بۇ شەھەرماڭا يات،مەن بۇ شەھەردەناتونۇش
(ھىكايە)
قۇربان ئەخمەت
1
قاچانكى بۇ شەھەرگەكەلدىم.ئەنە شۇندىن باشلاپ ئۆزۇمنى يوقۇتۇپ قويدۇم،ئۇزۇمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى،نەدىن كەلگنىمنى ،مەنزىلىم قايان ئىكەنلىگىنى بىلمەيتتىم.كىملەرنىڭ مىنى تۇنۇيدىغانلىقىنى مەن كىملەرنى تونۇيدىغانلىقىمنى تېخىمۇ بىلمەيتتىم.مەن بۇشەھەرگە ئەمدى كەلگەن ئىدىم.بۇشەھەرماڭا يات،مەن بۇشەھەرگە ناتۇنۇش ئىدىم.
يوللار،ماگىزىنلار،ئىگىز-ئىگىزكۆككە تاقاشقان بىنالار،كەڭرى كەتكەن يولدا موكېدەك ئوتۇشىۋاتقان ماشىنىلار،پىيادىلەر يولىدا كېتىۋاتقان ئادەملەر ھەممە ماڭا ناتونۇش خۇددى مەن بۇشەھەرگە يات بۇ شەھەر ماڭا ناتونۇش بولغاندەك.
يوللاردا ناتونۇش ئادەملەر كۆزى كۆك، بۇرنى پاناق ھەم ئۇزۇن،چاچلىرى بۇدرە تىرىسى قوڭۇرئىنسانلار،يەنە گازىر كۆز گاھ يومۇلاق،گاھ سوزۇنچاق يۇزلۇك،ئىگىز بويلۇق،قاڭشارلىق قاشلىرى توم ھەم قارا،چاچلىرى ھەم ئۇزۇن،ھەم قوڭۇر تىللىرى ھەر خىل كالدۇر-كۇلدۇرئىنسانلار بىر يولدا ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ،بىر-بىرىگە يول قويۇپ بىر بىرىنى يۇلەپ ھەم تارتىشىپ بىر بىرىنىڭ گىپىنى ئوقالماي تورۇپمۇ ئوز-ئارا ياردەملىشىپ بىر-بىرىگەكۆز بېقىشىپ ياكى باش لىڭشىتىپ مېڭىۋىرىدۇ،بىراق مەن بۇ يولدائۈزۇم يالغۇزكىتىۋاتىمەن.ئۈزۈمنى بۇ يولدا يوقتەكلا ھىس قېلىپ ئۇلار بىلەن بىر يولدا ئۇلارنىڭ كالدۇر-كۇلدۇر گەپلىرىگە قولاق سالغاچ ماڭاتتىم،ئەمما ھېچ نىمىنى چۇشەنمەيتتىم.كاللام قۇپقۇرق سەزگۇم ھېچ يوق، ھەتتا بارىدىغان مەنزىل نىشانەممۇ يوق چۇنكى مەن يالغۇزيىگانە بىر ئىنسان.مەن ئۆزۇمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلالمايتتىم كىتاپلارغايېزىلغان خەتلەرنىڭ ئاخىرىغا قويۇلغان چىكىتچىلىك بولسىمۇ .كىملەرنىڭدۇر كۆزىدىن ئۈزۈمنى ئىزدەيتتىم ،مىنى بىلىدىغان،چۇشىنىدىغان،مەن تونۇيدىغان كۆزلەردىن بىرسىمۇئۇچرىمايۋاتاتتى،چۇنكى مەن بۇ شەھەردە يوقتەك ئىدىم.مىنى ھېچكىم تونىمايتتى مەنمۇھېچكىشىنى تونۇمايتتىم. بۇشەھەرماڭا يات مەن بۇشەھەرگە ناتونۇش ئىدىم.
