ئارمان بولۇپ قالما
يېقىندىن بېرى نىمىشقىكىن قىز بولۇپ تۇغۇلغىنىمغا پۇشايمان قىلىدىغان بولۇپ قالدىم ، نېمىشقا دەمسىلەر ؟ ھازىر بۇ جەمىيەتتە قىز بولۇپ ياشىماق تولىمۇ مۈشكۈل بىر ئىشكەن.....
شۇنداق يۈكسەك غايىللىرىم بار ئىدى ، چوڭ بولسام ، كىمنىڭ قىزىكەن دىسە پالانىنىڭ قىزىكەن دەپ مەن سەۋەپلىك ئاتا ئانامنىڭ يۈزى يۇرۇق بولسا..... كىچىكىمدىن ئىچىمدە شۇنداق بىر ئوت بار ئىدى ، توختىماي تىرىشاتتىم ، ئاتا ئانامنىڭ مىنى ئارزۇلاشلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ يۈزىنى يۇرۇق قىلغۇدەك بىر ياراملىق قىز بۇلۇشقا تىرىشاتتىم ، تىرىشقىنىمغا يارىشا كىچىكىمدىن مەكتەپتە ياخشى ئوقۇدۇم ، ئوقۇتقۇچىللىرىرم ، ساۋاقداشلىرىم بەكلا ئامراق ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىلھام مەدەتلىرىنى كۆرۈپ تېخىمۇ تىرىشتىم .
تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ چاقىرىق قەغىزىنى قۇلۇمغا ئالغىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە ،ئاخىر ئۈزۈم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئىدىم ... ئالىي مەكتەپكىمۇ باردىم ، گەرچە ئالىي مەكتەپ ئىلگىرى مەن چۈشلۈرۈمدە كۆرگەندەك ئۇنچە غايىۋى جەننەت بولمىسىمۇ لىكىن ئۆز ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا تىرىشىپ يۈرۈپ بۇ يەرگىمۇ كۆنۈپ قالدىم .
ئىلگىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان قىزلار ھەققىدە ياخشى يامان گەپلەرنى جىق ئاڭلايتىم ، بۇنى دەپ يۈرمىسەممۇ ئۇقىسىلەر ، شۇڭىلاشقىمىكىن قىز بالا چۇقۇم جىق جەھەتلەردىن دىققەت قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايتىم،ھەم كۆپ ئېھتىيات قىلدىم .سىنىپىمىزدا يۇرت -يۇرتلاردىن بالىلار بار ئىدى . ھەممىمىز بىر بىرىمىزدىن تىرىشچان ،ئەخلاقلىق ، ياخشى بالىلار ئىدۇق ، مەن مۇشۇ تەرەپتىن بەكمۇ سۈيۈنەتتىم.
ئالىي مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدىكى ۋاقتلىرىم ئىدى ، ناتۇنۇش بىر نۇمۇردىن تېلفۇن كەلدى ، كىم بولغۇيتى دەپ تېلفۇننى ئالدىم ، بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاۋازى ، سالاملىشىپ بولغاندىن كىيىن ،گەپ باشلىدى :
- سىز مىنى تۇنۇمايسىز ، لىكىن سىز بىلەن تۇشۇش نىيىتىدە تېلفۇن قىلدىم، مەن پالانى مەكتەپتە ئوقۇيمەن ، تېلفۇن نۇمۇرۇڭىزنى ئاران تاپتىم ، _ دىدى . توۋا ، مەن ئۆگۈنۈشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان يۇۋاش بىر قىز تۇرسام ، بۇ بالىنىڭ قانداقلارچە مەن بىلەن تۇنۇشقىسى كەپ قالغاندۇ دەپ ئويلىدىم ، ئۇ ۋاقىتلاردا مەن ناتۇنۇش ئادەملەر بىلەن تۇنۇشۇشنى ، پاراڭلىشىشنى ئانچە توغرا چۈشۈنۈپ كەتمەيتىم ، باشقىلارنىڭ ئالدىمىغا چۈشۈپ كىتىشتىن ئەنسىرەيتىم.
