ئولتۇرۇپ ئاڭلىغاندا ئۈنىمى ئاز تولا بولىدىكەن ، ئورنىڭىزدىن قوپسىڭىز چۈشۈپ قالىدىكەن لىكسىيە دىگەننىڭ ئۈنىمى
مۇزتاغ مىھمانخانىسىدا 150 يۇەندىن 300 يۇەندىن ئىككى قېتىم لىكسىيە ئاڭلاپ ھاياجانلىنىپ بېسىمنى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرماقچى ، مىللى كارخانىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرمەكچى ، ئۆزۈمدىكى ۋە باشقىلاردىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ ......... ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئىش قىلماقچى بولدۇميۇ ئەمما ھاياجىنىم ئۇزۇنغا بارالمىدى .
كىيىن راۋان ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيەلەشتە دەرىس ئاڭلىدىم . شەنبە يەكشەنبە ئىككى كۈنلىكى 1200 يۈەن . دەرىسنىڭ ئۈنىمى لىكسىيەگە قارىغاندا ياخشى بولىدىكەن بولۇپمۇ بىزدەك مەكتەپتە جىق ئوقۇماي تىجارەت ۋە كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كەتكەنلەر ئۈچۈن .
كىچىك بىر دۇككاندىكى تۆت بەش بالىنى جايىدا ئىشقا سېلىپ ، ھىسابىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئوننەچچە يىل ئىلگىرىلا بارلىققا كىلىپ قېلىپلىشىپ بولغان شىركەت كارخانا ئەندىزىسىنى ئاڭلاپ بولغىچە ئون مىڭ يۇەندىن ئارتۇق پۇل خەچلەپ بوپتىمەن
ياخشى بىر ماركىتىڭ بولۇش ياكى تەربىلەشنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن مانچە پۇل ، بىر يىللىق كۆتۈرە دەرىس ئاڭلاش ئۈچۈن 20000 يۇەن يەنە بىر تۈرنى قوشسىڭىز 29000 يۇەن بىر يىلدا ئوتتۇز كۈن دەرىس ئاڭلايدىكەنسىز
شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرىسلەرنىمۇ ئاڭلاپ بولغىلى بولمىدى .
ئەگەر بىرەر كارخانىنى قۇرۇپ ھەر بىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسىڭىز مەسىھەت بىرىپ يول كۆرسىتىپ قويىدىكەن پۇلغا
ئەلۋتتە ھېلىقىدەك كارخا ياكى زاۋۇت ، شىركەت قۇرۇپ مەبلەغ ، ئادەم كۈچى ، بازر ، ئىشلەپ چىقىرىش ....ۋەھاكازا تەرەپلەردە قاتتىق قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىپ بېسىم ئاستىدا قالغاندا بۇمۇ بىر ياخشى ئىش ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن سىز ھېلىقى بېسىمنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ئىلگىرىلەپ كىتىدىكەنسىز. ئەمما پۇل دىگەنمۇ دەھشەت كىتىدىكەن
ئارىمىزدا قانداق مېڭىشنى بىلەلمەي شۇنداق مەسلىھەتچىلەرنى قۇرۇق قول كەلسە زاۋۇت كارخانىسىغا مانچە پىرسەنت شىرىك ئىتىپ مېڭىۋاتقانلارمۇ بار
بىر پۇلغا زاۋۇت قۇرسىڭىز مەسلىھەتكە بىر پۇل كىتىدىكەن
سىز قۇدرەت ياقۇپنىڭ بىرسائەتلىك دەرىستە ئۈگەنگەن بىلىمىنى لىكسىيەلەردە تۇمەن پۇلغا ئۆگۈنەلمەيسىز بىر يىل ئۆگەنگەن بىلىمىنى ...............
ئەگەر سىز نۆل نۇقتىدىن رادىل ئابدۇللادەك ھالغا يەتكىچە ياكى مايۇەن ۋە باشقىلاردەك ھالغا يەتكىچە ئگىلىك تىكلىگۈچىلەر كۇرسىدا ئۇقىسىڭىز مىسال ئارمان گورھىنىڭ پۇلى كىتىپ قېلىشى مۇمكىن
ئەگەر كارخانا ئىشلىرىدىن ئاتلاپ باج ئىشلىرى ، دۆلەت ئىقتىسادى ، خەلىقئارا ئىقتىسات .......قاتارلىق مەسىلىلەرگە ئاتلىماقچى بولسىڭىز
تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز
ئەمدى مەن بۇيەردە نىمە دىمەكچى
ئەڭ ياخشىسى مەكتەپتە بولسىڭىز ياخشى ئوقۇڭ . مۇشۇ قاتارلىق بىلىملەرنى ياخشى ئىگەللەپ ئۆزىڭىز يول ئېچىپ مېڭىڭ
ئەرزان توختايدۇ
ئەگەر مەكتەپتىن چىقىپ بىزدەك پاتقاققا پېتىپ بولغان بولسىڭىز بىزنىڭ كۈنىمىزگە قالىسىز