ماڭاتتىم ناھايتى ئىتتىك، نىشانەمنى بىلمەيتتىم.بىردىنلا شەھەرنىڭ ئاۋات يىرىگە جايلاشقان«فارابى كىتابخانىسى»دىگەن ۋىۋىسكىغا كۆزۇم چۈشۈپ يوقوتۇپ قويغان ئەڭ ئامراق نەرسەمنى قايتىدىن تېپىۋالغاندەك خوشھاللىنىپ كەتتىم.ئاخىرقى نىشانىم كېتابخانىمىدۇ؟.ئۈزۈمگە كەلگەن بۇ سۇئالدىن چۈچۈپ كەتتىم،چۇنكى مەن كېتابخانىنى ئەمەس كېتابخانا مىنى ئىزدىشى كېرەك ئىدى،مەن بىر پارچە ئوتلۇق كىتاب ئېدىم.شۇنداق بولسىمۇ ئالدىراپ كېتابخانىغا كىردىم،كۆزلىرىم ئەڭ يىڭى كېتابلارنى ئىزدەيتتى.بەزى كېتابلار تارىخى رومان ئىدى،بۇنى ئوقۇپ باقتىم قانلار ئىچرە بىر-بىرى بىلەن ئۆچەكەشكەن ئابا ئەجداتلىرىم ئەگرى قېلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ جان تالىشىپ يېتىشاتتى.تېنىم شۇركەندى،باغرىم ئېزىلدى.يۈرەگىم ئۆرتەندى،ياش قالمىغان كۆزۇمدىن قان ئاقتى. قولۇمغا باشقا كېتاب ئالدىم،خورلانغان ،ئالدانغان قىزلارۋەقەلىكى تەسۋىرلەنگەن رومان ئىدى،قىزلارنىڭ ھاياتىغا قاتتىق ئېچىندىم ۋەئۇھسىندىم ،يەنە بىر كېتاب ئالدىم ئۇ ئەخلاقسىز بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قاقشاتقان ۋەقەلىك بايان قېلىنغان پوۋسىت ئىدى.بالىلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقىغائېچىندىم.
-ئىنگىلىزچەكىتاب بارمۇ،ئۈگۈنىش ئۈچۈن؟.-ئۆزى پاكار،يۈزىنى سەپكۈن باسقان قارا قومچاق قىزنىڭ مەندىن سورىغان سۇئالىدىن ھەيران قېلىپ قىزغا قارىدىم دىققىتىمنى بۇزغىنغا ئاچچىقىم كىلىپ،ئەمما بېشىمنى ئىما قىلىپ كىتابخانا خۇجايىنىنى كۆرسىتىپ قويدۇم، گەپ قىلمىدىم چۈنكى مەن گېپىمنى چۈشەنمەسلىگىدىن قورقتىم.
-بار-كىتابچى بىر كىتاپنى قىزغا ئۇزاتتى.
-بۇئەمەس-قايسسى بۇلاتتى ھازىرقى ئەڭ ياخشىسى مۇشۇ ئىدى.
-ياق بۇنى چۈشۈنەلمەيدىكەنمەن-.قىز نىمە دىدى بىلمىدىم كىتابچى
-قانداق گەپ بۇ ئۈزىڭىزنى بىلمەي باشقىنى قانداق بىلىسىز؟.قىپ قىزىل ساراڭكەنسىز
ئاھ خۇدا!،مىنىمۇ باشقىلار شۇنداق دەمدىغاندۇ،چۈچۈپ كەتتىم مەن ئەمدى قىپ-قىزىلساراڭمۇ؟بۇ گەپنى ماڭا دىگەندەك تولغىنىپ كەتتىم.
-نىمىگەئىنگىلىزچە ئۈگۈنەي دىگەن ئىدىڭىز؟.-كىمدۇر بىرى قىزدىن سىلىق ئەمما تەئەددى بىلەن سورىدى.
ئۇكىشىگە قارىدىم.ئىگىز بوي قاڭشارلىق ئەپتى سۈرلۈك،ئەمما خۇشپئل بىر ئادەم ئىدى.مەن بۇشەھەردە ناتونۇش بولغاندەك ئۇ ئادەمگىمۇيات ناتونۇش ئىدىم،ئۇ ئادەممۇ ماڭاناتونۇش ئىدى.
-ياق كۆپرەك پۇل تاپاي دىگەنتىم،
-نىمە-ناتۇنۇش ئادەم ۋاقىراپ كەتتى،ۋاقىرغىنىنى باشقىلار ئاڭلىمىدى،مەن ئاڭلىدىم ،ياق جاھازىلاردىكى كىتاپلارنىڭ سىلكىنىپ تىتىرشىدىن سەزدىم، ناتونۇش ئادەم تىتىرەپ توراتتى قىزغا قارىدىم قىز كۆزىمدىن يىتىپ كەتتى، كىتابخانىدىن تىكىۋەتكەن ئىدى.
-كىلەريىلى چەتكە ئوقۇشقا چىقاتتىم ئىنگىلىزچە ئۈگۈنۈش كىتاۋى بارمۇ؟- سورىدى بەدىنىگە چىڭ كەلگەن مودىل قىزلاردەك كىيىنىۋالغان تېخى ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قۇلىقىنى تەشتۈرۈپ كىچىككىنە زىننەت بويۇمى تاقىۋالغان ،چېچىنىڭ ئىككى يېنىنى ئالدۇرېتىپ چوقا ۋەگەردىنىنى قۇناق پۇپىكىدەك ئۆستۈرۋالغان ،بوينىغا ئىنچىگە زەنجىر ئېسىۋالغان قىزسۈپەت يىگىت.ئۇنىڭ سۆزىنى تولۇق چۈشەندىم.
