turmux.net يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 06:32 PM
مېنىڭچىمۇ شۇنداق قىلسىڭىز ياخشى بولاركەن
يىگىتمۈرىسىنى قىسىپ قويدى،جاۋاپ بەرگۈسى كەلمىگەندەك ياكى ئەپتى يامان خۇشپىئل ئادەمنىياراتمىغاندەك ئەلپازدا بىپەرۋالىق بىلەن كىتابنىڭ ئۇيەر بۇيىرىنى ۋاراقلىغاچكىتابنىڭ پۇلىنى بېرىپ سىرتقا ماڭغاچ.يىگىتنىڭ كەينىدىن قارىدىم،يىگىتياۋرۇپالىققىمۇ غەرىپلىككىمۇئوخشاپ قالغان ئىدى،ئەمما مەن ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشەندىمبونىڭدىن ھەيران قالدىم،چۈنكى ئۇ يىگىت ماڭا ئوخشىمايتتى،ئەمما ماڭا ئوخشاش گەپقىلاتتى،كىيىنىشى قىزلاردەك،خۇددى ئوغۇل تۇغۇلغىنىغا پۇشايمان قىلغاندەك،تار ھەمباشقىچەبىر خىلدا.
مەنقولۇمدىكى كىتاپنى جاھازىغا قويىۋېتىپ كىتاپخانىغا باشتا كىرگەندەك قايتىدىنتەپسىلى قارىدىم،جاھازىلارغا كىتابلار لىق توشقان ئىدى،يەردە بىر بۈلۈك كىتابلارئەخلەت تۇڭىغا تاشلانغان كىرەكسىز ئەخلەتلەردەك بۇيۇن قىسىپ قالايمىقان چېچىلىپياتاتتى.ھېلىقى ئەپتى يامان خۇشپىئل ئادەم قېلىن بىر كىتاپنىڭ ئىچىگە كىرىپكىتىدىغاندەك پۈتۈن دېققىتى بىلەن كىتاب ئۇقۇۋاتاتتى.
-ئېنگىلىز تېلى ئوقۇشلىقى بارمۇ؟-سورىدىئۈستىبېشى رەتلىك كىيىنگەن بىر يىگىت سىرىتتىن كىرىپ،سىلىق بوش ئاۋازدا.
كىتاپخاناخۇجايىنى يەنە ھېلىقى قىزغا،يەنە قىز سۈپەت يىگىتكە ئۇزاتقان كىتاپتىن بىرنىئۇزاتتى،يىگىت كىتاپنىڭ باھاسىغا قاراپ تۇرۇپ قالدى،كىتاپ باھاسى يۇقۇرى ئۇخشايدۇ.
-سەنمۇ چەتكە ئوقۇشقا چىقىپ مىلىم ئىگەللەپخەلقىڭگە ساتاي دەمسەنئۇكا؟-سورىدى ھېلىقى ئەپتى يامان ئەمما خۇشپىئىلئادەمئۇقۇۋاتقان كىتاپتىن بېشىنى كۆتىرىپ يىگىتكە قاراپ.
-ئۆزۈمنى ئىزدەش ئۈچۈن چەتئەلگە ئۇقۇشقاچىقماقچىمەن،ئۈزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىگىمنى ھەقىقى بىلىپ باقاي دەيمىنا،بىزنى ھېچكىمتونۇمايدىكەن كىتاپلارغا شۇنداق گەپلەر كۆپ يېزىلىپتۇشۇڭا ئۈزۈمنىتاكامموللاشتۇرۇپ «مەھمۇد»بوۋامغا ۋارىسلىق قىلاي دىدىم-دىدى يىگىت بىر خىلقەتئىلىك بىلەن سىپايە ھالدا مۇلايىم ئاۋازدا،يىگىتنىڭ كۆزىدىن ئۈزىگە بولغان بىرخىل ئىشەنىچ ۋە جەسۇرلىق چىقىپ تۇراتتى.يىگىت ماڭا ناھايىتى ئۇلۇغ بىر ئادەمدەككۈرىنىپ كىتىۋاتاتتى.
