مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 519|ئىنكاس: 5

تاغدىن-باغدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23902
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7702
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1264 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 04:59:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىكاھ باشقىلارنى بىلمەيمەن ئەمما مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم ئىدى، ئائىلە مىنىڭ نەزىرىمدە شۇنچىلىك ئىللىق ماكان بۇ جايدا ئىللىقلىقلا ئەمەس يىڭىچە ئۆزۈمنى يارىتالايمەن دەپ ئويلايتتىم.نىيەت، ئەقىدە ئوخشاش بىرسى بىلەن تەڭ ئىلگىرلەپ ھاياتىمنى يىڭىچە مەنەلارغا تولدۇرىمەن، پەرزەنتىمنى كىچىكىدىن ياخشى تەربيىلەپ بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن دەپ ئويلايتتىم، يەنە مۇشۇنداق ئويلاردىن نۇرغۇنىنى ئويلىغان ھەم ھازىرمۇ ئويلاۋاتىمەن.ئەمما شۇ مەن بىلەن تەڭ تىرىشىدىغان كىشىنى تاللاش جەريانىدا نۇرغۇن ئويلىمىغان ئىشلارغا ئۇچرىدىم.
ئۆزۈمنىڭ مىجەزى ۋە كىچىكىمدىن ئۇچرىغان تەربىيە سەۋەبلىك ئوغۇللارغا بىر ئېغىز ئارتۇق گەپمۇ قىلماي چوڭ بولغان، ئۇدۇل كېلىپ قالمىسا ساللاممۇ قىلماي ماڭاتتىم.شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ توي دەيدىغان بىر ئۇقۇم ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ زورلىشى بىلەن ئىدىيەمگە سىڭىپ كىردى.دوستلىرىم تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى،لىكىن يىگىتلەرنىڭ ماڭا يىنىكلىك بىلەن قىلغان بەزى گەپ سۆزلىرى مىنى ھەيران قالدۇردى.مىنىڭ نەزىرىمدە مىنىڭ چىرايلىق گېپىم، ھەتتا بىر مىھىرلىك كۈلكەممۇ مىنىڭ يولدۇشۇمغا مەنسۇپ، بىراق مىنىڭ يولدۇشۇم ئەمەس ئادەملەر مەندىن بۇلارنى كۈتتى، ھەمدە ئۆز ئايالىغا تەئەللۇق بۇلۇشقا تىگىشلىك چىرايلىق سۆزلەرنى ماڭا دەپ چىقتى.بىر مەسىلىگە جاۋاب تاپالمىدىم، توي قىلشتىن بۇرۇن زادى بىر-بىرىنى شۇنچلىك ئىپادىلەش لازىممۇ؟ مىنىڭچە لازىم ئەمەس ئىدى، شۇ ئىدىيەدە كۈرۈشتۇم ئەمما نەتىجىسى چىقمىدى.ۋاقىت ئۆتتى، يەنە كۆرۈشتۈم، قارشى تەرەپ ياخشى تەسىر بەرگەچ قاراپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم، ئەمما شۇنچىلىك ۋەدە ئەھدىلەرنىڭ ئاخىرى ھەممىسى باھانە-سەۋەب بىلەن ئاخىرلاشتى.كۈلدۈم،دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغىنى پەقەت ئۆزگىرىش دەيدىغان گەپ راسلا توغرا دىيىلگەن ئوخشايدۇ.
ئەتراپىمدىكى ئۆزۈمگە ئوخشاش بويتاقلارغا باقتىم، شۇنچىلىك زور ئىشەنىچ بىلەن قەلبىمىزدە مۇشۇ ئاخىرقىسى دەپ تۇنۇشتۇرغان بىرسى بىلەن كۆرۈشىمىز، نەتىجسىى ئۈمىدسىزلىك بىلەن ئاياغلاشقاندا ئۆزىمىزنى ئاخىرقى بىكىتى يوق ئاپتوبۇسقا چىقىپ قالغاندەك ھىس قىلىمىز.يەنە بىرىنى تونۇشتۇرىدۇ، يەنە مۇشۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقسى بولۇشىنى تىلەيمىز ئەمما يەنە ئۇنداق بولمايدۇ.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1302
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5766
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 06:11:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەلكىم بۇ تېمىلار سىزگە ماس كىلىشى مۇمكىن...

نىكاھ دېگەن دەل مۇشۇ...
توي قىلىش ئالدىدىكى قىزلارغا

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12534
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32320
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4566 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 07:09:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزدا تىلغا ئېلىنغان مەسىلە كۆپ قىسىم قىزلارنىڭ تۇرمۇش يولىدا ئالدىغا ئۇچرايدىغان ئىشلاردۇر...

اللاھ سىزگە ۋاپادار،غورۇرلۇق،ۋىجدانلىق يىگىتتىن بىرنى ئۇچراشتۇرۇشقا نېسىپ قىلا...

مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ يازمىڭىزنىڭ...

بىراقزە تىنىش بەلگىلىرىگە،ئىملاغا تېخىمۇ دىققەت قىلىڭ...

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 11:39:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈمۈتۋار بۇلۇڭ ، چوقۇم ئۆز بەختىڭىزنى تاپالايسىز .

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1085
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3890
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 976 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 12:11:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە بەخت يار بولسۇن .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23902
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7702
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1264 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-4 03:21:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2015-1-3 06:11 PM
بەلكىم بۇ تېمىلار سىزگە ماس كىلىشى مۇمكىن...

نىكاھ دېگە ...

ياخشى تېمىلاركەن رەخمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش