قىزىم
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
قىزىم، تولۇن ئايدەك جامال تىلەيمەن،
نۇردەك پاكىز، ئەزگۈ خىيال تىلەيمەن.
كۆزۈڭگە نۇر، مەڭزىڭگە قان، دىلىڭغا
روھىي ئوزۇق، پاكلىق ــــ ۋال-ۋال تىلەيمەن.
داستىخىنىڭ بولسۇن «ئېچىل سۇپرا» دەپ،
نازۇ-نېممەت، مول شەربەت-بال تىلەيمەن.
ساڭا ئىللىق، قاشتېشىدەك سۈزۈك تاڭ،
ياۋغا دوقال ـــ پۇتلاش، زاۋال تىلەيمەن.
كۆزلىرىڭدە كۆرمىسەم دەپ قەترە ياش،
ئەبەدىيلىك شادلىق، ۋىسال تىلەيمەن.
بول دەپ دەشت-چۆل يۇلغۇندەك چىداملىق،
ئىش-كارىڭغا ئۇتۇق، كامال تىلەيمەن.
كۆكرىكىمدە توسۇپ ئاپەت، جۇدۇننى،
ياغدەك ئاپتاپ، مەيىن شامال تىلەيمەن.
دەپ: ئېڭىڭغا جەم بولسۇن نۇر، ئېتىقاد،
ئاسايىشلىق، نۇسرەت، ئامال تىلەيمەن.
كۆكتە كۆكلەش ئۈچۈن تالماس پەر-قانات،
ئۈزمىكىڭگە سۇدا دىت، سال تىلەيمەن.
پەن كۆكىدە نۇرچاچسۇن دەپ قۇياشتەك،
پەرۋازىڭغا بوشلۇق، ئىقبال تىلەيمەن.
جۇلالىتار ھەر كىم ئۆزى ۋەسلىنى،
روھىڭغا روھ ، سۇبات، زۇلال تىلەيمەن.
ئابدۇرېھىم دېدى: ساڭا گۈل قىزىم،
مەڭگۈ پۈتمەس ئەقىل، ماجال تىلەيمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-3 05:45 PM