-نىمەكەسىپتە ئوقۇيسەن ئۇكا-سورىدى،ئەپتى سۈرلۈك ئەمما خۇشپئىل ئادەم كىتاپچى ھېلىقى قارا قومچاق قىزغا ئېلىپ بەرگەن ئىنگىلىزچە كىتاپنى قىز سۈپەت يىگىتكە ئۇزاتتى.
-پىسخىكاكەسپىدە ئوقۇي دىگەن، بىزدە بۇ كەسىپ يوق دىيەرلىك كىيىنچە بازارلىق بولۇپ كۆپ پۇل تاپالىشىم مۇمكىن – دىدى مودىل قىزدەك ياسىنىۋالغان قىز سۈپەت پىپەكۋاش يىگىت.
-بۇمۇبىر سودا دىگىن –دىدى ئەپتى سۈرلۈك خۇشپئىل ئادەم ئاچچىق خۇسىنىدى خۇددى بىرسى ئۈزىگە زەھەردەك ئاچچىق گەپ قىلغاندەك.
يىگىت مۈرىسىنى قىسىپ قويدى،جاۋاپ بەرگۈسى كەلمىگەندەك ياكى ئەپتى يامان خۇشپىئل ئادەمنى ياراتمىغاندەك ئەلپازدا بىپەرۋالىق بىلەن كىتابنىڭ ئۇيەر بۇيىرىنى ۋاراقلىغاچ كىتابنىڭ پۇلىنى بېرىپ سىرتقا ماڭغاچ.يىگىتنىڭ كەينىدىن قارىدىم،يىگىت ياۋرۇپالىققىمۇ غەرىپلىككىمۇئوخشاپ قالغان ئىدى،ئەمما مەن ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشەندىم بونىڭدىن ھەيران قالدىم،چۈنكى ئۇ يىگىت ماڭا ئوخشىمايتتى،ئەمما ماڭا ئوخشاش گەپقىلاتتى،كىيىنىشى قىزلاردەك،خۇددى ئوغۇل تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلغاندەك،تار ھەم باشقىچەبىر خىلدا.
مەن قولۇمدىكى كىتاپنى جاھازىغا قويىۋېتىپ كىتاپخانىغا باشتا كىرگەندەك قايتىدىن تەپسىلى قارىدىم،جاھازىلارغا كىتابلار لىق توشقان ئىدى،يەردە بىر بۈلۈك كىتابلارئەخلەت تۇڭىغا تاشلانغان كىرەكسىز ئەخلەتلەردەك بۇيۇن قىسىپ قالايمىقان چېچىلىپ ياتاتتى.ھېلىقى ئەپتى يامان خۇشپىئل ئادەم قېلىن بىر كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىدىغاندەك پۈتۈن دېققىتى بىلەن كىتاب ئۇقۇۋاتاتتى.
-ئېنگىلىز تېلى ئوقۇشلىقى بارمۇ؟-سورىدى ئۈستىبېشى رەتلىك كىيىنگەن بىر يىگىت سىرىتتىن كىرىپ،سىلىق بوش ئاۋازدا.
كىتاپخاناخۇجايىنى يەنە ھېلىقى قىزغا،يەنە قىز سۈپەت يىگىتكە ئۇزاتقان كىتاپتىن بىرنى ئۇزاتتى،يىگىت كىتاپنىڭ باھاسىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى،كىتاپ باھاسى يۇقۇرى ئۇخشايدۇ.
-سەنمۇ چەتكە ئوقۇشقا چىقىپ بىلىم ئىگەللەپ خەلقىڭگە ساتاي دەمسەن ئۇكا؟-سورىدى ھېلىقى ئەپتى يامان ئەمما خۇشپىئىل ئادەم ئۇقۇۋاتقان كىتاپتىن بېشىنى كۆتىرىپ يىگىتكە قاراپ.
-ئۆزۈمنى ئىزدەش ئۈچۈن چەتئەلگە ئۇقۇشقاچىقماقچىمەن،ئۈزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىگىمنى ھەقىقى بىلىپ باقاي دەيمىنا،بىزنى ھېچكىم تونۇمايدىكەن كىتاپلارغا شۇنداق گەپلەر كۆپ يېزىلىپتۇشۇڭا ئۈزۈمنى تاكامموللاشتۇرۇپ «مەھمۇد»بوۋامغا ۋارىسلىق قىلاي دىدىم-دىدى يىگىت بىر خىل قەتئىلىك بىلەن سىپايە ھالدا مۇلايىم ئاۋازدا،يىگىتنىڭ كۆزىدىن ئۈزىگە بولغان بىرخىل ئىشەنچ ۋە جەسۇرلىق چىقىپ تۇراتتى.يىگىت ماڭا ناھايىتى ئۇلۇغ بىر ئادەمدەك كۈرىنىپ كىتىۋاتاتتى.
