بىر قەدەم
ئىستىقبال
بىر قەدەمدە خاتالىق بولسا،
ئۇلىناركەن يەنە بىر قەدەم
قېيىپ كېتەركەن بارچە نىشانىڭ
بىر قەدەم ئۈچۈن
سەرىپ قىلساڭ بىر سائەت ۋاقىت
كەينىڭگە يانساڭ
تۈزۈلۈپ كېتەتتى ئىزىڭ، نىشانىڭ
ئەمما،
ۋىجدانىڭ ئۈچۈن
نەفسىڭ ئۈچۈن
غورۇرۇڭ، ئابرويۇڭ ئۈچۈن
خاتالىقىڭنى يوشۇرماق ئۈچۈن
ھەقتىن كېچىپ، باستىڭ يەنە بىر قەدەم
،مېڭىپ مېڭىپ خاتا يول بىلەن،
توغرا يولۇڭ يىراق قالغاندا
قايتاي دىدىڭ قانچە قانچە رەت،
خىجىللىق،
پۇشايمان،
ئۆكۈنۈش،
ئۆز قوينىغا سېنى ئالغاندا،
ئەمما،
تەمتىرەيسەن يولنى تاپالماي،
ماڭغان ئىزىڭنى،
كۆمۈۋەتكەن خاتا بولغاچقا
ھەمراھلىرىڭ تونۇماس يولنى،
چۈنكى،
باشقىلارمۇ سېنىڭدەك ئازغان،
ياكى
ئازغۇنلارنى ھەمراھلىققا ئۆزۈڭ تاللىغان،
ھەتتا،
ئۇلار ئازغۇنلۇق مەھەللىسدە ئولتۇراقلاشقان،
قايتىش دىگەن كەلمەس يادىغا،
ياق!
قايتقۇچىلار بار،
ھىچبولمىسا سەن ئۆزۈڭ بار،
بۇ دىياردا مەڭگۈ قالمايسەن،
جەسۇر بول،
ئەسكەردەك،
گېنرالدەك،
قاچقىن!
يۈسۈف زۇلەيخادىن قاچقىنىدەك
ئازغۇنلۇقلار بولمىسۇن ھەمراھ،
سەپەردىشىڭ يول تاپقۇچىلار،
ئازاب بولسىمۇ،
تۈز يولىغا قايىتقۇچىلار،
خاتا قەدەم ئۈچۈن سېلىنغان باشلىرىنى
كۆتۈرۈپ قايتا،
يول تاپقۇچىلار، خاتادىن يانغۇچىلار!
2015-01-03-ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-3 06:30 PM