|
|
|
|
كۆپچىلىك ئاغزى – ئاغزىغا باقماي دوختۇرلارنى ھاقارەتلەپ تىللاۋاتقان ۋاقىتتا ، دوختۇرلار چىقىپ رەدىيە بەرمىدى ، چۇنكى ئۇلار چارچىغان ئىدى ، كەچتە ئىشتىن چۇشۇپ ئۆيگە قايتىپ ، تەستە قولغا كەلگەن ئارام ۋاقتىدىن بەھىرلىنۋاتاتتى، ئەتە يەنە سان- ساناقسىز بىمارلار ئۇلارنى كۇتمەكتە شۇڭا ئۇلار ئۆزىنىڭ جىسمانىي قۇۋۋىتىنى ساقلىشى كېرەك ، يەنە باش – ئايغى يوق ئىمتىھانلار ، يېڭدىن – يېڭغا چىقىۋاتقان ماتېرىياللار ، دوختۇر سىز ۋە بىز ئۇچۇن دۇنياۋى ئىقىمغا ماسلىششى كېرەك ، يەنە پەن – تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى كېرەك ، ئۇلارنىڭ پۇتۇن كۇن تورغا قاراپ سىز بىلەن تالشىشپ نەرسە يوللاپ ئوتتۇردىغانغا نەدىكى بىكار ۋاقتى،ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندا يۇقىرى نۇمۇر ئىلىپ دوختۇرلۇق كەسپىنى تاللاپ تولۇق كۇرۇستا 5 يىل ئوقۇيدۇ ، ئوقۇش ھەققىي باشقا كەسىپكە قارىغاندا بىر ھەسسە قىممەت ، جاپالىق دەرىجىسىنى مۇشۇ كەسىپتە ئوقۇپ باققان ئادەم بىلمىسە باشقىلار بىلمەيدۇ ، مۇنداقچە ئېيتقاندا باشقا كەسىپتىن نەچچە ھەسسە قېيىن ، باشقىلار ئالىي مەكتەپتە قانداق ئوقۇيدۇ بۇ ھەممىمزگە بەش قولدەك ئايان ، ماگىستىر ئاسپىراتلىقتا 3 يىل ئوقۇيدۇ ، مائاش ئالماي تۇرۇپ دوكتۇرلۇق ئۇچۇن يەنە 3 يىل ئوقۇيدۇ ، مۇقىم مائاشى يوق ، قېنى ھىسابلاپ بىقىڭ ؟ ئوقۇشنى پۇتكۇزگەندە دوختۇرلار قانچە ياشقا كىرىپ قالدىكەن ؟ 30 ياش ، توغرا ، مۇشۇ كەسىپ ئۇچۇن بانكا كارتىسىدا ئامانەت قويغان پۇلى يوق ، ئۆيى يوق ، ماشىنىسى يوق ، خوتۇن يوق ، بالا – چاقا يوق ، قايسى شەھەرلەردە تۇرۇپ قىلشىمۇ تىخى ئېنىق ئەمەس . ئالدىنقى سەپتىكى دوختۇرلارنىڭ تۇرمۇش كارتىنىسى : 1.ئەتىگەن سائەت 7 ئەتراپىدا بالنىستقا كىرىپ ، خىزمىتىنى باشلايدۇ ، ئومۇمەن 1-2 كۇن ئىلگىرى بىمارغا ئەتىگەندە ناشتا قىلماي كېلىپ ياتاقتا يېتىش رەسمىيتى ئۆتەشنى تاپلايدۇ ، سائەت 8 دىن 11 گىچە بولسا بىمارلار ئەڭ كۆپ بولدىغان ۋاقىت ، نۇرغۇنلىغان دوختۇرلارنىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىلىق قىلغىدەك ۋاقتى يوق ، بىمارلارنى ساقلاپ تىت – تىت بولۇپ ئولتۇرىدۇ ، بىزننىڭ تىبىي خادىملار پەقەت قولى بىلەن مىڭسىنلا ئىشلىتىپ ئامال بار بىمارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇىدۇ ، ئەمما مۇشۇنداق ۋاقىتتا ھەممىلا بىمار دوختۇرلارنىڭ خىزمىتىگە ماسلىشىپ كەتمەيدۇ ، بىمار ئالدىن كېلشىپ قويغان ۋاقىتتا كەلمەيدۇ ، ياكى ئالدى بىلەن دوختۇرخانىغا كېلىپ ئەتراپنى ئايلىنىپ ، ئەتىگەنلىك تاماق يەپ ، ئۆچىرەتتە كېلىپ ئالدىدىكى بىمارنىڭ رەسىمىيەت بىجىرىشى سەل ئۇزراپ كەتكىنى كۆرۇپلا ، تىبىي خادىملارغا كار – كار ۋاقىراپ بىزنىڭ پۇلنى ئېلىشنىلا بىلىدۇ ، ئۇنۇمى تۆۋەن ، دىۋانلار ، تىلەمچىلەر ! قېرىنداشلرىم ئەقەللىيسى كىنوغا بارساقمۇ ئۆچرەتتە تۇرىمىزغۇ ، نېمە ئۇچۇن دوختۇرخانىغا كېلىپ ئۆچرەتتە تۇرۇپ قالساق تىبىي خادىملارنىڭ خاتالىقى بولىدۇ ؟ ئېنىقتىن – ئېنىق تىبىي خادىملار جىددىيلىك بىلەن ئۆچرەتتىكى بىمارغا تەرتىپ بويىچە تىزىملاپ ، ئورۇنلاشتۇرۋاتسا ، كېيىن كەلگەن بىمارلار چوقۇم ئالدىغا زەرد بىلەن بىرىپ ، دوختۇرغا قوللىرىنى سىلكىپ بىر مۇنچە تىللاپ نېمىشقا ماڭا نۆۋەت كەلمەيدۇ ، ئادەم ئالدىغا كەلسە بىشىنى كۆتۇرۇپمۇ قويمايدۇ ، زادى ئىش بىجىردىغان ئادەم بارمۇ يوق دەپ دوختۇرخانىنى بىشىغا بىر ئالىدۇ ! تىبىي خادىملار قولدىكى بىجىرۋاتقان ئىشلىرىنى قويۇپ ، بىمارغا سەۋىرچانلىق بىلەن چۇشەندۇرىدۇ ...... بۇنداق ئىشلارنى سىز قىلىپ باققانمۇ- يوق ؟ كۆرۇپ باققانمۇ- يوق ؟ 2. بىمارلار دوختۇرنىڭ ئالدىن كېلىشپ قويغان ۋاقتتا دىگەن ئاچ قورساق كېلىڭ ، ناشتا قىلسىڭىز بولمايدۇ دېگەن سۆزلىرىگە ئېتىبار قىلمايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن قان ئېلىپ تەكشۇرگىلى بولماي ، قان تەكشۇرۇش ئارقىلىق ئېنقلاپ چىققلى بولدىغان قاننى خىميىلىك تەكشۇروشكە يوللغلى بولمايدۇ دە ، سېلشتۇردىغان كۆرسەتكۇچ يوق بولۇپ قىلىپ ، ئوپراتسىينىڭ ئورۇنلارشتۇرشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ، بەزى مۇھىم دورىلارنى ئىشلەتكەندە ، بەزى بىمارلار دەيدۇكى ، بۇ دوختۇر خەق پەقەت بىزنى ئالداپ بالنىستا ياتقۇزىۋىلىپ ، قەستەن كۆپرەك پۇل ئۇندۇرمەكچى ! بەلكىم بىلمىسڭىز كېرەك ، بىچارە ياققا يۇرۇتتىن كەلگەن بىمارلار كارۋات دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ، ئاشۇ سىز يېتىشنى ئاۋارچىلىق كۆرگەن كارۋات ئۇچۇن نەچچە – نەچچە كۇن ئۆچەتتە تۇرىدۇ ، مۇشۇ نەچچە كۇندە ئۇلار دوختۇرخانا سىرتىدىكى كىچككىنە مېھمان كۇتۇشلەردە تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ ، ئەمما سىز ئۆزىڭىزدىكى ئوسال مىجەزىڭىز بىلەن پىقىرغا ئۇنى - بۇنى يېمەڭ دىگىچە ئۆلتۇرۋاتسەڭلا بولمامدۇ ، بۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە ئەھمىيتى دەپ دوختۇرلارنى تەڭلىكتە قويسىز ! دىڭە سىز بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ باققانمۇ- يوق ؟ كۆرۇپ باققانمۇ- يوق ؟ قىنى سوراپ باقاي كىم دەسلەپتە باشىقىلارنى كۈشكۇرتۇپ دوختۇرخاننىڭ ئۈنۇمى تۆۋەن ، مۇلازىمەت سۇپتى ناچار ، پەقەت پۇل ئېلشنىلا بىلىدۇ ، ماۋۇ مەندىن مانچە پۇلنى ئارتۇق ئالدى دېگەن ؟ 3. ئابخوت ۋاقتىدا ، سىز بۇرۇن ياش دوختۇرلارغا مەنسىتمەسلىك نەزىرى مۇئامىلە قىلغان ، ئىشەنمىگەن ، داۋالاشنى رەت قىلغان ، ياش دوختۇرلار بولسا سىزنىڭ كارۋىتىڭىزنى باشقۇردىغان دوختۇر ، سىزنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتىكى كېسەللىك ئەھۋالىڭىزنى ۋاقتى ۋاقتىدا كۆزىتىپ ۋاقتىدا ئۆزىدىن يۇقىرى دوختۇرلارغا دوكلات قىلدىغان ، تېز يىتلىپ، پىشۋاتقان ، يېڭى كۇچ ، سىز ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلغان ؟ ئۇلار سىزگە زىيان سالدىغان ئىش قىلىپ باققانمۇ ؟ كۆپلىگەن بىمار ئۆز كۆڭلىدە ياش دوختۇرلار ئۆزى بىلگەنچە داۋالايدۇ دەپ ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى رەت قىلىدۇ ، دوختۇرخانىنىڭ قاتتىق بەلگلمە تۇزۇمى بارلىقنى ، ياش دوختۇرلارنىڭ داۋالاش كۆرسەتمىسى ئىنچىكلىك بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ، ئۇلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن مەسئۇل ۋىراچنىڭ رۇخسەت قىلشى بىلەن ئاندىن يۈرگۇزلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ . سىلەر ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ، ھازىرقى مۇشۇ ياش دوختۇرلار سىلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ تىنىنىڭ سالامەتلىكىنى ساقلايدىغان كۇچ ئىكەنلىكىنى ، سىلەر ئۇلارنى رەت قىلغان ۋاقتىڭلار ، دەل كېيىنكى ئەۋلادلىڭلارنىڭ سالامەت تۇرشىنى رەت قىلغىنىڭلار. كىم دەيدۇ ، ياش دوختۇرلار ئادەم قەستلەيدۇ ، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرمايدۇ دەپ ، نۇرغۇنلىغان ياش دوختۇرلار دوختۇرخاننىڭ بالنىستىنى ئۆي قىلىپ ، يۇيۇنۇش بويۇملىرىنىمۇ ئەكىرىپ يۇيۇندى، ئۇلارنىڭ ئەتىگەندە يەيدىغنى سىز ياراتمايدىغان ئاشۇ تەييار تاماق ، ئارام ئالدىغنى دىجۇرنىلىك ئۆيى ، ھەتتا نەچچە كۇن بالنىست بىناسىنىڭ سرتىغا چىقماي كۇننىڭ سېرىقىنى كۆرمەيدىغان كۇنىنىڭ بارلىقىنى كىم بىلىدۇ ؟ ئۇلار بىلەن تەڭ قۇرامدىكى ياشلار نېمە ئىش قىلۋاتىدۇ ؟ مودا يىگىت ، مودا قىزلار ، كېچە – كۇندۇز تانسىخانلاردا ، ياش دوختۇرلارچۇ ؟ ئۇلارنىڭ كۇنى پەقەت شۇ خىزمەت ۋە ئۇيقۇ ، ھەتتاكى بەزىدە ئۇيقۇمۇ يوق ، ئۆزىگە تەۋە تۇرمۇش تېخىمۇ يوق . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-2 09:29 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 B3 Z5 q$ P) E. j* m% F9 K9 D- |بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ y- k9 y! y+ n& z
|
|
|
|
|
|