشنىڭ سىمۋۇللۇق ئەھمىيىتى ماھىيەتلىك ئۈنۈمىدىن چوڭ. (نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى)

11.مەركەز ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ھەربىر ئادەمنىڭ 500 يۈەن بولىدۇ. نۆۋەتتە مەركىزىي قاتلامدا ھۆكۈمەت ماشىنىسى پېچەتلەپ ساقلاش ۋە تولۇقلىما تارقىتىش خىزمىتى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، ھۆكۈمەت ئىشى قاتناش تولۇقلىمىسى2014-يىلى 12-ئايدىن باشلاپ تارقىتىلىشقا باشلىدى. بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركەز ۋەدۆلەت ئورگانلىرىنىڭ «قاتناش تولۇقلىمىسى» ئۆلچىمى: مەھكىمە دەرىجىلىكنىڭ ھەرئادەمنىڭ ھەر ئايلىقى 1300 يۈەن، باشقارما دەرىجىلىكنىڭ ھەر ئادەمنىڭ ھەر ئايلىقى800 يۈەن، بۆلۈم دەرىجىسى ھەمدە تۆۋەندىكىلەرنىڭ ھەر ئادەمنىڭ ھەر ئايلىقى 500يۈەن بولىدۇ. (21-ئەسىر تورى).

12.جۇڭگونىڭ 12-ئايلىق يېڭىدىن سېلىنغان تۇرالغۇ ئۆي باھاسى تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ كەتتى. ئاساسلىقى ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات سودىگەرلىرى باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىشى چۈشۈش دەرىجىسىنى چوڭايتىۋەتتى. بۇ جۇڭگو ئۆي بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى يەنىلا يىراقتىكى ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. (ۋول كوچىسى گېزىتى)

ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-4 06:28 PM  


تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5597
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 10:12:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھىم ئىقتىسادىي خەۋەرلەر ئىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 688
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5152
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 723 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:59:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوف

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش