|
|
|
|
3-نۆۋەتلىك ئۆز تۈرك مۇكاپاتى مۇراسىمىدا 12 يارقىن نۇقتا
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى 3-نۆۋەتلىك ئاسپرانت قىزلار ئۆز تۈرك مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆز تۈرك شركىتى ئىجرائىيە باش دىرىكتورى ،ئۆز تۈرك مۇكاپاتى پىلانلىغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندىدىن ئىگەللىشىچە،شركەت تەرەپ بىر ئايغا يېقىن مەخسۇس ۋاقىت ئاجراتقان بۇ قېتىملىق مۇكاپات مۇراسىمىدا 12 تۈرلۈك يارقىن نۇقتا بار ئىكەن.
1. مۇكاپاتقا ئىرىشكۇچىلەر :بۇ قېتىملىق ئاسپىرانت قىزلار ئۇقۇش مۇكاپات يىغىنىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇقۇغان 14 نەپەت ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئاسپىرانت قىزلار مۇكاپاتلانغان ،ئارىسدا گىرمانىيەدە ئۇقۇغان بىر قىز،چىڭخۋا ئۇنېۋىرستىتىدىن بىر قىز،ئامرىكىلىق بىر قىز ۋە يەنە بىر نەپەر خەنزۇ قىزمۇ بۇ مۇكاپاتقا نائىل بولغان.ئامېرىكىلىق قىز ئېيلىس (نازاكەت) ۋە خەنزۇ قىز ئۇيغۇر تىلىدا تەسرات سۆزى قىلدى.14 قىزنىڭ نەتىجىسى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشش سەۋەبلىرى ئايرىم تونۇشتۇرۇلىدۇ.
2. ئاسپرانت قىزلار مەركىزى ئورۇنغا قويۇلدى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ھەربىر ئاسپىرانت قىزنىڭ ئوقۇش ھاياتى،يولۇققان مۇشەققەتلىرى ۋە ئۇلارنى يېڭىش تىرىشچانلىقلىرى،ئىلمىي نەتىجىلىرى ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇستازىنىڭ تىلى ئارقىلىق بىرمۇ-بىر تەپسىيلى تۇنۇشتۇرۇلۇپ قۇيۇق ئىلمىي تۈسنى ئالدى.5 ئۇنېۋرستىتىتىن كەلگەن 14 نەپەر دوكتۇر،دوكتۇر يتەكچىسى،تەتقىقاتچى-مۇتەخەسسلەر قىزغىن ۋە ئىلمى كەيىياتتا مۇكاپات تارقىتىش سۆزى قىلدى ۋە مۇكاپات تارقاتتى.(بۇلار راھىلە داۋۇت ،ئوسمان ئسمايىل تارىم ،ئابدۇرەھىم راھمان،گۇلنار ئابابەكرى،ئابدۇرشىت ئابدۇۋەلى،غوپۇر مىجىت،دىلنۇر مالىك،غالىب ساۋۇت،يۈسۈپ ئەبەيدۇللا،ئەزىز ئابدۇرىھىم،ئابلىز يۈسۈپ،ۋاھاپ خالىق،گۇلستان ياسىن،گۇلئازات تۇرسۇن قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ۋە يتەكچى ئۇستازلار كەسپى روھىنى نامايان قىلدى.)
ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ،مىللەتلەر ئارا چۇشۇنۇشكە تۆھپە قوشۇۋاتقان ماگستىر ئاسپرانتى خەن جىىنيەن
ئۇيغۇر سەنئىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللۇنۇپ،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشقا تۆھپە قوشۇۋاتقان ئامېرىكىلىق دوكتۇر ئاسپرانتى-ئەيلېس ئاندىرسون (نازاكەت)
3-پشقەدەم رەھبەرلەر سابىق رەھبەرلەردىن مىجىت ناسر، يۈسۈپ ئەيسالار قاتناشتى، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى رەئىسى ئازات سۇلتان ۋە سەنئەت ئنۇستىتۇتى سابىق مۇدىرى تەتقىقاتچى ئىمىن ئەھمىدى ، فوندى جەمىيەت مۇدىرى چىڭخۋا ، شركەت لىدىرى ۋە پىلانلىغۇچى تاھىر ئىمىن قاتارلىقلار سۆز قىلدى.
ئازات سۇلتان مۇكاپات مۇراسىمى ئاخىرىدا سۆز قىلىپ:ئۆز تۈرك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن قىزلارنىڭ روھى ۋە نەتىجىسىدىن پەخىرلەنگەنلىكىنى ،ئۆز تۈرك مۇكاپاتىنىڭ دىيارىمىزنىڭ نوبىل مۇكاپاتى بولۇشى ئۇچۇن ئۇل سىلىشىنى ئۇمىد قىلدى.
4.تەبرىك سۆزلەر چەتئەللەردە ۋە دىيارىمىزدا تەتقىقات ۋە مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نوپۇزلۇق ئىلىم ئەھلىلىرى ئۆزىنىڭ تەبرىكلىرىنى ئەۋەتكەن ۋە نەق مەيداندا سىن ۋىدىئوسى قويۇلغان.بۇلار:قەيسەر مىجىت (ئامېرىكا بوستون شەھىرىدىكى ئېقتسادشۇناس)،تۇرسۇنجان ئابلىكىم جېك (ئامېرىكا ۋاشىنگىتون شتاتلىق ئۇنېۋرسىتىتى ماتېريال ئىلمى كەسپى كاندىدات دوكتۇرى) ،تۇرسۇنجان نۇرمۇھەممەت بىلگە ،ماھىنۇر مەتتوختى (ئامېرىكا خارۋارد ئۇنېۋرسىتىتى تېببى ئننستىتۇتىدىن دوكتۇر ئاشتى تەتقىقاتچى )،خۇسۇسى مائارىپ بىلەن ئۇنۇملۇك شۇغۇللۇنۇپ مىللى مائارىپقا تۆھپە قوشۇۋاتقان ياش قاسىمجان ئاتلان قاتارلىقلار.ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ۋە مەنىلىك تەبرىك سۆزلىرى كۆپچىلىككە ئىلھام بەخش ئەتتى.
5-ھەر ساھە كارخانىچىلار-ئايال كارخانىچىلار ۋەكىللىرى ئاكتىپ قاتناشتى (ئايتۇرسۇن خانىم(شانئال مەكتىۋى)،مۇنەۋۋەر خانىم (نەفس قاتما قۇم )خەلچەم خانىم (يېڭى ئەسر باسما زاۋۇتى) گۇزەلنۇر خانىم (شەھرىزات)مۇنەۋۋەر خانىم (ئايتولدى شركىتى)،مارىياننا شركىتىدىن
نۇرگۇل خانىم (ۋىلدان يەسلىسى)،يەكەندىن مەريەم خانىم,
ئەر كارخانىچىلارمۇ ئاكتىپ قاتناشتى: ،لىللا شركىتى،چندىل شركىتى ،ئېھسان ياغچىلىقى،گۇۋاڭجۇ تۇركان زاۋۇتىدىن تۇرسۇنجان،مۇئەللىم ،پالۋان، ئۆتكۇر، ئارغۇ، ئەسر پىلانى، مىجىت ،ۋاپادارىم، ماياك، زۇلقەر، ۋاللەي،شرىن بۇلاق، شاھانە ،خەزىنە،ئىلكان،ئىنايەت ،ئىزگۈ،تەبەسسۇم ،مەشرەپ،ئامىنە،ئەلداۋا،ئەلساپا ،30 ئوغۇل شركىتى قاتارلىق 60 شركەتنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى
6.ھەمكارلىق ۋە مىننەتدارلىق ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ ئىجىرائىيە دىرىكتۇرى ۋە بۇ مۇكاپاتنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى يىللاردىن بىرى ھەمكارلىشپ بىللە خىزمەت قىلىپ كىلىۋاتقان ئۆز تۈرك شىركىتىنىڭ لىدىرى ئابدۇل ئەزىز ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىك پەزىلىتى،ئىلغار ئىددىيەلەرنى قوبۇل قىلىش ۋە ھەمكارلىقتىكى سەمىيمىتى ۋە 3 يىلدىن بىرى ئاياللار ئۈچۈن تەسس قىلىنغان ئۆز تۈرك مۇكاپاتىغا 415مىڭ يۇۋەن ئاجراتقانلىقىدەك مەرىپەتپەرۋەر روھى ئۈچۈن كۇنتەرتىپتە يوق ھالدا :گۈل ۋە قۇم قاپارتما رەسىم (رەسمگە ئۆز تۈرك مۇكاپاتىنىڭ شۇئارى <<مائارىپىمىز گۇللەنسۇن،خانىم-قىزلىرىمىز يۈكسەلسۇن-دىگەن سۆز چۇشۇرۇلگەن >>سوۋغا قىلدى ۋە توي كەيگۈزدى.
جۇمەخۇن فوتوگرافچىلىقىدىن جۇمەخۇن -تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ تىرشچانلىقى ۋە خىزمەت روھى ئۇچۇن سۈرىتى ۋە <<ئۇيغۇر ئەركىسدە-ئۇيغۇر روھى>> خېتى يېزىلغان چوڭ سۈرەتنى تەقدىم قىلدى.
تاھىر ئىمىن نۇتۇق تېمىسى:كارخانىچىلار تونۇشى ۋە ئاسپرانىتلاردىن ئۇمىد
7.مالىيە ئاشكارىلاندى.بۇ قېتىملىق ئاسپىرانت قىزلار ئۇقۇش مۇكاپاتىدا ،14 نەپەر قىزغا 7 مىڭ يۇۋەندىن نەقپۇل،مۇراسىم چىقىمى،سوۋغات ۋە تەشۋىقات چىقىمى قاتارلىقلار بولۇپ جەمئى 170مىڭ يۇۋەن خىراجەت قىلىندى
8.ئۆزتۈرك ۋاكالەتچىلىرى ئۆز تۈرك شركىتىنىڭ يپەكچىلىك ۋە رامسار ساھەسىدىكى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاتمىش ئۇچ ۋاكالەتچىلەرمۇ بۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
9.ئۇيغۇر ئاياللار ئورتاق تونۇشى تاھىر ئىمىن ئەپەندى يازغان "ئۇيغۇر ئاياللار ئورتاق تونۇشى"رىياسەتچى تىلى ئارقىلىق تولۇق جاكارلاندى.
10-رىياسەتچىلەر بۇ قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىنىڭ رىياسەتچىلىكىنى مەشرەپ پىروگىراممىسىنىڭ مۇنەۋۋەر رىياسەتچىسى ماھىرە ئابدۇغېنى ۋە داڭلىق رادىئو رىياسەتچىسى مەۋلۇد ئىبراھىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ،ناھايتى جانلىق ۋە قىزغىن ،ئىلمى كەيپىياتتا رىياسەتچىلىك قىلدى.
11-12-دىكابىر تاھىر ئىمىن ئەپەندىنىڭ مۇخبىرلارغا بىلدۇرشىچە:بۇنىڭدىن كىين ئاسپرانت قىزلار ئۆز تۈرك مۇكاپاتى ھەر يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى تارقىتىلىدۇ.
12-دوكتۇر قىزلارغا سوۋغات بار: 2015-يىلىدىن باشلاپ دوكتۇرلۇققا ئۆتكەن ھەر بىر خانىم-قىز ئۈچۈن بىردىن ئالى سۈپەتلىك يپەك شارپا سوۋغات قىلىنىدۇ.شۇنداقلا ئوغۇل ئاسپرانت ۋە دوكتۇرلار ئۈچۈن خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ تەتقىقات ياكى ئىگىلىك تۈرىگە مەبلەغ سىلىشقا 30 ئوغۇل كارخانىچىلار مۇنبىرى ۋە 30 ئوغۇل شركىتىنىڭ مەخسۇس فوندى قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخباراتچى دوستلار.
ئارقا سەپتىكى جاپاكەش خىزمەتچىلەر
|
|
|
|
|
|