-مانا يىگىت دىگەن،ئادەم دىگەن ياشلىقىدا ئۆزى ئۈچۈن،قىرىنداشلىرى ئۈچۈن،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن ياخشى ئىش، ياخشى ئادەت،ياخشى خۇلىق،ياخشى نەتىجە،ياخشى ئۇدۇم مىراس قالدۇرغۇلۇق–ئەپتى يامان خۇشپىئل كىشى خۇددى پەيلاسۇپلاردەك ،بۇ گەپلەرنى كىتاپتىن يادقا ئالغاندەك ۋەزمىن بىر خىل سىلىق ئاھاڭدا سۆزلەپلا كەتتى.-دەۋرىمىزدە بىر بۈلۈك ياشلار ئوتتۇرا ياشلىقلار بوزۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ،پۇل دىگەن ئۇقۇم ئۇلارنىڭ ئېڭىغا قوغۇشۇندەك قۇيۇلۇپ ماگمىدەك ئورناپ كىتىۋاتىدۇ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۇپ خاس ھاجىپ،نەۋايى،لوتفى،سەككاكى،مەشرەپ»تەك ئالىم،پەيلاسۇپ،شائىرلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆمىرىنى سەرەپ قىلىپ قالدۇرغان نەسىھەت ئۈگۈتلىرىنى ئۇنتۇدى،كۆرىشنى خالىمىدى ھەم ئاڭلىمىدى،مانا ھالىمىزغا قاراپ باقساق بىز نىمە بولۇپ قالدۇق؟.بۇ ئادەم قىزىشىپ سۆزلەۋاتاتتى،-بۇپۇل پەرەسلەر خەلىقنىڭ ئۈزىدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئۇنتۇپلاقالدى،ھەتتاخەلىق نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئەنئەنىۋى ئەخلاقنى بىر تىپىك بىلەن چۆرىۋەتتى،ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى قۇرت يەپ كەتتى،تارىخىمىزنى ۋاراقلىساق ئەجدادىمىزقەدىم-قەدىمدىن باشلاپ ئلىم مەرىپەت بىلەن شۇغۇللانغان،ئۈگۈنىش،ئاتا-ئانىغا ۋاپاداربولۇش،بالىغا مىھىربانلىق قىلىش،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش كىچىكلەرنى ئىززەتلەش،ئۆز-ئارامۇناسىۋەت،ئل جامائەتتىن ھايا قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن،ئۇزاقنى ئەمەس يېقىنقى تارىخمىزغا قارىساق دۇنيانىڭ ئەركىسى چىڭگىزخان دۆلەت ئۇستازىنى بىزدىن قىلغان يېزىقىنى بىزگە كەشىپ قىلدۇرغان ئىدى،ئەمدىكى ھالىمىز نىمەبولۇپ كەتتى؟؟؟؟؟...-يىغلاپ كەتتى ئەپتى يامان خشپىئل ئادەم سۆزىدىن توختاپ ئىككى چېكىسىنى قۇلى بىلەن ئۇۋلاپتۇرۇپ يىگىتكە باشتىن ئاخىر قايتىدىن سەپسېلىپ قاراپ-بالام بۇ كىتاپنى ساڭا ھەدىيە قىلاي،سوۋغام بولۇپ قالسۇن،بىزخەلىق سېنىڭدەك مەڭگۈ ئۆگۈنىشچان،ئرادىلىك تىرىشچان ياشلارغا مۇھتاج ئۈمۈدىمىزنى يەردە قويما!!!.
يىگىت ئەدەپ بىلەن ئۇ كىشىگەقايتا قايتا رەھمەت ئېيتتى ۋە ۋەدەبىرىپ كىتاپنى قولتىقىغا قىستۇرۇپ كىتاپخانىدىن چىقىپ كەتتى.كىتاپخانا يەنە جىمجىتلىققا چۆكتى،دوختۇرخانىنىڭ قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كىتاپخانا ئالدىدىن ئەنسىز چىقىراپ ئۆتۈپ كەتتى.يۈركىم ئەنسىز سوقۇپ كەتتى.ئىسىمگەدوختۇرخانىدائىڭىراپ ياتقان كېسەل دادام كەلگەن ئىدى.كىتاپخانىدىن ھېچكىمگە خوش دىمەستىن دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدىم،
داۋامى بار ھەممىنى بىر يەرگە يىغىپ قويدۇم مانا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamatkurban تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-4 08:47 AM