ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزىزلەر،ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىڭلار مۇبارەك بولسۇن.يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەر سىلەرگە يار بولسۇن،تېنىڭلار سالامەت،ئائىلەڭلەر بەختلىك،تۇرمۇشۇڭلار خاتىرجەم بولسۇن.
تۈنۈگۈن يەنى يېڭى يىلنىڭ ھارپا كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقتىم، قارىسام كوچىلار ،سودا سارايلار يېڭى بىر يىلنى قۇتلۇقلاش يۈززىسىدىن رەڭگارەڭ بېزەلگەن،2014-يىلىم سالامەتلىكىمنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن ئاساسەن دېگۈدەك دوختۇرخانىدا ئۆتۈپتۇ،بۇمۇ اللاھنىڭ ماڭا بەرگەن سىناقلىرى ،اللاھقا مىڭ قەترە شۈكرىلەر بولسۇن، سالامەتلىكىم كۈندىن –كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ،كەيپىياتىممۇ كۆتۈرۈلۈپ قالدى.2015-يىلى قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ،بىلگۈچى اللاھ.ئاخشام بىر كەمگىچە مۇنبەر ئارىلاپ تېما كۆرۈپتىمەن،مۇنبەر كۆرۈۋېتىپ مۇنبەرداشلارنىڭ يېڭى يىلنى تەبرىكلەپ يازغان تېمىلىرىنى ،يوللىغان ئۇچۇرلىرىنى كۆرىۋېتىپ بىر خىل سۆيىنىش ئىچىدە ئولتۇرۇپ،تۇرۇپلا شۇنى ئويلاپ قالدىم.
بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر ساليوتلارنىڭ ئېتىلىشىنى تەقاززالىق بىلەن كۈتۈپ،رېئۇستىرانلاردا شاراپلار بىلەن توشقۇزۇلغان قەدەھلەرنى بىر –بىرىگە سۇنۇشۇپ ، ئۆتكەن بىر يىلنىڭ خۇلاسىلىرىنى چىقىرىشىپ ،يېڭى يىلدا يېڭىچە نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن دەبدەبىلىك قەسەملەرنى بېرىشىۋاتقاندۇ… بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" F+ @ _& S4 G$ b" ^4 @2 m
يەنە بىر قىسىم كىشىلەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ، قاتتىق سوغۇقتا توڭلاپ-دۈگدىيىپ تىترەۋاتقان قوللىرىنى دەممۇ –دەم يەڭلىرىنىڭ ئىچىگە تىقىپ كەچلىك بازارلاردا يايمىلىرىنى ئېچىشىپ ،كۆزلىرىنى خېرىدارلارغا ئۈمىدلىك تىكىۋاتقاندۇ....
يەنە بەزىلەر ئەتە بېشىغا قانداق قىسمەتلەرنىڭ كېلىشىنى ،نېمىلەرگە ئېرىشىپ ،نېمىلەردىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەندىشىسى بىلەن ئۇخلىيالماي ئۇيان –بۇيان ئۆرىلىۋاتقاندۇ...
يەنە بەزىلەر باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش ھېسابىغا ئۆزى ھارام مەنپەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەللىكىملەرگە قىلتاق قۇرۇش مەقسىدىدە رەزىل وىلانلارنى تۈزىشىۋاتقاندۇ... بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 C( z2 E) \0 l
قايسى بىرلەر ئۈندىدار ۋە باشقا ئالاقە قوراللىرىدا بىر –بىرىگە يېڭى يىللىق سالاملارنى يوللاپ كۆڭلىنى ئاۋۇندىرىۋاتقاندۇ...
يەنە مەلۇم بىرلەر ئۆزى يالغۇز كومپىيوتور ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ ،تورلاردىن ھەر خىل خەۋەر،ئۇچۇر ۋە يېڭى مەزمۇنلارنى ،ھەر خىل تېمىلارنى كۆرۈپ بۇلاردىن ئۆزىگە بەلگىلىك خۇشاللىق ئىزدەۋاتىدىغاندۇ....
يەنە ئاللىكملەر سۆيگىنىدىن ئايرىلىش ئازابى ئېسىگە كېچىپ،‹‹مېنى تاشلاپ كەتتىڭ يار››دېگەن ناخشىنى تىڭشاپ ،بار ئازابلىرىنى قۇتىدا تۇرغاندا جىم تۇرغان بىلەن قورساققا كىرگەندە كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان،ھاراق دېگەن ‹‹ھەلەق››تىن ئېلىپ يۈرىيدىغاندۇ...
يەنە بەزىلەر ھەر خىل سەۋەبلەر ئۆزلىرىدىن ئايرىلغان قان –قېرىنداش،دوست –يارەنلىرى ئەسلەپ،ئۇلار ئۈچۈن ھەسرەتلىك ياشلىرىنى تۆكىۋاتقاندۇ...
اللىكىملەر ياراتقۇچىمىز رەببىمگە سېغىنىپ ،ئائىلىسى ،پەرزەنتلىرى بارلىق قېرىنداشلىرى ئۈچۈن دۇئالرغا قول كۆتۈرۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلىپ ئۆز ئىبادىتى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقاندۇ....
‹‹ھەر كاللىدا ھەر خىيال،تاز كاللىدا مىڭ خىيال››دەپ،ھەركىمنىڭ ئوي –خىياللىرى ھەر خىل بولىدۇ، ‹‹ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى››تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى كىشىلەرنى تىنىمسىز ئالغا مېڭىشقا ئۈندەيدۇ،تۆنۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى،مانا بۈگۈن دەبدەبىلىك تەبرىكلىگەن يېڭى يىل كىردى،يەنە نۇرغۇن كىشىلەر تۆنۈگۈننى ئۇنتۇپ ،بۈگۈن ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ،تىنىمسىز تىركىشىۋاتىدۇ...بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; Q8 y+ @& \4 }
مەنمۇ بۈگۈنكى بۇ يېڭى كۈننى كۈتىۋالدىم،تۇرمۇش بىر خىل رېتىمدا،ئەتە قانداق بولىشىنى بىلگۈچى رەببىمدۇر،رەببىمنىڭ ماڭا ئاتا قىلغان بۈگۈنىگە چەكسىز شۈكۈرلەر بولسۇن...
ئاخىرىدا ئۆزۈم بىلەن قوشۇپ بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ ھەر بىر كۈنىنى يېڭى –يېڭى مەنالار بىلەن تولدۇرىشىنى،ھەر بىر كۈنىنىڭ شادلىق ئىچىدە ئۆتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 O% c( @6 p- O3 |$ i2 K! D" oمەنبە: يېڭى يىل خىياللىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 03:50 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& i, s& X V0 h; N4 G* [. O
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 x+ @/ f6 Y1 G7 e% ^* d