-مانا يىگىت دىگەن،ئادەم دىگەن ياشلىقىدا ئۆزىئۈچۈن،قىرىنداشلىرى ئۈچۈن،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن ياخشى ئىش، ياخشى ئادەت،ياخشىخۇلىق،ياخشى نەتىجە،ياخشى ئۇدۇم مىراس قالدۇرغۇلۇق–ئەپتى يامان خۇشپىئلكىشى خۇددىپەيلاسۇپلاردەك ،بۇ گەپلەرنى كىتاپتىن يادقا ئالغاندەك ۋەزمىن بىر خىل سىلىقئاھاڭدا سۆزلەپلا كەتتى.-دەۋرىمىزدە بىر بۈلۈك ياشلار ئوتتۇرا ياشلاقلار بوزۇلۇپكىتىۋاتىدۇ،پۇل دىگەن ئۇقۇم ئۇلارنىڭ ئېڭىغا قوغۇشۇندەك قۇيۇلۇپ ماگمىدەك ئورناپكىتىۋاتىدۇ،ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «مەھمۇد قەشقىرى،يۈسۇپ خاسھاجىپ،نەۋايى،لوتفى،سەككاكى،مەشرەپ»تەك ئالىم،پەيلاسۇپ،شائىرلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈنئۆمىرىنى سەرەپ قىلىپ قالدۇرغان نەسىھەت ئۈگۈتلىرىنى ئۇنتۇدى،كۆرىشنى خالىمىدى ھەمئاڭلىمىدى،مانا ھالىمىزغا قاراپ باقساق بىز نىمە بولۇپ قالدۇق؟.بۇ ئادەم قىزىشىپسۆزلەۋاتاتتى،-بۇپۇل پەرەسلەر خەلىقنىڭ ئۈزىدىن كۈتكەن ئۈمۈدىنى ئۇنتۇپلاقالدى،ھەتتاخەلىق نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئەنئەنىۋى ئەخلاقنى بىر تىپىكبىلەن چۆرىۋەتتى،ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى قۇرت يەپ كەتتى،تارىخىمىزنى ۋاراقلىساق ئەجدادىمىزقەدىم-قەدىمدىن باشلاپ ئلىم مەرىپەت بىلەن شۇغۇللانغان،ئۈگۈنىش،ئاتا-ئانىغا ۋاپاداربولۇش،بالىغا مىھىربانلىق قىلىش،چوڭلارنى ھۆرمەتلەش كىچىكلەرنى ئىززەتلەش،ئۆز-ئارامۇناسىۋەت،ئل جامائەتتىن ھايا قىلىشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى جارى قىلدۇرۇپكەتكەن،ئۇزاقنى ئەمەس يېقىنقى تارىخمىزغا قارىساق دۇنيانىڭ ئەركىسى چىڭگىزخاندۆلەت ئۇستازىنى بىزدىن قىلغان يېزىقىنى كەشىپ قىلدۇرغان ئىدى،ئەدىكى ھالىمىز نىمەبولۇپ كەتتى؟؟؟؟؟...-يىغلاپ كەتتى ئەپتى يامان خشپىئل ئادەم سۆزىدىن توختاپ ئىككىچېكىسىنى قۇلى بىلەن ئۇۋلاپتۇرۇپ يىگىتكە باشتىن -؟اخىر قايتىدىن سەپسېلىپقاراپ-بالام بۇ كىتاپنى ساڭا ھەدىيە قىلاي،سوغام بولۇپ قالسۇن،بىزخەلىق سېنىڭدەكمەڭگۈ ئۆگۈنىشچان،ئرادىلىك تىرىشچان ياشلارغا مۇھتاج ئۈمۈدىمىزنى يەردە قويما!!!.
يىگىتئەدەپ بىلەن ئۇ كىشىگە قايتا قايتا رەھمەت ئېيتتى ۋە ۋەدەبىرىپ كىتاپنى قولتىقىغاقىستۇرۇپ كىتاپخانىدىن چىقىپ كەتتى.كىتاپخانا يەنە جىمجىتلىققا چۆكتى،دوختۇرخانىنىڭقۇتقۇزۇش ماشىنىسى كىتاپخانا ئالدىدىن ئەنسىز چىقىراپ ئۆتۈپ كەتتى.يۈركىم ئەنسىزسوقۇپ كەتتى.ئىسىمگە دوختۇرخانىدائىڭىراپ ياتقان كېسەل دادام كەلگەنئىدى.كىتاپخانىدىن ھېچكىمگە خوش دىمەستىن دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدىم،
داۋامى بار