مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6765|ئىنكاس: 18

دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ خوتەندىكى لېكسىيەسىدىن تەرمىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كىتابخۇمار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104496
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 784
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2014-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 10:58:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىمنىڭ خوتەندىكى لېكسىيەسىدىن تەرمىلەر


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. u% r2 X* l' t& H+ d/ u/ I

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" e, X" f2 s: j; @1 E8 F$ o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# E  Y! I# ]+ w& I4 o8 T

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىقتىساد جەمئىيەتشۇناسلىقى    كوللىكتىپ ئەقىدە   ئەخلاق سودىسى   مەدەنىيەت سودىسى    مەدەنىيەت كاپىتالى     چوڭ ئويلاش   ئۈنۈملۈك تەپەككۇر   تەۋسىيەلىك كىتابلار

_57A0664.JPG

ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرىستېتى جەمئىيەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇرى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ پىروفىسسورى، تەڭرىتاغ ئالىمى زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىم 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ راۋان كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خوتەنگە كېلىپ بىر كۈنلۈك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.  يېغىنغا يەنە تەكلىپلىك مېھمانلاردىن خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومىقنىڭ دوتسىنتى، ئوقۇتۇش نازارەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئاتاقلىق ئەدىب، تونۇلغان شائىر مۇختار سۈپۈرگى ئەپەندىم(زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ ئوڭ تەرىپىدە)، ساخاۋەتلىك كارخانىچى، ئىنساپ كۈتۈپخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇرسۇنتوىتى ھاجىم(زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ سول تەرىپىدە)، خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومىنىڭ ئەدەبىيات پەنلىرى دوتسىنتى، خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى گۈلنار مەتنىياز خانىم، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ ئادۋۇكاتى، شىنجاڭدىكى ئون مۇنەۋۋەر ئايال ئەدىبنىڭ بىرى، خوتەن ۋىلايەتلىك رادىئو ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپلىك پىسخىك مەسلىھەتچىسى ئالتۇنگۈل رەجەپ خانىم قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلدى.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ c% D; n' w7 u$ u. X7 ^

_57A0471.JPG

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" q/ L& l, j! t/ A# y, D

زۇلپىقار مۇئەللىم چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن بولۇپ «ئىقتىساد جەمئىيەتشۇناسلىقى كارخانىچىلار ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نېمە دەيدۇ»، «ئۈنۈملۈك تەپەككۇر ۋە ئىگىلىك تىكلەش» دېگەن تىمىدا نوتۇق سۆزلىدى. زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ نوتۇق سۆزلەش مىتودى ئۆزگىچە بولۇپ، ئىقتىساد جەمئىيەتشۇناسلىقىنى چۈشەندۈرۈشتە ئىقتىساد جەمئىيەشۇناسلىقىنىڭ قايسى سوئاللارغا جاۋاپ بېرەلەيدىغانلىقى ئېيتىش ئارقىلىق، بۇ پەننىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە تەتقىقات دائىرىسىنى ناھايىتى ئوبرازلىق بايان قىلىپ ھەممە كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغىدى. يەنە ئۈنۈملۈك تەپەككۇرنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى رولى ھەققىدىمۇ ناھايىتى قالتىس مەزمۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلەرنى نۇرغۇن يېڭىچە پىكىرگە ئېرىشتۈردى. نوتۇق سۆزلەش جەريانىدا بىز ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان ئەمەلىي مىساللارنى ئېلىپ  ناھايىتى جايىدا تەدبىقلاپ بەردى.

مېنىڭ زۇلپىقار مۇئەللىم سۆزلىگەن بارلىق مەزمۇنلارنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلنە ئورتاقلىشىش نىيىتىم بولسىمۇ، ئەمما تولۇق خاتىرە قالدۇرۇپ بولالمىغانلىقىم سەۋەپتىن ۋە ئىخچام بولۇشىنى كۆزلەپ تۆۋەندە نوتۇق جەريانىدا  ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان سۆزلەردىن خاتىرەمگە يېزىۋالغانلىرىنى شۇ پېتىلا ئالدىڭلارغا تىزىمەن:

1. بازاردا ئەخلاق ۋە كوللىكتىپ ئەقىدىنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم.

