مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2422|ئىنكاس: 5

2015-يىللىق ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102954
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 456
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 101 سائەت
تىزىم: 2014-1-30
ئاخىرقى: 2015-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 06:16:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2015-يىللىق ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر



تايمۇر بايگ (Taimur Baig)




    2015-يىلدىكى ئاسىيا رايونى يەر شارى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بىزنىڭ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى(GDP) پەرىزىمىز بولسا ئاسىيا بىر پۈتكۈل گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كېلەر يىللىق GDPئېشىش سۈرئىتى %6.2 بولىدۇ. بىزنىڭچە، ئاسىيا سودىسىنى مەنپەئەتلەندۈردىغىنى ئامېرىكا ئىقتىسادىدۇر (GDPسىنىڭ ئېشىشى %3.5 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى)، ئەمما ياۋروپا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا ماغدۇر يوق (%0.8) ھەمدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاستىلىشى (%7) كۆپ قىسىم پايدىلىق تەرىپىنى يوققا چىقىرىدۇ. كېلەر يىل كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچى ئىپادىسى كۈچلۈك بولىدۇ، ھىندىستان ۋە ھىندونېزىيە يېقىنقى يىللاردا يولغا قويغان كۈچلۈك مالىيە، پۇل ۋە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات تەدبىرى ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشەنچىسىدىن بىر قىسىم پايدىغا ئېرشىشىدە ئۈمىد بار. تايلاند دېموكراتىيەگە قايتىشقا ئۇرۇنماقتا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەربىي ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشنى جانلاندۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو بىر قىسىم ئاساسلىق ۋەزىپىلەرگە دۇچ كېلىدىغان بولۇپ، شىركەتلەرنى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاش، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىشغا ھەمدە ئالاقىدار تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشى، ئىجتىمائىي كاپالەت سالمىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىشى ھەمدە ئىستېمالنى قوللىشى، پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئەركىنلىشىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



تۆۋەندىكىلەر بىز تەكىتلىگەن ئاسىيا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان قىسمەن ساھەلەر:


جۇڭگو ئىقتىسادى ئاستىلايدۇ



    جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كۆلىمىنى ھەمدە يېقىنقى نەچچە ئون يىللىق تېز سۈرئەتتە، مۇقىم قەدەمدە ئېشىىشنى نەزەردە تۇتقاندا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇزۇن مەزگىل ئۇنچە يۇقىرى بولمىغان سەۋىيەدە تەۋرىنىپ تۇرغاندا، ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە كارخانىلارنىڭ بېشى چۈشۈپ كېتىدۇ. مەيلى تەييار مەھسۇلات ياكى يېرىم تەييار مەھسۇلات بولسۇن، ئاسىيادىكى باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ سودا كارىدورى غايەت زوردۇر. زور مىقداردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگو پاي بازىرى، زايوم بازىرى يۈرۈش قىلىپ، يېقىنقى يىللاردا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى پۇل-مۇئامىلە مۇناسىۋىتىنى بارغانسېرى زىچلاشتۇردى. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئومۇمەن ئازراقلا تەرتىپىنى يوقاتسا، پۈتكۈل رايوننىڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسى ۋە پۇل-مۇئامىلە بازىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ تاشلايدۇ.



ياۋروپانىڭ قەدىمى جاپالىق



    ياۋرو رايونىنىڭ GDP كۆلىمى ئامېرىكىدىن قېلىشمايدىغان بولغاچقا، شۇڭا ياۋروپانىڭ ئېغىر دەرىجىدە ۋەزىيەتنىڭ كەينىدە قېلىۋاتقان ئىقتىسادىي ئېشىشى ئاسىيانىڭ ئېكسپورتىغا بولغان ئېھتىياجىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا غايەت زور ئارقىغا سۆرەش دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. گەرچە ياۋروپانىڭ قەدىمى جاپالىق بولۇشى ھېچقانچە يېڭى ئىش بولمىسىمۇ، ئەمما ئالاقىدار خەۋپ-خەتەر ئىنتايىن ئاسانلا ئاسىياغا  كېڭىيىشى مۇمكىن، بۇ خەۋپ-خەتەر كەڭ كۆلەملىك پۇل قويۇپ بېرىش سىياسىتى قوزغىغان ھەر خىل تاسادىپىي ئاقىۋەت، قەرز ۋە تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى شىددەتلىك داۋالغۇش، پۇل-مۇئامىلە ۋە كرېدىتنىڭ ھەرىكەتچانلىقى قالايمىقان قىلىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



چوڭ ھەجىملىك تاۋارلار باھاسى ئەسلىگە كېلىدۇ



    ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئىمپورت قىلىدىغانلىقىنى ئويلاشقاندا چوڭ ھەجىملىك تاۋارلار باھاسىنىڭ چۈشۈشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دائىملىق تۈرلىرى ھەمدە پۇل پاخاللىقىنىڭ كەلگۈسىگە پايدىلىق، بۇ ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق قىزىل رەقەم دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق. ئەكسىچە، مالايسىيا ئاساسلىق چوڭ ھەجىملىك تاۋار ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېنىقلا زىيانغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، چوڭ ھەجىملىك تاۋارلار باھاسىنىڭ ھالسىزلىنىشى بەلگىلىك دەرىجىدە جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېھتىياجى يۇقىرى ئەمەسلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، شۇڭا بۇ خىل ئەسلىگە كېلىش ئاسىيا رايونىنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن بىر قوش بىسلىق خەنجەردۇر.



ھالسىزلانغان يەر شارى سودىسى



    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارى سودا سوممىسى2012-يىلدىن بۇيان ئىزچىل توختاپ قېلىش ھالىتىدە تۇرغان، لېكىن يەر شارى سودا مىقدارى بولسا 2011-يىلدىن باشلاپلا توختاپ قالغان. ئۈچ چوڭ سانائەت دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاتىلىشى ھەمدە سودا قورۇقچىلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كۆرۈلىشىدىكى ئامىلدۇر، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى يوق. ئاسىيا ئىقتىسادىي گەۋدىلىرىنىڭ سودىغا بولغان تايىنىشىنىڭ نىسبەتەن ئېغىرلىقىنى ئويلاشقاندا، يەر شارى سودىسى ھەرىكەتلەندۈگۈچ كۈچىنىڭ يوقىلىشى ئېھتىمال ئوتتۇرا، قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئىقتىسادىي ئېشىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.


تىپىكلىك ھازىرلىمىغان ئامېرىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى



    خۇددى كۆپلىگەن كۆزەتكۈچى زاتلار (بىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك ئىقتىسادىي ئەسلىگە كېلىشى تىپىكلىكنى ھازىرلىمىغان، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، كارخانا پايدىسى ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى كىشىنى كۆزنىڭ قىرىدا قاراشقا مەجبۇر قىلىدۇ، ئەمما مائاشنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ھەمدە پۇل پاخاللىقىنىڭ كۆزلەنگەن يۇقىرى ئۆرلەش سۈرئىتى ئوخشاش تېزلەشمىدى.  پەقەت ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدا زور ياخشىلىنىش كۆرۈلمىسىلا، ئۇنداقتا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا تاۋارلىرىغا بولغان ئىستېمال ئېھتىياجى(يەنى ئىمپورتى) ئېھتىمال ماس ھالدا ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا، بۇرۇنقى تەجرىبىلەردە ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئاسىيا ئېكسپورت سودىگەرلىرى ئارىسىدىكى بىرلەشمە ھەرىكەتچان مۇناسىۋىتى ئاسىيا ئېكسپورتىنىڭ كەلگۈسىنى كۆپتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن، بۇ يىلقى ئەھۋال تېخىمۇ شۇنداق. بۇنىڭدىن سىرت، سىرتقى جامائەتچىلىكنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈپىتىگە بولغان ئەندىشىسى ئېھتىمال كېيىن مىقدارلاشتۇرۇلغان قويۇپ بېرىش سىياسىتى دەۋرىنىڭ بۇرۇلۇش باسقۇچىدا توسقۇنلۇق شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.



ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى سىياسىتىنىڭ نورماللىشىشى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيەنىڭ مىقدارلاشتۇرۇلغان قويۇپ بېرىشى



ئەگەرئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى كېلەر يىل سىياسەتنى نورماللاشتۇرۇش جەريانىدا يەر شارى بازىرىغا ھېچقانداق زەربە بەرمىسە، ئۇنداقتا خېلى باشقىچە بولغان بولىدۇ. بىراق، ھېچ بولمىغاندا نۆۋەتتىكى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىش ۋەزىيىتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ھەرىكەت مۆلچەرىنىڭ جانلاندۇرۇشىدا داۋاملىشىشى، رايونلۇق پېرېۋوت نىسبىتى بۇ سەۋەبلىك بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ياپونىيە داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن بولغان كەڭ كۆلەملىك مۇنتىزم بولمىغان پۇل سىياسىتى رايونلۇق تاشقى پېرېۋوت تەۋرىنىشچانلىقىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ تاشلىشى مۇمكىن. مىسال ئېلىپ ئېيتساق، كورىيە ۋونى ئېھتىمال ئامېرىكا دوللىرى/كورىيە ۋونىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى ھەمدە ياپونىيە يېنى/كورىيە ۋونىنىڭ تۆۋەنلىشى (ياپونىيە يېنى/كورىيە ۋونىنىڭ تۆۋەنلىشى جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئېكسپورتسودىگەرلىرىگە زەربە بېرىدۇ) تەڭپۇڭلۇق تېپىشىغا موھتاج بولۇشى مۇمكىن.


ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارغا بولغان قاراش




جۇڭگو ئىچكى قۇرۇقلۇقى



     ھالسىزلانغان ئۆي-مۈلۈك مەبلىغىنىڭ ئارقىغا تارتىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، بىز 2014-يىلدىكى پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنى %7.3، 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلگە قارىغاندا ئېشىش سۈرئىتى %6.9 دەپ مۆلچەرلىدۇق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى11-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ يوشۇرۇپ خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇردى، بىز 2015-يىلى جۇڭگونىڭ يەنە ئىككى قېتىم ئۆسۈم تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىككى قېتىم ئامانەت تەييار پۇل نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق. بىز ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ كەلگۈسى يۇقىرىداخەۋپ-خەتەرگە، تۆۋەندىمۇ خەۋپ-خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ دەپ قارايمىز، كونكرېتى سىياسەت ھەرىكىتىگە باغلىق. يۇقىرىدىكى خەۋپ-خەتەر رايونلۇق سودا ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو چوڭقۇرۇقلۇقنىڭ ئېچىۋېتىشى ئېلىپ كېلىدىغان مۇلازىمەت كەسپى ئېكسپورتىدىن كېلىدۇ. بىزنىڭچە، پۇل سىياسىتىنى بوشىتىش دەۋرىلىكىنىڭ كېچىكمە تەسىرى، يەنە تېخىمۇ ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى سەۋەبلىك، جۇڭگونىڭ 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى GDPئېشىش دەرىجىسىنىڭ %7.2 كە يېتىشىدە ئۈمىد بار.




شىياڭگاڭ



   سىرتقى ئېھتىياج (ئاساسلىقى ئامېرىكا) ھەمدە ئالاقىدار يەرلىك ئېھتىياجنىڭ كۈچىيىشىنىڭ جانلاندۇرۇشىغا ئۇچراپ، شىياڭگاڭنىڭ كېلەر يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى %3 كە يېقىنلىشىش مۇمكىن. بىراق، بۇ ئىقتىسادىي ئېشىش كەلگۈسى تۆۋەن قاتلام خەۋپ-خەتەرگەدۇچ كەلدى، يەرلىكنىڭ مۇجمەللىكى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلاش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەردىكىدىن تېز بولۇشى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مۆلچەردىكىدەك بولماسلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىياڭگاڭ يەنە ئېغىر قۇرۇلمىلىق مەسىلىگە دۇچ كەلدى، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ چەتئەلگە كۆچۈپ كېتىشى،ئىقتىسادىي كۆپ خىللىشى دەرىجىسىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، چوڭ قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن رىقابەت ھەمدە سىياسىي بۇرۇلۇش پەيدا قىلغان ئۇزۇن مەزگىللىك مۇجمەللىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقىرىدىكى خەۋپ-خەتەر رايونلۇق سودا ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئېچىۋېتىشى ئېلىپ كېلىدىغان مۇلازىمەت كەسپى ئېكسپورتىدىن كېلىدۇ.




ھىندىستان



ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار ھىندىستانئىقتىسادىنىڭ يەنىلا ئارىسالدى بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، ئەممائىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە سودا ئىشەنچىسىنىڭ زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى بۇ نۆۋەتلىك ئىقتىساد دەۋرىيلىكىگە ياخشى تىرەك بولىدۇ. كېلەر يىل مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھەمدە ئىستېمالنىڭ قايتىدىن تېزلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلىشى مۇمكىن.ھازىرغا قەدەر، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلمىلىق ساھەدە ئاز كۈچ چىقاردى، ئەمما باج يىغىش،چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى ۋە كانچىلىق جەھەتتىكى ئەمەلىي تەدبىرى ئېھتىمال تېزلا چىقىشى مۇمكىن. ھىندىستان دۇچ كەلگەن بىر خەتەر ناچار مەبلەغ ۋە قەرز پەيدا قىلغان كەينىگە سۆرەش ئېھتىمال ئەسلىگە كېلىشنى كېچىكتۈرۈپ، چوڭ كارخانىلارنىڭ كاپىتال بازىرى مۆلچەر قىممىتىنى گۇمانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل پايدا نىسبىتىنىڭ نورماللىشىشى پەيدا قىلغان بازار تەۋرىنىشچانلىقى ھىندىستان كارخانىلىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش قىيىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. يېقىنقى يىللاردا ھىندىستان كارخانىلىرى زور مىقداردىكى ئامېرىكا دوللىرى قەرزى ئالدى.




ھىندونېزىيە



چوڭ ھەجىملىك تاۋار ساھەسىنىڭ پايدىسىز ئەھۋالغا ئۇچرىشى ھەمدە مالىيە/پۇل سىياسىتى جەھەتتە بەلگىلىك دەرىجىدە تارىيىشى ئېھتىمال2015-يىلدىكى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنى يۈزلىنىش سەۋىيەسىدىن تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن، ئەمما ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ماكرولۇق تەڭشەش كەلگۈسىدىكى تېخىمۇ كۈچلۈك ئاساسىي تەرەپ ۋە سىجىل ئىقتىسادىي ئىپادىگە ئاساس سېلىشى مۇمكىن. بىراق، ھىندونېزىيەگەنىسبەتەن ئېيتقاندا كېلەر يىل رىقابەتكە تولغان بىر يىل بولۇشى مۇمكىن، ئەگەر دائىملىقتۈرلەر ماي باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن ياخشىلانمىسا، پېرېۋوت نىسبىتى بېسىم قىلىشىمۇمكىن. سىرتقى جامائەتچىلىك يەنە پرېزىدېنت جوكو ۋىدودونىڭ ئىسلاھات لاھىيەسى باشقۇرۇش تەس ھەمدە دۈشمەنلىشىدىغان پارلامېنتنىڭ كەينىگە سۆرىشىگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.




مالايسىيا



مالىيەنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، يەنە چوڭ ھەجىملىك تاۋار باھاسىنىڭ چۈشىشى سەۋەبلىك مالايسىيا ئىقتىسادى سىناققا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، مالايسىيا پۇلىنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشىشى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئېھتىمال مالايسىيانى تېخىمۇ چوڭ خىرىسقا دۇچار قىلىشى مۇمكىن. دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنىڭ ئاستىلىشى، يەنە نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېكسپورت كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىشى ئېھتىمال مالايسىيانىڭ 2015-يىللىق ئىقتسادىي ئېشىش نىسبىتىنى %5كە يەتكۈزمەسلىكى، بۇ يىلقى ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى كەينىگە بۇرۇشى مۇمكىن.




فىلىپپىن



2016-يىلىدىكى چوڭ سايلامدىن بۇرۇنقى ئاممىۋى خىراجەتنىڭ ئېشىشى، چەتئەل كاپىتالىنىڭ داۋاملىق كىرىشى، ITمۇلازىمەت ھۆددىگە بېرىشنىڭ كۈچلۈك كېڭىيىشى، يەنە چوڭ ھەجىملىك تاۋارلار باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئېھتىمال فىلىپپىننىڭ كەلگۈسى ئىككى يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتىنى ئاز دېگەندە %6.5 كە يەتكۈزىشى مۇمكىن. ئەمما توك تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.




سىنگاپور



ئەگەرئامېرىكىنىڭ زاكاز تالونىنىڭ ئېشىشى جۇڭگو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ پايدىسىز تەسىرىنى يوقاتسا، ئۇنداقتا 2015-يىلى سىنگاپورنىڭ ئەمەلىي ئىقىسادىي ئېشىش نىسبىتى ئېھتىمال يەنىلا %3 كە يېتىشى مۇمكىن. پۇل پاخاللىقى خەۋپ-خەتىرى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىشى مۇمكىن، شۇڭا سىنگاپور پۇل-مۇئامىلە باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېھتىمال سىنگاپور دوللىرىنىڭ نامدىكى ئۈنۈملۈك پېرېۋوت نىسبىتىنى داۋاملىق ساقلىشى ياكى كۇرسىنى چۈشۈرۈشى مۇمكىن.




جەنۇبىي كورىيە



بىز جەنۇبىي كورىيەنىڭ 2015-يىللىق GDPئېشىشىنى بۇ يىلقى %3.4 دىن سەل ئېشىپ %3.6كە يېتىدىغانلىقىنى، بىرلا ۋاقىتتا جەنۇبىي كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئىسلاھات تەدبىرىنى قوزغىتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلدۇق. ئەمما جەنۇبىي كورىيە ۋونىنىڭ داۋاملىق ئاجىزلىشىشى كاپىتال ئېقىمى ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.




سرىلانكا



بىز سرىلانكانىڭ بۇ يىل، كېلەر يىل ئىككى يىلدىكى ئەمەلىي GDP ئېشىش سۈرئىتىنىڭ %7.5 ئىكەنلىكىنى، پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ %4-%7 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى، مالىيە كۆرسەتكۈچىنىڭ مۇقىم بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدۇق. 2015-يىلى 1-ئايدا ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن پرېزىدېنت سايلىمى ھەمدە ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كېلەر يىلى مەلۇم ۋاقىتتا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى مەزكۇر دۆلەت ئىقتىسادى دۇچ كېلىدىغان ئىككى چوڭ خەتەر،  بۇ پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەۋرىنىشى كەسكىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.




تەيۋەن



كەلگۈسى ئىككى يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى %3.5 ئەتراپىدا تەۋرىنىپ تۇرىدۇ، ئەمما ئەگەرئىقتىسادىنى داۋاملىق كۈچلۈك ئاشۇرماقچى بولسا، تەيۋەن ھۆكۈمىتى چوقۇم ئىقتىسادىي ئېشىشنى قوزغىتىدىغان ئىسلاھات تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. يېڭى تەيۋەن دوللىرىنىڭ ھالسىزلىنىشى چەتئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ تەيۋەن ئاكسىيەسىگە مەبلەغ سېلىشىغا خەتەر پەيدا قىلىدۇ. ئەمما تەيۋەن تاشقى پېرېۋوت نىسبىتى زاپىسىنىڭ كۆلىمى غايەت زور بولغانلىقتىن، يېڭى تەيۋەن دوللىرىنىڭ ھالسىزلنىشى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا چوڭ تەھدىت سالالمايدۇ.




