«كىم جوڭئۇننى قەستلەش» نېمىشقا شىمالىي كورىيەنى غەزەپلەندۈرىدۇ ئادام كاسكارت (Adam Cathcart)
شىمالىي كورىيەنىڭ ئۆزلىرىنىڭ داھىيسىنىڭ چىشىغا تەگكەن كىنوغا قوپاللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشى ھېچقانچە يېڭى ئىش ھېسابلانمايدۇ. توردىكى بىر قىزىقارلىق سۈرەتمۇ ئېھتىمال «ئەڭ ئالىي رەھبەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى»گە بىھۆرمەتلىك قىلىش دەپ قارىلىدىغان دۇنيادا، شىمالىي كورىيەنىڭ بىردىنبىر رەسىمىي ئىتتىپاقدىشى جۇڭگودىن كىرگەن كىنولارمۇ تەكشۈرۈلىشى كېرەك. شۇڭا، كىنو «كىم جوڭئۇننى قەستلەش» (The Interview) نىڭ نېمشىقا شىمالىي كورىيەلىكلەرنى گەپ-سۆزدە شۇنچە كەسكىن ھەمدە ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن (شىمالىي كورىيەلىكلەر بۇ كىنونى «ئۇرۇش قىلمىشى» دەپ ئاتايدۇ)، كەينىمىزگە قايتىپ تارىختا كىم جەمەتىنىڭ كۆپ قېتىم قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇچرىغانلىقىنى چۈشىنىش كېرەك. شىمالىي كورىيەلىكلەر غەربنىڭ ئىزچىل كىم جەمەتى رەھبەرلىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ياكى ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلدى دەپ ئۇلارنى ئەرز قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا ئىشىنىدۇ. شىمالىي كورىيەنىڭ ھازىرقى رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ بوۋىسى كىم ئېرسىن 1945-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى سەرگەردانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ پيوڭياڭغا قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، بىرى ئۇنىڭغا گىرانات ئاتتى، ئەمما رۇسىيەلىكلەر تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىندى. شىمالىي كورىيە مېدىيەلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ رۇسىيەلىكنى مەدھىيلىمەكتە. ئامېرىكىلىقلار 1950-يىلى كىم ئېرسىننىڭ شىمالىي كورىيەنىڭ شىمالىي رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار ئاخباراتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، لەقىمى «تارزان» بولغان غايەت زور بومبا ئارقىلىق شىمالىي كورىيەنىڭ بۇ تۇنجى مۇستەبىت ھۆكۈمرانىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئىدى.تەخمىنەن 10 يىل ئىلگىرى، كىم ئېرسىننىڭ ئوغلى، كىم جوڭئۇننىڭ ئاتىسى كىم جوڭئىل پويىزدا شىمالىي كورىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا ساياھەتكە كېتىۋاتقاندا بىر پارتلاشتىن ئامان قالغان؛ ئۇ يەر ئاستىدا نەچچە ھەپتىنى ئۆتكۈزگەن، چۈنكى 2003-يىلى ئامېرىكا يەر تېشەر بومبا بىلەن ئىراق رەھبىرىنىڭ «كاللىسىنى ئالماقچى» بولۇۋاتاتتى. كىم جوڭئۇن ئۆزىنىڭ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق تەختتىن ھەيدىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى جەزمەن بىلىدۇ، %99 دىن ئارتۇق بېلەت بىلەن «سايلانغان» ئادەمگە نىسبەتەن ئېيتقاندا مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك، ئەمما يەنىلا ئوق تەرىپىدىن ئوجۇقتۇرۇلىشى مۇمكىن. دەل بىر يىل ئىلگىرى، شىمالىي كورىيە مېدىيەلىرى كىم جەمەتىنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى بىر مەيدان ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشنى زەھەرخەندىلىك بىلەن تەنقىد قىلدى. كىم جوڭئۇن بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولمىغانلىقىدىن بىئارام بولماقتا، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىمۇ ناھايىتى ئاز ساياھەت قىلىدۇ، ئۇ پيوڭياڭنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ، بۇ يەردە كورىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە پيوڭياڭ بومباردىمان قىلىنغاندا چوڭقۇر كولانغان لەخمە بار. خەلقئاراجەمئىيەتتە شىكايەت قىلىنىشى مۇمكىن بولغاچقا، كىم جەمەتى ھەمدە ھاكىمىيىتىنى قوغدىغۇچىلار ناھايىتى سەزگۈر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالىي كورىيە ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكول كىربىي (MichaelKirby) كىم جوڭئۇنغا يازغان خېتىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ بىر يىغىۋېلىش لاگىرى سىستېمىسىدە ئەڭ ئاخىرقى مەسئۇلىيىتى بارلىقى سەۋەبلىك خاگې خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا سوتلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. گەرچە قارىماققا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىم جوڭئۇننىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى رەھبەرلەرنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىللىق زوراۋانلىقىغا مەسئۇل بولىشى ھەققىدە ئىزدىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەممازوراۋانلىق كۈچى ئارقىلىق شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ. لېكىن كىم جەمەتى شىمالىي كورىيە ئاممىسىغا ب د ت تەكشۈرۈش كومىتېتى دوكلاتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى قوراللىق ئارىلىشىش ئىكەنلىكىنى بارلىق كۈچى بىلەن ئىشەندۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ. شىمالىي كورىيە ئاممىسى بىلەن «پائېكدۇ تېغى قان سىستېمىسى» ئىجتىمائىي سىستېمىنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ-پائېكدۇ تېغى كىم ئېرسىن تەشۋىقاتىدىكى ئۇ تۇغۇلغان سىرلىق جاي ھەمدە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى سىياسىي ئۇرۇش يۈز بەرگەن جاي. بۇ ئاساسىي ئەپسانىلەر بۈگۈنكى كۈندە كىم جوڭئۇن ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان مۇھىم ئاساس. قان سىستېمىسىنىڭ ئۆزى شىمالىي كورىيە رەھبىرىنى ئالماشتۇرۇشتىكى توسالغۇ، شىمالىي كورىيەھاكىمىيىتى تەلتۆكۈس يىمىرىلىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا: شىمالىي كورىيە رەھبىرى چوقۇم يېقىن تۇغقان بولۇشى كېرەك، باشقا ئەمەلدارلار ئورنىغا چىقسا بولمايدۇ. جۇڭگونىڭ داڭلىق شىمالىي كورىيە ئىشلىرى ئوبزورچىسى جاڭ لىيەنگۇي يېقىندا بىلدۈرۈشىچە، شىمالىي كورىيە ھاكىمىيىتى جەمەت ۋارىسلىقىغا ئەسەبىيلەرچە مەستانە بولۇشى كىشىگە سوتسىيالىزمنى ئەمەس بەلكى فېئودالىزمنى ئەسكە سېلىپ قويىدىكەن. ئۇ غەزەپلىنىپ تۇرۇپ:«سىلەرچە بۇ ماركىسىزمغا ئوخشامدىكەن؟» دېدى. شۇڭا، تىغ ئۇچىنى شىمالىي كورىيە رەھبىرىگە قاراتقان ھەرقانداق ئاشكارا ھەرىكەت مەيلى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان بولسۇن ياكى كۆڭۈل ئېچىش بولسۇن شىمالىي كورىيەنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئاممىۋى ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، رەھبىرىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىگە بولغان تەشەببۇسىنى قوغداش ئۈچۈن، شىمالىي كورىيە ھەتتا يادرو تەھدىتى سالىدۇ، يەنى ئاتالمىش«زۇلپىقار»ىدۇر. شىمالىي كورىيە مەيلى سونىي تور ھۇجۇمى ۋەقەسىدە پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول بولسۇن، ۋاقىتلىق غەلىبىگە ئېرىشتى، كىم جوڭئۇننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇترۇقسىز ئىززەت-ئابرويىنى قوغدىدى. مەنبە: پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى.ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ ^& h( Y5 _) [
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% W% ], q0 f+ _
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 x" h' Q" E% h: E; |! U: b6 ^
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-2 01:20 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 t: s) Z. I% b. N) C' @! u4 i, F
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( G% ]3 i' e, w
|