2. سودا قىلىۋاتقانلار مەھسۇلات سودىسىلا ئەمەس، يەنە مەدەنىيەت سودىسى، ئەخلاق سودىسى قىلىدۇ.

3. مەدەنىيەت-بازاردىكى كۆرۈنمەس زەنجىر.

4. مەدەنىيەت پاسىلى ھەققىدە ئويلىنىڭ.

5. خام-خىيال سودىسىنىڭ رايونىمىزدىكى تىپىك مىسالى-ھەرەمباغ.  كوللىكتىپنىڭ خام-خىيالىدىكى، تەسەۋۋۇرىدىكى ئىنتىلىشىنى بىلىشكە ماھىر بولۇش كېرەك.

6. ئادەتتىكى كارخانا مەھسۇلات يارىتىدۇ؛ ئوتتۇراھال كارخانا ماركا يارىتىدۇ؛ مۇنەۋۋەر كارخانا ئۆلچەم يارىتىدۇ.

7. بازارنىڭ پەرزى ۋە تەبۇسى بولىدۇ.

8. سودىدا رىشتىدىن، كوللىكتىپ رىشتىدىن پايدىلىنىش-رىشتە سودىسى دېيىلىدۇ.

9. ئۇيغۇر كارخانىچى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئۈچ چوڭ باي (مۇسابايوف، ماخسۇت مۇھىتى ۋە تاشاخۇنۇم) نىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇپ چىقىشى كېرەك.

10. شىركەت خوجايىنلىرى مەھسۇلاتقىلا مەبلەغ سېلىپلا قالماستىن ئىناۋەتكىمۇ مەبلەغ سېلىپ، ئىناۋەت سودىسى قىلىشى كېرەك. (بۇ ھەقتە SONY شىركىتىنىڭ تارىخىنى ئوقۇڭ)

11. كىتاپنى تاشلىۋەتكەن مىللەتنى كىلەچەك تاشلىۋېتىدۇ.

12. ئەڭ ياخشى سودا ئەمەلىيەتتە ئەخلاق سودىسىدۇر.

13. «باي-پۇلدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق گاداي» دېگەندىكىگە ئوخشاش بايلاردىن بولماڭ.

14. بازاردا ئۇتۇق قازىنىشتىكى تۆت زۆرۈر ئىش: (1) ئاۋامنىڭ قىممەت قارىشىغا، مىزانىغا رىئايە قىلىش. (2) ھەرقانداق ئىقتىسادنىڭ مەدەنىيەت مۇھىتى ۋە تۈزۈلمىسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئەستە تۇتۇش. (3) تۇيغۇ ۋە مەناغا ئاساسەن، رىشتە مىخانىزىمى ئورنىتىش. (4) كىشىلەرنىڭ نېمىنى مەنىلىك ئىش دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلىش.

15. ھەقىقىي ياخشى مائارىپ تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى ئۆگىتىدۇ: ياخشى ئادەت، ياخشى پوزىتسىيە، ياخشى پاكىت.

16. تەۋسىيەلىك كىتابلار: «تەپەككۇر» ژورنىلى، «باي دادام، نامرات دادام»، «تەپەككۇرنىڭ قۇدرىتى»، «تەپەككۇرغا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەش»، «قايغۇرماڭ، باتۇرلارچە ياشاڭ»، «ئۈنۈمدار ئادەملەرنىڭ يەتتە ئادىتى» ، «شىركەتنىڭ كۈچ قۇدرىتى»، «سىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭىز»، «قەلب خەرىتىسى».

17. پۇللا كاپىتال بولمايدۇ، يەنە مەدەنىيەت كاپىتالى بىلەن تونۇشۇڭ.

18. سودا باشلىغاندا بىلىشقا تىگىشلىك بەش تەرتىپ: (1) سودا ئوبىكتىنى مۇقىمداش. (2) دەسمايىنى جۇغلاش. (3) ئاددىي ئىشلاردىن باشلاش. (4) پاكىتنى ئاساس قىلىش. (5) «مەن ماس كېلەمدىم؟» دەپ ئۆزىدىن سوراش.

19. ھاياتنىڭ مەنىسى-مەنا ئىزدىگۈچىلەرنىڭ مەنا ئىزدىشىگە ياردەم بېرىش.

20. ھەربىر قەدىمىڭىزگە قىممەت قوشۇڭ.

21. «ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مىتودلىرى» ناملىك كىتابىم بازارغا چىققاندا سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.

22. بىز ھەربىر دەقىقىدە بىر نەرسىدە خاتالاشقۇچى.

23. مېنىڭ چوڭ مەخپىيەتلىكىم، مۇنداق ئۈچ ئىشنى قىلمايمەن: تېلېۋىزور، ئۈندىدار، گېزىت ئوقۇمايمەن. ئۇلار قەلبكە تاجاۋۇز قىلىدۇ.

24. قاراڭغۇنى تىللاۋەرگۈچە، بىر تال بولسىمۇ شام ياققان ياخشى.

25. جەمئىيەتشۇناس-جەمئىيەتنىڭ دوختۇرى.

26. چۈشكۈنلۈك-زۇكام. چۈشكۈنلۈكمۇ يۇقىدۇ.

27. ھەممە ئادەمگە ياخشى بولىمەن دېگەن ئادەم ياخشى ئادەم ئەمەس.

28. «مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىسى»

29. مەن مەڭگۈ پەرقلىق ئويلايدىغان ئەبلەخلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن. -سىتىۋ جابىس

30. جەمئىيەتنى ئۈچ پۇتلۇق داڭقان دېسەك، ئۇنىڭ ئۈچ پۇتى: سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت.

31. ئاتام ئېيتقان بايىتى گەپلەر، مىش-مىش گەپلەردىن يىراق تۇرۇڭلار.

32. بىر كارخانىچى ئون يىل بېسىپ كىتاب ئوقۇسا، كېلەچەك ئۇنىڭ بولىدۇ.  -مايۈن

33. بۈيۈك ئادەملەر-ئوينىڭ، تەپەككۇرنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىشىگە ئىشىنىدىغان ئادەملەر.   -ئىمىرسون

34. دەل جايىدا بىر سوئال قويۇش جاۋاپنىڭ يېرىمىنى تاپقانغا باراۋەر.

35. ئۈنۈملۈك تەپەككۇردىكى بەش خۇرۇچ: (1) تەپەككۇرنىڭ باش ئېقىنىنى چوڭقۇر يەردىن باشلاڭ. ئاددىي نەرسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشتىن باشلاڭ. (2) خاتالىقلىرىمىز-كومپاس. (ھەقىقىي ئەخمەقلىق-ئوخشاش بىر خاتالىقنى قىلىۋېرىپ ئوخشىمايدىغان نەتىجە كۈتۈشتۇر. -ئېينىشتىيىن)   (3) ھەركىم ئۆز ئەقلىنىڭ سوقراتى بولسۇن. سوئال تېپىش، جاۋاپ تېپىشتىنمۇ مۇھىمدۇر. خاتا سوئال ئۈستىدە ئويلىنىش ئۆمۈرنى ئىسراپ قىلغانلىق. توغرا سوئال بۇرۇن چېتىلمىغان نەرسىلەرنى بىر يەرگە چاتىدۇ. (4) ئالدىغا بىر قاراش، كەينىگە بىر قاراش. (5) يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە تەييار تۇرۇش. ئۆزۈم ئەڭ قالتىس دەپ ئۆزىنى ئۆزگەرتمەسلىك پىسخىلوگىيىلىك كېسەللىك.

36. رىئاللىقىمىز-تەپەككۇرىمىز، ئويىمىزنىڭ مەھسۇلى.

37. ئۈنۈملۈك تەپەككۇرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن چوڭ ئويلاشنى بىلىش كېرەك. چوڭ ئويلاش ئۈچۈن: (1) ئۆزىڭىز ئىجابىي گەپلەرنى ئىشلىتىڭ. (2) ئەتراپىڭىزدىكى باشقىلارغىمۇ ئىجابىي گەپلەرنى ئىشلىتىڭ. (3) باشقىلارنى رىغبەتلەندۈرۈڭ، قىلغان ئىشلىرىنى ئىجابىي جەھەتتىن مۇئەييەنلەشتۈرۈڭ. (4) نېمىنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىغا ئەمەس، نېمىنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا كۈچەڭ.

38. ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان ئىشقا، ئۆزىڭىزگە، مەھسۇلاتىڭىزغا قىممەت قېتىڭ.

39. قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى مۇھىم دەپ قاراڭ.

40. مائارىپ-مەڭگۈ سىياسىينىڭ شىكارى. مائارىپ-مەڭگۈ سىياسىينىڭ تەجرىبە ئېتىزى.

41. توختىماي كىتاب ئوقۇش ھاياتنى ئۇزارتقانلىق.

42. بىز تەبىئەتتىن قانچە يىراقلاشقانسىرى، ئىنسانىي سۈپىتىمىزنى شۇنچە يوقىتىمىز.

43. ئۇنىڭ گۇناھىدا سېنىڭ گۇناھىڭ ئەكىس ئېتىدۇ.  -رۇمى

44. ۋىجداننى يېگىلى بولمايدۇ، ئەمما ۋىجدانسىز ئادەم ھەممە نەرسىنى يەۋېتىدۇ.

45. ۋاقت باشقۇرۇش ھەققىدە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2014-يىلى 5-سانىدىكى زۇلپىقار مۇئەلللىمنىڭ ماقالىسىنى ئوقۇپ بېقىڭ.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( F) G) v- Q( [% a4 j
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" d/ c5 W9 H; D1 d+ ]# Kبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% I$ K" [7 o3 M* o" [

زۇلپىقار مۇئەللىمىدىن كېيىن ئاتاقلىق شائىر مۇختار سۈپۈرگى مۇئەللىم جەمئىيەتتىكى بالىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىش ئەھۋاللىرى ئۈستىدە توختىلىپ، مىللىتىمىزنىڭ تارىختا كىتابنى، ئوقۇشنى، مائارىپنى تاشلىۋەتكەنلىك تۈپەيلىدىن جاھالەتتە قالغان ۋاقىتلىرىنى ئەسكە سېلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق مائارىپتا باش كۆتۈرۈپ چىققاندىلا، مەكتەپتە كۆپلەپ ئوقۇغاندىلا ئاندىن بىر مىللەتنىڭ شان-شۆھرىتىنى قايتىدىن تىكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى سۆزلىدى ۋە ئۆزى يازغان تۆۋەندىكى«ئوقۇغىن» ناملىق شىئىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىپ بەردى:

_57A0499.JPG

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& A1 O3 @8 F) ?
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 f9 L2 X$ S7 n/ Q2 l  {! Y$ Y

ئوقىغىن

مۇختار سۈپۈرگى

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, y3 y: g7 ~0 I1 O+ e; J$ U

تەقدىرىڭگە جەڭ ئوقى ئاتاي دېسەڭ ئوقىغىن،

كائىناتنىڭ سىرىنى ئاچاي دېسەڭ ئوقىغىن.

ئەل-ۋەتەنگە تۆھپە-تەر قاتاي دېسەڭ ئوقىغىن،

نىسىۋەڭنى ئىلكىڭگە ئالاي دېسەڭ ئوقىغىن،

بۇ دۇنيادا ئىنساندەك ياشاي دېسەڭ ئوقىغىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 @, N/ B7 q4 _  F7 X

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 v: @/ ^5 Z6 D

«ساۋاتسىزلىق شەرەپ ئىش» دېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،

ئەل غېمىنى يالغاندىن يېگەنلەرگە مىڭ لەنەت،

تىرىكتاپقا ئاش بەرگەن لىگەنلەرگە مىڭ لەنەت،

نادانلارنى ئىشەك قىپ مىنگەنلەرگە مىڭ لەنەت،

ئادىمىيلىك قەدرىنى تاپاي دېسەڭ ئوقىغىن.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- I: D$ d" @+ d& [9 @. iبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 ?; z8 Y3 g$ a2 k. G

ئەجدادىمىز ياراتقان قەغەز، كومپاس، مەتبەئە،

چىققان بىزدە روياپقا ئالەمشۇمۇل مۆجىزە،

نەسلى ئىدۇق ئەشۇنداق زېرەكلەرنىڭ ئەسلىدە،

بىز جاھانغا تۇنۇلغان ئىلىم بىلەن دەرۋەقە،

كەلگۈسۈڭنى ئەجدادقا چاتاي دېسەڭ ئوقىغىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; ]8 g* G! g5 H3 b  p

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 {% `3 I( F" ~

كۈلپىتىڭدىن ۋايسايسەن، «نە ئۈچۈن» دەپ باقمايسەن،

قاراڭغۇ دىل خانەڭگە ئىلىم نۇرى ياقمايسەن،

ئۆزگىلەرگە ئۆزۈڭدىن خۇشپۇراقلار چاچمايسەن،

تۇرۇپ بىر دىل، بىر تىللىق، بىر كوچىغا پاتمايسەن،

خىسلىتىڭدىن نۇر-زىيا چاچاي دېسەڭ ئوقىغىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ D0 l$ [: Y3 ~: p/ Y0 K

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ j! n4 e) H& R4 e1 t! o

نىجاتلىقنى ئىلىمگە باغلىغانلار باياشات،

ئۇچتى، ئايغا، مارىسقا، قاقتى ئەركىن پەر-قانات،

ئەمما سېنى يالمىدى ۋاقتى ئۆتكەن خۇراپات،

ھەل بولمىدى تىلىكىڭ قىلىپ شۇنچە مۇناجات،

چىن ھىدايەت يولىدا ماڭاي دېسەڭ ئوقىغىن.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 ?, ?# D+ j7 q* Z% D% P5 ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 {6 u+ k+ ]% T

مەكتەپ دېسە داجىيسەن، قىيامەتتىن قاچقاندەك،

گويا ساڭا زاۋاللىق ئاغزىنى چوڭ ئاچقاندەك،

قېنى روھىڭ، جۈرئىتىڭ، ئەجداد بەرگەن قاپلاندەك،

يېتىپ كەتتىڭ نادانلىق بۆشىكىدە مېھماندەك،

قورغىنىنى غەپلەتنىڭ، چاقاي دېسەڭ ئوقىغىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' _9 p6 ]/ C% G- R0 E
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! V; j: k; c, i

بۇ دۇنيادا تۇغۇلۇپ، ئۇ دۇنيا دەپ ياشايسەن،

بىساتىڭنى، بالاڭنى كىملەرگىدۇ ئاتايسەن،

ماڭىسەنۇ-ماڭىسەن، لېكىن قىردىن ئاشمايسەن،

مۇشۇ ھالىڭ تۇرقۇڭدىن سەن كىملەرگە يارايسەن،

ياراتقۇچى ئىگەمگە ياراي دېسەڭ ئوقىغىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  L6 E+ |4 c8 s% g$ O

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 y$ y: w( `4 T- E

يارالغاندا لاي-خاكى ئەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،

يىراق ئىرا-ئۆتمۈشتە نەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،

بېقىپ كەلدى يەرشارى، يەسلى بىردۇر ئىنساننىڭ،

يىراق بولسا ئىلىمدىن قەلبى كىردۇر ئىنساننىڭ،

يىلتىزىڭنى-ئەسلىڭنى تاپاي دېسەڭ ئوقىغىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; D: g# U2 U$ p& G

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 F) A  K% i2 ^/ \- k7 N: s

يىراق قىلما دىلىڭنى ئىلىم نۇرى-خىسلەتتىن،

ئالغىن ساۋاق قېرىنداش، تالاي ئاچچىق ئىبرەتتىن،

كىم قۇتقۇزار سېنى بۇ ئۆزۈڭ تاپقان كۈلپەتتىن،

يارىلىشىڭ قىسمەتتىن، يارالمىشىڭ ھېكمەتتىن،

دەرياسىدا ھېكمەتنىڭ ئاقاي دېسەڭ ئوقىغىن.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ u. H) i) u. ?0 `' q  j* C0 t

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @4 ]5 O0 j- m9 I5 D. |6 Vبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ K7 f$ d' i7 `/ R, w! V; s
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, Q, @- U+ z; K/ o8 G- S4 K
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, ?/ G/ k9 [# G& x$ B

ئارقىدىن ئالتۇنگۈل رەجەپ خانىم سۆز قىلىپ « دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش خوتەنگە كېلىپ، بىز خوتەنلىكلەرنىڭ قەلبىنى قايتىدىن يېڭىچە ئىلھام، ئېنىرگىيەلەر بىلەن زەرەتلىدى. بىز ئەسلى 100 ۋاتلىك لامپا بولساق، بۈگۈنكى لېكسىيەدە تېخىمۇ زەرەتلىنىپ 200 ۋاتلىق لامپىدەك يورۇيدىغان بولدۇق. ھەم بۇندىن كېيىن ئۇنىڭدىمۇ نۇرلۇق يۇرۇيمىز...» دېدى. ئاندىن خوتەنلىك بايلارغا ۋە جەمئىيەتتىكى ياشلارنىڭ ھۇرۇنلۇقىغا ئائىت تەبىيىۋىي پەند-نەسىھەت، يۇمۇر سۆزلەپ، ھەممە كىشىنى ھاياجانغا سالدى. ئەڭ ئاخىرىدا مۇختەر بۇغرانىڭ«چىرايلىق ياخشىلىق» ناملىق شىئىرىنى يادىسىغا دىكلىماتسىيە قىلىپ بەردى.

_57A0547.JPG

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  O$ e- ~  l* C5 N: u8 L

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 `2 H0 S, M1 U  p, V

لېكسىيە ئاخىرىدا زۇلپىقار مۇئەللىم تۆۋەندىكى سوئال سورىغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن سوئاللىرىغا نەخ مەيداندا جاۋاپ بەردى، ئەمما سوئاللار بەك كۆپ بولغاچقا ھەم ۋاقت قىس بولغاچقا تاللاپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى. لېكسىيە تاكى كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنگە قەدەر داۋام قىلدى.

_57A0607.JPG

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 t4 M) T  d8 `& n' W

_57A0567.JPG

رەسىمدە تونۇلغان ياش خەتتات دوكتۇر زۇلپىقار بارات ئۆزباش مۇئەللىمگە ئۆزى يازغان نەپىس ھۆسىنخەتنى ئىكرام قىلماقتا. خۇشخەتنىڭ مەزمۇنى«سەركە ھوشيار بولسا، مالغا ئاپەت كەلمەس»

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 y( e1 x" z3 h, l" A* W8 ?9 }

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ k: B: r2 Z+ p3 c( K
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ `+ b- W3 [$ Y# [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' l* v7 J7 w7 \3 Y. pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* d6 l* X! ?. o
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# g; o4 B. m2 V

خاتىرە قالدۇرغانلىق خۇددى تاشقا مۆھۈر باسقانلىق بولۇپ، ئاسان ئەستىن چىقىپ كەتمەيدۇ. ئەمما خاتىرە قالدۇرمىسا، خۇددى قۇمغا خەت يازغاندەك بىردەمدىلا يوقاپ كېتىدۇ. گەرچە قىسقىلا خاتىرە قالدۇۋالغان بولساممۇ، يەنە نۇرغۇن ئېسل گەپلەرنى يېزىۋېلىشقا پۇرسەت بولمىغاچقا، پەقەت شۇنداق ياخشى گەپلەر بولۇنغانلىقى، قاتتىن ھاياجانغا تولغانلىقىم ئېسىمدە ئەمما كونكېرت ئەسلەپ چىقاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاز بولسىمۇ دەپتىرىمگە يېزىۋالغانلىرىمنى كۆپچىلىككە سۇندۇم. ئەسلى نوتۇق ناھايىتى سىستېمىلىق، ئىلمىي سۆزلەنگەن بولۇپ، پەقەت كەمىنە تەنتەكلىك قىلىپ ئۇدۇل كەلگەن قىسىملىرىنى تاققۇ-تۇققۇ يېزىۋالغاچقا تەرتىپسىز چىقىپ قالدى. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. خاتا يەرلىرى بولسا ئەپۇ قىلغايسىلەر.