تايلاند



كېلەر يىلنىڭ بېشىدا ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىشى مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ تايلاندنىڭ %3.5لىك ئەمەلىي GDPئېشىش سۈرئىتىگە بولغان مۆلچەرىمىز نۇرغۇن ئچىكى ۋە تاشقى خەۋپ-خەتەرلەرگە دۇچ كەلدى. پۇل پاخاللىقى بېسىمى كەمچىل بولغانلىقتىن، تايلاند مەركىزىي بانكىسى پۈتۈنيىل ئۆسۈم قوشۇشىشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما ئەگەر ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش يۈزلىنىشى تىكلەنمەستىن بۇرۇن ئەمەلىي ئۆسۈم پىرسەنتىدە ئۆرلەش كۆرۈلسە، ئۇنداقتا تايلاند مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن. لېكىن تايلاند ئىقتىسادىنىڭ كەلگۈسى كۆپلىگەن خەتەرگە دۇچ كەلدى. ئەگەر تايلاندنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولمىسا، ئېكسپورتى ۋە ساياھەتچىلىكىنىڭ رولىنى كۆرسىتىشى يەنىلا تەس بولىدۇ.  






ۋول كوچىسى گېزىتى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى. ئوكيان تورى تەرجىمە قىلدى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-1 06:19 PM  


تارىخ، شەخس،ئەسەر،ساغلاملىق قاتارلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلار ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار سالونىدا: ئىزدەش نامى okyanqamus

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109556
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 220
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2014-8-29
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 06:51:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىراقتا تۇرۇپ ئاسىيانىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىنى مۆلچەرلىگەن بولسا بوش ئوغىرلىمەسكەن جۇما

سەن ئەگەر بولساڭ يىگىت ئاسان ئىشنى مارىما ،
باشقىلار مەخپى ئىشىغا كۆز يېنىڭدىن قارىما .
ھەر ئەكەلسە ئۆز بېشىڭغا تەدبىرىڭنىڭ مىۋىسى ،
گەرچە مۈشكۈل بولسا تاغدەك يە ئۇنىڭدىن زارلىما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-1 07:00:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاساسلىقى شەرقى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خەۋىپ خەتىرى كۆپ سۆزلىنىپتۇ.ماقالىدىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى،ئامېرىكا ئاسىيا تىنىچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتناشقاندىن كىيىنكى بۇ يۈزلىنىشتىن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ياردىمىسىز بۇ رايۇننىڭ ئىقتىسادى ۋە تەرەققىياتىدا مۈجىمەللىك بولىدىكەن.

شۇنداق قىلىپ سىلاۋىيان كاتۇلىك دىن مۇخلىسىنى يىقىتىپ ئەمدى يەنە شەرقى ئاسىياغا كۆز تاشلاۋىتىپتۇدە بۇ ئامېرىكا.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19883
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10612 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 07:59:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2015-1-1 07:00 PM
ئاساسلىقى شەرقى ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خەۋىپ خەتىرى كۆپ  ...

شۇنداق .بۇندىن كىيىنكى پۇل ئۇرۇشىنىڭ مەركىزى شەرىقى ئاسىيا بوپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ .

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 06:26:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
orkixi يوللىغان ۋاقتى  2015-1-2 07:59 PM
شۇنداق .بۇندىن كىيىنكى پۇل ئۇرۇشىنىڭ مەركىزى شەرىقى ئ ...

ئۇنداق بولسا بىز قايتىدىن لاڭ شىيەن پىڭ ئەپەندىنىڭ :قورقۇنۇچلۇق ئامېرىكا ،دىگەن ماقالىسىنى ئەسلىمەي تۇرالمايمىز.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19883
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10612 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-3 11:05:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://www.nur.cn/news/2015/01/201925.shtml
بۇشنىڭ ئىنىسى سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن يۇقىرى مۇئاشلىق ۋەزىپىسىدىن ۋاز كەچتى






ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى گىئورگى خېربېرت ۋالكېر بۇشنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، فىلورىدا شىتاتىنىڭ سابىق شىتات باشلىقى جېب بۇشنىڭ ياردەمچىسىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، جېب بۇش سىياسىي ساھەگە قايتىپ كېلىشكە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرىش ئۈچۈن ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ كارخانا ۋە پايدا ئالمايدىغان ئورگاندىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن.


ئانالىزچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، جېب بۇشنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇنىڭ يېڭى بىر يىلدا « ئەمىلى يوقنىڭ غېمى يوق» ھالەتتە قايتىپ كېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.

جېب بۇشنىڭ ياردەمچىسى يېڭى يىل كېچىسى «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» غا يوللىغان ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىدا، جېب بۇش مائارىپ شىركىتىدىكى مەسلىھەتچىلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى دېگەن. ئوخشاشلا ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ مائارىپ فوندى جەمىيىتىدىكى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشنى ئويلاشقان.

بۇندىن سىرت، جېب بۇش ھازىر پاي چېكى بازارغا سېلىنغان ئىككى شىركەت مۇدىرىيىتىدىن ئىستىپا بەردى. يېقىندا ئۇ يەنە ئەنگىلىيە باركىلەيىس بانكىسىدىكى بىر كىشلىك مەسلىھەتچىلىك توختامىنى توختىتىپ، مىلىيون دوللارغا يىتىدىغان يۇقىرى يىللىق مۇئاشىدىن ۋاز كەچتى.

جېب بۇش ھازىر 61 ياش، چوڭ بۇش گىئورگى خېربېرت ۋالكېر بۇشنىڭ ئىككىنچى ئوغلى، كىچىك بۇش گىئورگى ۋالكېر بۇشنىڭ ئىنىسى، 1999-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە فىلورىدا شىتاتىنىڭ شىتات باشلىق بولغان. 2012-يىلى جېب بۇش جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشمىغان.

بىراق، ئۇ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى قوللىغۇچى ۋە ياردەملەشكۈچىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ، ئۇنىڭ 2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشىنى تەتقىق قىلىپ مۇنازىرە قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن، 2015-يىلى 1-ئايدا بىر سىياسىي ھەرىكەت كومىتېتى قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. جېب بۇشنىڭ بۇ بايانى غەيرى رەسمىي سايلام باياناتى، ئەمما ساھە ئىچىدىكى كىشلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا« مەنىسى ناھايىتى ئېنىق». شۇ سەۋەبتىن، جېب بۇش جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى لاگىرىدىكى تۇنجى نەپەرز زۇڭتۇڭ رىقابىتىگە قاتناشقۇچىغا ئايلانغان.

ئاتىسى چوڭ بۇش ۋە ئاكىسى كىچىك بۇشنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش بىلەن بىرگە، يېقىنقى مەزگىلدىكى خەلق رايى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، جېب بۇشنىڭ قوللاش نىسبىتى ئۈستۈنلىككە ئىگە. «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» ۋە ئامېرىكا رادىئو شىركىتى ئالدىنقى يىلى 12-ئايدا ئېلان قىلغان بىر نۇسخا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى سايلامغا قاتناشقۇچى نامزاتىنىڭ قوللاش نىسبىتىنىڭ خەلق رايى نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ناۋادا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭ نامزاتى مىت رومىنىي زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشمىسا، ئۇنداقتا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى لاگىرىدا جېب بۇشنىڭ قوللاش نىسبىتى 15% بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولىدىكەن. كېنتاكىي شىتاتى فدېراتسىيە ئالىي پالاتا ئەزاسى راند پائۇل ۋە ۋىسكونسىن شىتاتى فېدېراتسىيە ئاۋام پالاتا ئەزاسى پائۇلنىڭ قوللاش نىسبىتى 11% بولغان. ئەمما بۇ قېتىملىق خەلق رايى تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ناۋادا مىت رومىنىي سايلامغا قاتنىشىپ قالسا قوللاش نىسبىتى 205 بولىدىكەن، جېب بۇشنىڭ 10%، رانىد پائۇلنىڭ 9%، پائۇلنىڭ 8% بولىدىكەن.

بىراق مىت رومنىينىڭ كۆپلىگەن قوللىغۇچىلىرى جېب بۇش سايلامغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، رومىنىينىڭ سايلامغا قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەنلىدى دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش