|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ،ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!يېڭى يىلدا ھەممىڭلارغا يېڭىچە بەخىت سائادەت يار بولسۇن ،مەنمۇ بۇ مۇنبەرنىڭ يېڭى كىرگەن كونا ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۈندە تېما ئىنكاسلارنى كۆرگۈدەك بولسام مۇنبەردىشىمىز مەلىكە يوللىغاندەك مۇنبەرنىڭ كەيپىياتى ئازراق سۇسلاپ قالغاندەك ....ئەمدى مەن نەق گەپكە كەلسەم ، ئىشلەشنىلا بىلىپ دەم ئېلىشنى بىلمىگەن يولداش ياخشى يولداش ئەمەس ، دەپتىكەن بىرسى ،شۇڭا مۇنداق قارىسام ئۇيۇن تۈسىنى ئالغان تېمىلار كۆرۈنمەيدۇ ،شۇڭا ئۆزۈمچە ئويلىنىپ بۈگۈنكىدەك كۈندە ئازراق بولسىمۇ ئۆزىمىزگە خوشاللىق تېپىش ھەم تۈرلۈك بېسىملاردىن چارچاپ كەتكەن كاللىمىزنى ئازراق بولسىمۇ ئارام ئالدۇرۇش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىماقچىمەن ، باشقۇرغۇچىلار خوشياقسا تەستىقلاپ قويا،(تاماكىنى پۇرقىرىتىپ چېكىپ يانتۇ ھالدا كومغا قارىغان چىراي ئىپادىسى)
يوللىماقچى بولغىنىم باشقىمۇ ئەمەس ، ئويلىغىدەك بولسام ، بىز كىچىك چاغلاردا ھازىرقىدەك كوم ھەم ئۈندىدار....قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرى يوق شارائىتلاردا نۇرغۇنلىغان نادىر كىنولار باركەنتۇق ،بەزىلىرىنى ھەتتا مەملىكەت خەۋەرلىرىنى تاقەت قىلىپ تۈگىتىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئېشىپ قالغان قىسىملىرىنى كۆرەتتۇق ،ھەم بەزى ئارتىسلارنىڭ شۇ فىلىمدە ياراتقان ئوبرازىرى بىزنى خۇددى شۇ فىلىمدە باردەك فىلىمنىڭ ئىچىگە باشلاپ كىرەلەيتتى .بەزى كىنولارنىڭ ۋەقەلىكىنى ئۇنتۇپ كەتكىنىمىز بىلەن فىلىمدە رول ئالغان كىشى ئىسىملىرى غۇۋا ئېسىمىزدە قالىدىكەن (بەلكىم سىلەرنىڭمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن) ،شۇڭا بەزى كىنولارنى ھەم بىز ياقتۇرغان فىلىمدە رول ئالغان كىشى ئىسىملىرىنى دېيىشسەك بەزى ئەسلىمىلىرىمىز ئېسىمىزگە كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ،ئەمسە مەن ئۆزەم يادىمغا كەلگەنلىرىنى دەپ باقاي ھە!
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى_ ئارزۇ (ۋاڭ يارۇ ، ۋاڭ خۇشىڭ ، لىيۇ موماي....قاتارلىقلار چىقىدۇ)
ياپۇنىيەدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق فىلىم _ۋاپادار ئايال (كائۇرى ، يۇشىتاكى سوكىچى.....)
مېكسىكىدا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى_ تۆھمەت _ئالھاندىرو گوليانا.....)
يەنە يېقىندا ھىندىستاندا ئىشلەنگەن كۆپ قىسقملىق فىلىم_سۈيقەست ۋە نىكاھ (كاجىل كاننانىڭ ئوبرازى بەك يارايدۇ ماڭا)
دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى _ئاچا سىڭىل سەپىرى . ئاياللار ئاي ئەمەس(كىشى ئىسىملىرى ئېسىمدە قالماپتۇ ،ئەمما ۋەقەلىكى ئازراق ئېسىمدە)
شياڭگاڭدا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق فىلىم _تىنىچسىز ھايات (ئاچاڭ ،ئارىن ، ئابىڭ...قاتارلىقلار، بۇ فىلىمگە ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ ھەممە قىسىملىرىنى تولۇق كۆرگىنىم ئېسىمدە)
سىنگاپوردا ئىشلەنگەن كۆپ قىسىملىق فىلىم_ئىنتىلىش ، تۈرمىدىكى غەزەپ....قاتارلىقلار ،
مەڭگۈلۈك چاقىرىق ،،،ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدا....دەپمۇ كىنولار بولىدىغان...........................................................................................................................................................................................................
ھەممىنى مەن يېزىۋەتمەي ،ئەمدى سىلەرگىمۇ ئازراق قالسۇن ھە ، يېقىنقى زامان كىنولىرى ھەم بۇرۇنقى ھەم كىلاسسىك كىنولار ھەم ياقتۇرغان ئوبرازلار توغرىسىدا بەھۇزۇر پەرۋاز قىلغايسەلەر ، قېنى مەرھەمەت!!!!!!!!!!
|
|
|
|
|
|