_ كەچۈرۈڭ ، مىنىڭ سىز بىلەن تۇنۇشقۇم يوق ، ئەمدى مىنى ئاۋارە قىلمىغان بولسىڭىز دەپ تېلفۇننى قۇيىۋەتتىم . ئۇ بالا تېلفۇن قىلىشتىن توختىمىدى ، ئۈيىدىكىلەرنىڭ ،سىڭلىسىنىڭ گەپلىرىنى قىلاتتى ، " مىنىڭمۇ سىزدەك بىر ئۇماق سىڭلىم بار ، قىز بالىغا كىشىنىڭ يۇرتىدا ھەر كۈنلەر كېلىدۇ ، ياردەم لازىم بولسا تېلفۇن قىلىڭ ، قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردىمىمنى ئايىمايمەن.... دەيتى . پات پات تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال سوراپ تۇراتتى . مەن ھەم جىق ئويلىمىدىم ، ئادەتتكى تۇنۇشۇمدەك مۇئامىلە قىلدىم ، ئارىدىن ئۈچ ئايچە ۋاقىت ئۆتتى ، ئىمتاھان يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى ، ئۇ بالا :
_سىز بەلەن كۈرۈشۈپ ئۆتەي دىگەن ، مەكتىپىڭىزنىڭ ئالدىدا ساقلاپ قالدىم ....دەپ تېلفۇن قىلدى .مەن:
_ ھازىر مەن ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ، بەك ئالدىراش ،كۆرشمەيمەن ،بولدى كىتىۋېرىڭ ، سىزنى تۇنۇمىسام نىمە دەپ كۆرۈشەتتىم .... دىدىم .
_ ئاتايىن كەپتىمەن بىر يۈز كۆرۈشۈپ كىتەي كۆپ ۋاقتىڭىزنى ئالمايمەن ، ئازراق يۈز بېرىڭ ...دىدى .
بوپتىلا كۆرۈشۈپلا يېنىپ كىرەرمەن دەپ مەكتەپ دەرۋازىسىغا چىقتىم ، مىنى كۆرۈپلا ئالدىمغا كىلىپ :
__ سىز ئادەممۇ ، ئاسماندىكى ئايمۇ ؟ ئايپەرىدەك چىرايلىق كەنسىز توۋا .... دىدى . مەن خىجىل بولۇپ بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ تۇردۇم ،ئىچىمدە " تازىمۇ بىر قىز بالىنى ئەخمەق قىلىپ كۆنۈپ قالغان بالىكەندە دەپ ئويلىدىم، قاراشلىرىدىن ئىچىمدە بىر خىل سەسكىنىپ كەتتىم "
_ مىنى كۆرۈپ بولغانسىز ؟ ئەمدى كىرىپ كېتىمەن ، دىدىم ،
_ قۇرسىقىم ئېچىپ كەتتى ، مىنى ئاچ قورساق ھەيدىۋەتمەيدىغانسىز مەكتىپىڭىزدىن دىدى .
_ قورسىقىڭىز ئاچسا بېرىپ تاماق يەڭ ، تۇسىۋالمىدىم ،دىدىم ، ئۇ بالا بىللە يەيلى دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى ، ئامالسىز يۈز بەردىم ۋە مەكتەپنىڭ يېنىدىكى بىر ئاشخانىغا باشلاپ كىردىم . تاماق بۇيرۇتۇلدى ،ئۇ بالا مەكتىپىنىڭ ، ياتاقداشلىرىنىڭ گەپلىرىنى قىلىپ ، مەندى سوراپ دىگەندەك خېلى ئۇزاقتا تاماق يىيىلدى .
ئاشخانىدىن چىقساق سائەت يەتتە بولۇپ قالغان ئىدى .
مەن خوشلۇشۇپ مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرسام
_ بۇنچە كەچتە مىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كىرىپ كەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن ، بۇ يەردە يا مىنىڭ تۇنۇشۇم يوق ، ھازىر كوچا ئاپتۇبۇس توختاپ كەتتى ، تاكسىغا چىقاي دىسەن پۇلۇم ئاز قالدى ......دەيدۇ.
_ ئەمسە مەن قانداق قىلىپ بېرەي ؟ دىسەم
_ ماڭا ھەمرا بولۇپ تورخانىدا بىر كىچە ئولتۇرۇشۇپ بېرىڭ ، ئەتە ئەتتىگەندە دەرىسكە ئۈلگۈرۈپ كىرىپ كىتىڭ .....
توۋا ، ئەرۋايىم ئۇچتى ، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئاچچىقتىن ئاۋۇ بالا بىلەن باياتىندىن بېرى يىگەن تاماقلىرىمنى قۇسۇۋەتكۈم كىلىپ كەتتى ، كەچۈرۈڭ ، مىنى بەك خاتا ئويلاپ قاپسىز ، سىز بىلەن تورخانىدا تۈنەش ئەمەس ، مۇشۇنچىلىق بولغۇچە تورخانىنىڭ بۇسۇغىسىدىن ئاتلاپ باققان قىز بالا ئەمەس مەن ، .... دەپ مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم .
__ ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ، تورخانا ئۇنچە يامان يەرمۇ ئەمەس ، بۇرۇن قورۇققان بولسىڭىز ھازىر قېشىڭىزدە مەن با ، مەن قوغدايمەن ئۇنىڭ .ۈستىگە يېنىمدا كەتكۈدەك پۇلۇممۇ قالمىدى ، دىدى .
__ كەتكۈدەك پۇلىڭىز بولمىسا مەن تاكسىغا سېلىپ قۇياي سىزنى ، مەن خەختىن قورقۇمەن دىمىدىم ، سىز دىن قورقۇمەن دەۋاتىمەن ، ئاكام ئاڭلىسا خاپا بۇلىدۇ ، بەك ئۇنىمىسىڭىز ئاكامنى چىرقىرىپ بېرەي ، ئاكام بىلەن بىللە تۈنەڭ .... دىسەم
_ چاقچاق قىلماڭ ، زادى بۈگۈن مەن بىلەن بىللە قالمىسىڭىز خاپا بۇلىمەن .... دەپ يۇلۇمنى توستى .
توۋا ،قانداق قىلىمەن يىغلىۋېتەي دىدىم ، نىمىشقا چىقتىم بۇ ساراڭ بىلەن كۈرۈشكىلى ، بۇ ماڭا نېمە كۆرگۈلۈك ، شۇنداك خورلۇق ھېس قىلدىم ، تۇنۇش - بىلىشلەرنىڭ كۆبۇ ھالىتىمدە كۆرۈپ قالماسلىقىنى ئىستىدىم ...
__ لەنەت بولسۇن ساڭا ، خاپا بولىمەن دەمسەن ؟ ئوغۇل بالا دىگەن سەندەك بولسا ئىككىنجى چىرايىغا قارىماسمىنا ، مەن خاپا بولدۇم ، ئىككىنجى مىنى ئىزدىگۈچى بولما ...... دەۋاتىمەن ،مەكتەپ تەرەپكە قاراپ قۇيۇندەك مېڭىۋاتىمەن ، ھىچ توختايدىغاندەك ئەمەس ، مەن قانچە تېز ماڭسام ئۇ شۇنچە تېز ماڭا يانداپ كېلىۋاتاتتى ،ئاخىر مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىردىم ، يۈرۈكۈم سەل ئىزىغا چۈشتى . دەرۋازىدىن كىردىم يۇ يۈگۈرگىنىمچە ياتاققا كىرىپ كەتتىم ، ياتاققا كىرىپ كارۋاتقىلا دۈم ياتتى خېلى بىر ۋاقىتقىچە بۈگۈن قىلغان ئەخمەقلىقىمگە ئۈزۈمنى ئىچىمدە مىڭنى تىللىدىم ،ئۇنىڭ تېلفۇن ، كوت- كوت ھەممە نەرسىسىنى قارا تىزىملىككە تىقىۋەتتىم . كىچىچە توختىماي ئۇچۇر يوللىدى :
_ بۈگۈن مىنى ئەجەپ ئەخمەق قىلدىڭىز ، مۇشۇ ۋاقىتقىچە بىرە قىز بالاغا بۇنداق ئەخمەق بولۇپ باقمىغان مەن ، ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن ......
توۋا ، مانا بۇ ئۇ لەنىتىنىڭ ماڭا يازغان ئۇچۇرلىرى ئىدى ، سەن دەۋالغۇچە مەن دەۋالاي دىگەن شۇ دە .
ئالىي مەكتەپتە بۇنداق تايىنى يوق ئىشلار قەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇرىدۇ.شۇنىڭدىن كىيىن ئۈزەم تۇنىمايدىغان ئوغۇل بالا گەپ قىلسا ئايلىنىپ ئۈتۈپ كىتىدىغان بولدۇم .
ئادەم دىگەننىڭ بېشىغا ھەر كۈنلەر كېلىدىكەن ، ئەگەر سىزنىڭ ھاياتلىق نىشانىڭىز ئېنىق ،قىممەت كۆز- قارىشىڭىز توغرىلا بولسا ، ھەممە ئىشلارنى ئۆز يولىچە بىر تەرەپ قىلىپ كېتەلەيدىكەنسىز . يۇقىردا ديىلگەن مەزمۇنلار ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىىڭ ئەڭ ئەخمىقانە بىر قىسمى . ئەمما مىنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم تۇلىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتكەن . دوستلىرىم بىلەن بىللە ئۆگىنىش قىلاتتۇق ،دەرىسلەرنى تولىمۇ ئەستايىدىل ئاڭلايتىم ، دەرىستىن چۈشكەندە دوستلۇرۇم بىلەن كۈتۈپخانىدا ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرەتتۇق ، بىللە تاماق يەپ كۈلكە -چاقچاق قىلاتتۇق. ۋاقتىم بولسىلا مەكتەپ گېزىتى مۇخبىرلار ئىشخانىسىغا كىرىپ گىزىت تەھرىرلەيتىم ، زىيارەتكە چىقاتتۇق ، مۇخبىر دوستلار ئارا سۆھبەتتە بۇلاتتۇق ، ئىش قىلىپ بىكا تۇرمايتىم ، ھەر قېتىم مەكتەپ گېزىتىغا ئەسىرىم چىقىپ ، دوستلۇرۇم ياخشى يېزىپسەن ... بەك تەسىرلەندۇق... دىگىنىدە بەكلا خۇش بۇلاتتى ، كىيىنچە پۇرسەت بولسىلا چۇقۇم تېخمۇ كۆپ ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلىمەن دەپ ئويلايتىم .
ھەش -پەش دىگۈچە بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىم ئەلا نەتىنجە بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاندى .
مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى -ساۋاقداشلىرىم ، دوست بۇرادەرلىرىم بىلەن خوشلۇشۇپ يۇرتقا قايتىپ كەلدىم .دۆلەتلىك بىر تۇتاش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ئۆزۈمنىڭ ئاددىي بىر خىزمەت ئورنۇمنى تېپىۋالدىم . خىزمەتكە چىققاندىن كىيىنمۇ خىزمەتنىڭ ھۆدىدىسىدىن تۇلۇق چىققاندىن سىرىت ئازراق بولسىمۇ كۆزگە كۆرۈنۈش نىيىتىدە تىرىشتىم ، خىزمەتداشلىرىممۇ ھەم مىنىڭدىكى تىرىشچانلىق ئىزدىنىش روھىنى كۆرۈپ كۆپ ئىلھام مەدەتلەرنى بەردى ، ئېتىراپ قىلدى. مىنى خىيالىممۇ ھەم بىر يىل راۋۇرۇس تىرىشىپ خىزمىتىمنى سەل ئىزىغا چۈشۈرىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن تۇرمۇش ئىشىمنى ئويلىشىش ئىدى .
ئەنە شۇندان يۈكسەك ئارزۇ ، جۇشقۇن روھ بىلەن ئىزدىنىۋاتقان ،تىرىشىۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ، مەن بىلەن بىر كەسىپتىكى خىزمەتدىشىم مىنىڭ ھاياتىمغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى . قانداق سىڭىپ كىردى دەمسىز ؟ قىلسام گەپ ئۇزۇن . بۇنى ئىككى ئاي ئىلگىرىكى مەكتىپىمىزگە كىلىدىغان تەكشۈرگۈچىلەردىن باشلاي .
مەكتىپىمىزگە ۋىلايەتتىن ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ كېلىدۇ دەپ بۇيرۇق چۈشكەندىن بېرى مىنىڭ بېشىمغا غەم چۈشتى ، چۈنكى مەكتەپ رەھبەرلىكى مەندەك ئەمدىلا خىزمەتكە چۈشكەن بىر قىزنى خىزمەت تەجىربىسى يوق ،قىلاممايدۇ دەپ قارىماي ،خەنزۇتىلى ،كومپىيوتېر دىگەندەكلەرنى تىتىۋىتىدۇ دەپ قاراپ ، ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئارخىپلىرىنى رەتلەش ۋەزىپىسىنى ماڭا تاپشۇرغان ئىدى . بۇ ۋەزىپە يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدىكى مەكتىپىمىزنىڭ ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىدە ئۆتكۈزگەن بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ ئارخىپىنى رەتلەيدىغان ئىش بولغاچقا ، ۋاقىت بىر قەدەر قىس ، ۋەزىپە ئېغىر ئىدى . شۇ سەۋەبتىن مەن مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملارنىڭ تەمىنلەپ بەرگەن ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن ، ئۈچ يىل بۇيىچە ئۈچ خىل رەڭلىك قەغەزدە تاشلاپ رەتلەش ئۈچۈن ، مەكتەپ كومپىيوتېر ئىشخانىسىغا كىردىم ، بۇ ئىشخانىنى مۇرات مۇئەللىم باشقۇراتتى ، مۇرات مۇئەللىم مەندىن ئىككى يىل بۇرۇن خىزمەتكە چىققان ، ئەخلاق ۋە كەسپى جەھەتتى خېلى ياخشى مۇئەللىم بولغاچقا مەن بەكلا ھۆرمەتلەيتىم ، بۇ ئارخىپ رەتلىگەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ، مۇرات مۇئەللىم خىزمىتىمگە ياردەملىشىپ خېلى جىق ئىشلىرىمنى ئاسان قىلغان ئىدى . ئاخىر مۇرات مۇئەللىمنىڭ ياردىمى ۋە مىنىڭ تىرشچانلىق كۆرسىتىشىم بىلەن ئاخىپنى رەتلەش خىزمىتىمىز مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاندى ، تەكشۈرۈشتە مەكتىپىمىز "ئەخلاق -تەربىيە خىزمىتىدىكى مۇنەۋۋەر مەكتەپ " دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى .
ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي مۇرات مۇئەللىم پات پات بىزنىڭ ئىشخانىغا كىرىپ مەندىن ئەھۋال سوراپ يۇردى ، مەنمۇ ھەم ئۇچۇق يۇرۇق ، خۇشپېئىل مىجەزىگە ئامىراق ئىدىم . بىر ھەپتە ئۈتۈپ شەنبە كۈنى مەن دەرىس تەييارلىقى يېزىش ئۈچۈن ئىشخانىدا ئولتۇراتتىم ، تېلفۇنۇم سايراپ كەتتى . قارىسام مۇرات مۇئەللىمدىن كەپتۇ ، ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كىيىن :
_ نېمە ئىش قىۋاتىسىز ؟
_ دەرىس تەييارلاي دەپ مەكتەپكە كەلگەنئىدىم ، ئىشخانىدا ئولتۇردۇم ، سىزچۇ؟
_ مەن بىر ئاغىمەمنىڭ تۇيىغا كەلگەن ، سىزنى نېمە ئىش قىلىۋاتىدىكىن دەپ تېلفۇن قىلدىم .
_ ھە بوپتۇ ئەمسە ، توينى ياخشى ئويناڭ .
تېلفۇن ئۈزۈلدى ، باياتىندىن بېرى قۇلۇمدا دەرىس تەييارلىقى يازغاچ مىسرانىم تورىدىكى ئاۋازلىق ئەسەر " قىز كەلتۈرۈش كىلىشىمى " نى ئاڭلاپ ئىچىگە كىرىپ كەتكەچكە ئارتۇق گەپمۇ قىلغۇم كەلمىدى . ئاخىرىنى تېزراق ئاڭلاشقا ئالدىرايتىم . ئارىدىن ئۈچ سائەت ۋاقىت ئۆتتى ، سائەت بەشلەرمۇ بولۇپ قالغان ئىدى ، قورسۇقۇم ئېچىپ سىرىتقا چىقىپ تاماق يەي دەپ ئولتۇرسام ، يەنە تېلفۇن كەلدى ، قارىسام مۇرات مۇئەللىمنىڭ نۇمۇرى :
_ نەدە سىز ؟
_ ئىشخانىدا
_ تېخىچە ئىشخانىدىما ؟ خىزمەتنى دەپ جېنىڭىز نى سېلىپ بەرمەڭ يەنە ، مەن ئون مىنۇت ئىچىدە بارىمەن ، پەسكە چۈشكەچ تۇرۇڭ ،تاماق يەپ كىلەيلى ، چاققان بۇلۇڭ ھە .
تېلفۇن ئۈزۈلدى ، نېمە دىيىشنى بىلەلمىدىم ،باياتىندىن بېرى ئاڭلىغان ئاۋازلىق ئەسەر بىلەن كاللام گاراڭ ئىدى ، بىر نەرسىللىرىمنى يۇغۇشتۇرۇپ پەسكە چۈشتۈم ، مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا چىقسام ، ماشىنىسىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ . ماشىنىغا چىقتىم .
_ ئۇنداق ئىشلەپ جاننى سېلىپ بەرگەنگە چۈشلۇق ئىش يوق بۇ مەكتەپتە ، ئاران بىر دەم ئېلىشقا قۇيۇپ بەرگەندە ، ئۈيىڭىزدە ئارام ئالسىڭىز بولمامدۇ .
_ شۇ دەرىس تەييارلىقىمنى تۇلۇقلىۋالاي دىگەن ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئارخىپنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش يۈردۈم ...
_ ھە نېمە يەيسىز ؟
_ نېمە بولسا مەيلى
_ كەچ بوپ قالدى ، سۇيۇقراق بىر نېمە ئىچىڭ
_ مەيلى ، ئەمسە چۈچۈرە ئىچەي
_ ماقۇل ، بۈگۈن بىر ئاغىنەمنىڭ تۇيىغا باردىم ، بۇ يىل 43 ياشقا كىردى ، تۇنجى تۇيى .....
ھەيران قالدىم :
_ نېمە دەيسىز ؟
_ ھەيران قالماڭ ، بۇ ئاغىنىمىز ئۆزى شۇنداق ياخشى ، ئاقكۆڭۈل ،ساددا بىر ئادەم ، ئەمما ئۆزى بەك گول ، كىم گەپ قىلسا شۇنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىدۇ .ئىلگىرى توي قىلىمەن دەپ يۈرگەن قىزى ، باشقىلار بىلەن توي قىلىۋاپتۇ ، ئۇ قىزنىڭ بالىسىمۇ بۇ يىل 16ياشقا كىرىپ بولدى . شۇنىڭدىن بېرى قىز بالىغا ئىشەنمەس بولۇپ قاپتىكەن ، توي ئىشىنى ئويلاشماي يۈرگەن ، بۈگۈن كىلىنچەكنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھە نېمە بولسا مەمەتجاننى بويتاقلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالدىڭىز ، رەخمەت سىزگە دىگۈم كىلىپ كەتتى ......
ئارىنى بىر ئاز جىمجىتلىق باستى.نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي قالدىم ، تەغدىر دىگەنگە ھىچ كىم بىر نەرسە دىيەلمەيدۇ .ئۇنىڭغىچە ئاشخانىغىمۇ كىلىپ قالدۇق ئاشخانىدا ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى شۇنداق قىزغىن ئىدى .ئاشخانىغا كىرىپ چۈچۈرە ئىچتۇق ، تاماق يەپ بولۇپ ئۆينىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويدى .
ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە كىردىم ، ئۆيدىكىلەر ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ،يۈز -كۆزلىرىمنى يۇيۇپ ئىشلىرىمنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇرۇنۇمغا كىرىپ يېتىپ ئۈندىدارىمنى ئاچتىم ۋە مۇرات مۇئەللىمگە " رەخمەت سىزگە " دەپ ئۇچۇر يوللىدىم ، ئۇزۇن ئۆتمەي " نېمىگە رەخمەت دەيسىز ؟ " دەپ ئۇچۇر كەلدى ، " ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، ئىش قىلىپ بەك خۇش بولدۇم " دەپ يازدىم ، " سىز خۇش بولسىڭىزلا بولدى " دەپ ئۇچۇر كەلدى ، " نېمىشقا " دەپ سورىدىم ، " مەنمۇ بىلمەيمەن ، ئىش قىلىپ سىز خۇش بولسىڭىز مەنمۇ خۇش بولىمەن "
بۇ خەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم ، مەن نېمىلەرنى دەپ كەتتىم ، نېمە گەپلەر بۇلىۋاتىدۇ بىلمەيمەن ، ئىش قىلىپ قەلبىمدە بىر خىل خۇشاللىق ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن .
دەم ئېلىش كۈنى توشۇپ مەكتەپكە كەلدۇق ، ئىشخانىدا ، مەكتەپتە كۆرۈشۈپ قالساق ماڭا شۇنداق قىزغىن كۈلۈمسىرەپ گەپ قىلاتتى ، سىزىپ تۇراتتىم ، كۆزلىرى ھەر يەردە مىنى ئىزلەيتى ، چۈشتىن بۇرۇن دەرىس ئۆتۈپ بولۇپ ئىشخانىدا ئولتۇرسام خىزمەتدىشىم مەربىيەدىن تېلفۇن كەلدى :
_ ئادىلە ، باياتىن مۇدىر سىز ، نۇربىيە ئۈچىمىزنى چۈشتىن كىيىندىن باشلاپ بىر ھەپتە ئىدارىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئارخىپىنى رەتلەشكە ئورۇنلاشتۇردى ، چۈشتىن كېيىن ئۇدۇل ئىدارىگە بېرىڭ ، شۇ يەردە كۆرۈشىلى دىدى . مەن ماقۇل بولۇپ چۈشلۈك دوستلۇرۇم بىلەن چۈشلۈك تاماققا چىقتىم . تاماق يەپ بولۇپ ئىدارىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تېلفۇن كەلدى . قارىسام خەدىچە خانىمكەن ، خەدىچە خانىم ئاپام دىمەتلىك ئايال بۇلۇپ ، ئۈزىنى تۇتىۋالغان ، مىجەزى شۇنداق ياخشى ، ماڭا بەك ئامىراق ئىدى ، مەنمۇ بەك ھۆرمەتلەيتىم .تېلفۇننى ئالدىم :
_ ۋەي ، ئادىلە قىزىمما ، نېمە ئىش قىلىۋاتىسىز ، ئىشخانىڭىزغا كىرسەم يوق سىز ....
ــــ ھە خانىم مەن ئىدارىگە كەلگەن ، ئارخىپ رەتلەيدىغان ئىش بارئىكەنتۇق ، بىرە ئىش بارمىدى ؟
ــــ بىر ئىشقۇ يوقتى قىزىم شۇ سىز بىلەن ئايرىم ئولتۇرۇپ مۇڭدىشاي دىسەم پەقەت پۇرسەت چىقمىدى ،سىزمۇ بەكلا ئالدىرىشكەنسىز ، ئەمدى ئالدىراشكەن دىسەم ۋاقىت ئۈتىۋەرگۈدەك ....
ــــ ھە نېمە گەپ بارتى خانىم ، تارتىنماي دەۋېرىڭ ....
ــــــ دەۋېرەي ئەمسە بالام ، مەن سىزنى بالا قىلىۋالاي دىگەن .....
ــــ ھە خانىم مەن شۇ سىزنىڭ قىزىڭىز .....
ــــ ئۇغۇ شۇ بالام ، نەچچە كۈندىن بېرى دەي دىسەم ھىچ بىر ۋاقىت بولمىدى ، مىنىڭ بىر بالام بار ، بۇلتۇر ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كەلگەن ، ئىمتاھان بېرىۋاتىدۇ ، ئوقۇغان ئادەم دىگەن يەردە قالمايدۇ ، بۇلتۇردىن بېرى مۇۋاپپىق ئورۇن بولماي ئىمتاھاندىن ئۈتەلمىدى ، ئۈتۈپمۇ قالا ، ئەمدى ئۈتەلمىدى دەپ قاراپ تۇرساق ۋاقىت ئۆتۈپ كىتىۋېرىدىكەن ، ئۆينىمۇ ئېلىپ بولغان ، ماشىنىمۇ با ، ئەمدى مۇقىم خىزمەت تاپقۇچە قارىغاچ تۇرسۇن دەپ تاللا بازىرىدىن بىرنى ئېچىپ بەرگەن ، قالغىنىغا دادىسى بىلەن ئىككىمىزنىڭ مائاشىمۇ بولغاندىكىن ياردەم قىلارمىز ، بولسا بىر كۆرۈشۈپ باققان بولسىڭىز قىزىم ......
ـــ خانىم ، رەخمەت شۇنچىلىك دىگىنىڭىزگە ، بىرسىگە شۇنداق دىيىشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ، مەن ھازىر سەل ئالدىراش ، ئەتىلەتىن بىر ۋاقىت چىقىرىپ سىزنى ئۈزەم ئىزدەي .....
شۇنداق دەپ ئۆزرە ئېيتىپ تېلفۇننى قويدۇم ، ئۇنىڭدىن باشقا نېمىمۇ دىيەلەيتىم .
ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللاپ تۇراي ، قالغىنىنى ئەتە يوللايمەن .
2015-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى
تۇرمۇش خاتىرەمدىن ( ئارزۇ )