بۇلدۇقلاپ تۆكۈلدىم كېچە كۆزىگە
نۇر مۇھەممەد شۈكران
بۇلدۇقلاپ تۆكۈلدىم كېچە كۆزىگە،
لەۋلەردە ئىز بولۇپ قالدى شىرىن چۈش.
تەنلىرىم ئىچىمگە پاتمىدى بۇ دەم،
ئازاپنىڭ مەقسىدى ئىسيان كۆتۈرۈش.
دىل تارىم نەي بولۇپ ئۈنلىدى ئۈنلۈك،
كېچىلەر يېيىلدى يۈزۈمگە تەكشى.
سانجىلدى يۇلتۇزلار ئوق بولۇپ گۇيا،
مەڭزىمدە بىر دەريا سۇنىڭ ئۆركىشى.
ئازاپنىڭ بالىسى تۇغۇلدى شۇ دەم،
كىرپىكلەر قۇرۇشقا تاپمىدى ئىمكان.
غەملەرنىڭ باغرى چاك يېرىلدى پاتماي،
تەبەسسۇم، جىلۋىلەر يوقىدى شۇئان.
غېرىپنىڭ يولىغا ئۈنگەندە يانتاق،
سەنەمنىڭ چېچى تەڭ چۇۋۇلۇپ كەتتى.
تەغدىرنىڭ ئاسمىنى تۇمانلىق بولۇپ،
ئۆزىچە ئىمكانسىز ئۇۋۇلۇپ كەتتى.
بالدۇرلا توزىدى ئېچىلماي گۇللار،
بۇلبۇلنىڭ ھەسىرىتى كۆزىگە پاتتى.
ئامالنىڭ قوينىدا يىغلىغان ھالدا،
يىلاننىڭ كۆزىنى بىر چايان چاقتى.
دۇنيانىڭ قىسمىتى شور ئىكەن شۇنداق،
ئازاپلار يامغۇردەك تۆكۈلۈپ تۇرار.
شاتلىقلار تۇغۇشنى بىلمىسە كېرەك،
ھەقىقەت نادامەت ئىچىدە سۇنار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-4 12:40 AM