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  B; g2 a, h! @& b2 f' W( n بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitapxumar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-3 11:03 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 G. M. s: z% E1 V" H; Zبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 |3 }2 f. M. V

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
musilina + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
kanjahun1 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 60   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109839
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 626
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 116 سائەت
تىزىم: 2014-9-10
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 02:08:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە مئارىپ توغۇرسىدا گەپ بولۇپتۇ مۇختەر سۈپۈرگى مۇئەللىم ياخشى بىر شىئېرنى ئۇقۇپتۇ  مىنىڭ بىلىشىمچە بىز ئۇيغۇرلار دۆلەت ئۇستازى بولغان مەدەنىيەت تارقاتقان ئەڭ ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان مىللەت ئىدۇق ئەمما 17-ئەسىردىن باشلاپ 300يىل مائارىپتىن ئايرىلىپ ياشىدۇق جاھالەت پاتقىقىغا بەكمۇ چوڭقۇر پېتىپ كەتتۇق بۇ جاھالەتتىن ھېلىھەم قۇتۇلالمايۋاتىمىز بىزنى ئاللاھ ياراتقاندا «اقر»دەپ ياراتقان پەن -دىن ئوخشاش ئىلىم ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولىدىكەن چۇقۇم ئۈگۈنىشىمىز كېرەك.

دىلى كور ئادەم ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5079
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11396
تۆھپە نۇمۇرى: 545
توردا: 3012 سائەت
تىزىم: 2010-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 10:38:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتابخۇمارنىڭ بۇ ئۇچۇرىغا كۆپ رەھمەت، ھېلىمۇ كۆپ يېزىۋاپسىز، لىكسىيەنىڭ مەزمۇندىن قىسقىچە ۋاقىپ بولدۇق، لىكسىيەنىڭ ئۈنۈمى بولغاي!

بابۇر بىر مەشھۇر پادىشاھ ۋە ھەربى قۇماندان،  ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭ،   1483 - ﻳﯩلى ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ .

دىللار پەقەت ئال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30340
يازما سانى: 1703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11458
تۆھپە نۇمۇرى: 3275
توردا: 8602 سائەت
تىزىم: 2011-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:10:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى بوپتۇ ، ئادەم مۇشۇنداق لىكسىەلەرىنى ئاڭلىغان ۋاقىتتا بولەكچە  جاللىنىپ كىتىدۇ،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 r' i2 H; x( t+ a  T0 e. {- F
شۇڭا پات-پات ئوتكۇزۇلۇپ تۇرشىنى ئۇمۈد قىلمەن

ئۈلۇمدىن قورۇقمايمەن .ئەمما.گورۇمدە يالغۇزلۇقتىن قاراڭغۇلىقتىن گۇرنىڭ ئازاۋېدىن قورقىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111930
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2014-12-20
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:28:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلىكسىيەنىڭ سىنئالغۇسىنى قاچان كۆرەمىز ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3698
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:29:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ‹‹ ئوقۇغىن ››نى ياقتۇرۇپ قالدىم ، يەنە ھېلىقى ھۆسنىخەتنى .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6612
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1814 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:40:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىبنى ئۆلتۈردىغان ئۈچ نەرسە :  تېىلۋۇزۇر، گىزىت ،ئۈندىدار....

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:52:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىنىڭ ئۆزگىچە كۆز قارشى ،ئىددىيسى ئادەمنى ھەقىقەتەن قايىل قىلىدۇ .كىتابخۇمار ئەپەندىنىڭ ئەجىرىگە تەشەككۈر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1064
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 12:49:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە نەق مەيدانغا بېرىپ قاتنىشالمىساقمۇ ، سىزنىڭ ئەجرىڭىزدە ئازراق ساۋاتقا ئېگە بولدۇق تېما ئېگىسى !
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" w1 _% Q# t, b$ c  W  Bرەھمەت .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101952
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 02:42:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش