مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1300|ئىنكاس: 6

پۇشايمان قىلمايمەن!!!!!!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106910
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2014-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 05:13:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       پۇشايمان قىلمايمەن                                                                                     روھسان ئوقۇتقۇچى بولغىنىمغا پۇشايمەن قىلمايمەن!!!   
! چۈنكى  دوسلىرىمنى، ئۈزۈمدىن كىچىكلەرنى رەتلىك ئولتۇرغۇزۇپ، چوڭ دادامنىڭ دەرۋازىسىنى دوسكا ، ئۆستەڭ بۇيىدىكى قۇم ئارىسىدىن تېرىۋالغان سېغىزنى بور قىلىپ، «ئوقۇغۇچى»لىرىمغا «دەرس» ئۆتۈپ يۈرگەن ئاشۇ چاغلاردىلا «ئوقۇتقۇچى بولۇش» تىن ئىبارەت ئىستەكنىڭ بالىلىق قەلبىمگە سىڭىپ كىتىشى سەۋەپلىك مىنىڭ قەلبىمگە تولىمۇ ئۇلۇغ،تولىمۇ خاسىيەتلىك بۇ كەسىپنىڭ ئوتى تۇتۇشۇپ بولغان!!!  ئوقۇتقۇچى بولغىنىمغا پۇشايمان قىلمايمەن!!!   چۈنكى، ئاشۇ چەت-چۆرىسى تەكلىمىكان قۇملۇقلىرىغا تۇتۇشۇپ كەتكەن خىلۋەت سەھرادىكى كىچىكتىن تارتىپ چوڭغىچە ھەممەيلەن «شوجاڭ» دەپ ئاتايدىغان، كەسكىنلىكى،ھەققانىلىقى، توغرا ھەم ئۆتكۈر پىكىرلىكى بىلەن، ئۇرۇق- تۇققان، خوشنا-خۇلۇملارنىڭ شۇنداقلا مىنىڭ قەلبىمدە كەم-كۈتىسىز ئوبراز ياراتقان، ھەممە ئادەم ھېيىقىش،ھۆرمەت نەزىرىدە قارايدىغان مۆھتىرەم دادام ئاشۇ نەچچە سىنىپلىق كىچك باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىچىگە جايلاشقان ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا- مەكتەپنىڭ مەيدانىدا، يۇلتۇزلارجىمىرلاپ تۇرغان ئاسماننىڭ ئاسىتدا، بىز ئالتە بالىنى چۆرىسىگە يىغىپ ئولتۇرۇپ،  ئىبرەتلىك ھىكايەتلەرنى، سىرلىق چۆچەكلەرنى ئېيتىپ بىرىۋاتقان، ئۆزى سۆيگەن كەسىپ ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدىكى تولىمۇ ئورۇنلۇق،تولىمۇ قىممەتلىك يەكۈنلىرى  ئارقىلىق قەلبىمگە چوقۇم دادامغا، ئانامغا ئوخشاش ئوقۇتقۇچى بولىمەن، ئوقۇتقۇچى بولغاندىمۇ ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر ئوقۇتقۇچى بولىمەن دىگەن ئوتنى يېقىۋەتكەن ئاشۇ مىنۇتلاردا، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت ھالاۋىتى ئاز، ئەمما ئىنسانىيەتنى  يۈكسىلىش يولىغا باشلايدىغان بۇ پاكىز كەسىپكە بولغان ئىشتىياق مىنىڭ قەلبىمگە ئورناپ بولغان !!!!  ئوقۇتقۇچى بولغىنىمغا پۇشايمان قىلمايمەن!!!  چۈنكى مەن ئالىي مەكتەپكە، ئوقۇتقۇچى بولىدىغان كەسىپكە قوبۇل قىلىنىپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى ئۆتكۈزۋاتقان  ئاشۇ ۋاقىتلاردىلا، چوقۇم بىر مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولىمەن، ماڭا دەرس بەرگەن پالانى خانىمدەك، دەرس دىگەننى ئاجايىپ ئىسىل سۆزلەيدىغان ئاشۇ مۇئەللىمىمدەك ئوقۇتقۇچى بولىمەن دىگەن ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويغان ئاشۇ چاغلاردىلا، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ جاپاسى ھەم ھالاۋىتىگە قارتا كۆڭلۈمدە ئېنىق سان توختىتىپ بولغان ئاشۇ چاغلاردىلا، مىنىڭ ۋۇجۇدۇم ئاللىقاچان مۇنبەر بىلەن، خىيالىمدىكى ئوماق ھەم سەبىي بالىلىرىم بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ بولغان!!! ئوقۇتقۇچى بولغىنىمغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن!!!چۈنكى مەن ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنى باشلىغان ئاشۇ خاسىيەتلىك كۈندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە بېسىپ ئۆتكەن  ھاياتىمدا ماڭا نان بېرىۋاتقان، باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى قىممىتىمنى بەلگۈلەۋاتقان بۇ كەسىپنى تولىمۇ توغرا تاللىغانلىقىمنى ئىتىراپ قىلغان ھەر-بىر دەقىقىلەردە، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنىڭ خاسىيىتىنى، ئۇلۇغلۇقىنى، ساۋاپلىق ئەمگەك جەريانى ئىكەنلىكىنى  تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ يەتكەن ھەر-بىر دەقىقىدە، مىنىڭ بارلىق گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىم، قايغۇ-ئەلەملىرىم ئۈزۈم سۆيگەن ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن بىر تەن بىر جان بوپ كەتكەن!!!!     مەن ئوقوتقۇچى بولغىنىمغا پۇشايمان قىلمايمەن!!!!    چۈنكى مەن 21 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا ھەر قانداق ۋاقىتتا، ھەر قانداق جايدا ئۆز كەسپىمگە، مۇققەددەس مۇنبەرگە،ئەۋلاتلارغا يۈز كىلەلىگۈدەك ياشاشنى ئىستەپ كەلدىم. مەن ئوقۇتقۇچى بولغىنىمدىن پۇشايمان  قىلمايمەن!!!ئەگەر ھەممىنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلسىمۇ مەن يەنە ئوخشاشلا ئۈزۈم سۆيگەن ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمنى تاللايمەن. چۈنكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمدا يەكۈنلىگەن نۇرغۇن قىممەتلىك تەجرىبە-ساۋاقلىرىم مىنى مۇنبەردە چاقناش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟  مەن ئوقۇتقۇچى بولغىنىمغا پۇشايمان قىلمايمەن!!!!  چۈنكى ماڭا ئاتا كەسىپ بولغان بۇ كەسىپ مەن ئارزۇ قىلغان، ئارمان قىلغان، مەن سۆيگەن، مەن ئوتىدا كۈيۈپ، سۈيىدە ئېقىشقا ئىرادە قىلغان كەسىپ ئەمەسمۇ؟؟؟ مەرھابا 2015-يىل!!! ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەن بىر مۇئەللىمە غۇلىچىنى كەڭ كىرىپ ساڭا مەرھابا دەۋاتىدۇ!!!! ئۇنىڭ قەلبىدە يەنە يېڭى ئارمانلار يېلىنجاۋاتىدۇ!!!!               2014-يىلى 31-دىكابىر يوپۇرغا[ بۇ يازمىنى روھسان تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-12-31 05:24 PM ][ بۇ يازمىنى روھسان تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-12-31 05:25 PM ]
[ بۇ يازمىنى روھسان تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-12-31 05:27 PM ]

[ بۇ يازمىنى روھسان تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-12-31 05:30 PM ]

[ بۇ يازمىنى روھسان تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-12-31 05:30 PM ]

[ بۇ يازمىنى روھسان تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-12-31 05:35 PM ]

[ بۇ يازمىنى روھسان تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-12-31 05:48 PM ]

[ بۇ يازمىنى روھسان تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-12-31 05:48 PM ]


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106910
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 410
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2014-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 05:49:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈزۈم يازغاندا ئىملا توغرا ئەمما يوللىغاندىن كىيىن ئىملادا خاتالىق كۈرۈلۋاتىدۇ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10857
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 08:21:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردە ئازراق نورمالسىزلىق بارمۇ قانداق.........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ھاجىئەكبەر ئەزىز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101060
يازما سانى: 287
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 825
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2013-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 08:30:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 08:21 PM
مۇنبەردە ئازراق نورمالسىزلىق بارمۇ قانداق.........

تىلفوندا يىزىپ كومپىيوتىردا يوللىسا شۇنداق بولاتتى

يامان كۈنلەر ياخشى بولۇر بىر زامان
يامان ئادەم ياخشى بولماس ھەر زامان
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101369
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2013-12-26
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
www.alnure.com  ئەلنۇرى مۇنبىرى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:25:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولغىنىمغا پەقەت پۇشايمان قىلمىغان،باشقىچە تاللاش بوپ قالسا يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىقنى تاللايتىم....

ئوقۇتقۇچىلىق مەن سۆيگەن ،ماڭا نان بېرىۋاتقان،مېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان كەسپ،ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ‹‹خانىم››دېگەن ئاۋازى يۈرىكىمنى تىترىتىدۇ....

بىراقزە ئۆتكەندە يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىك مېنى ئوقۇتقۇچى بولغىنىمغا سەل ئۈمىدسىزلەندۈردى-يۇ، دەرھاللا ‹‹بولدىلا مەكتەپ بىرلا ئادەمنىڭ مەكتىبىمىدى؟مەن بىر ئادەم ئۈچۈن ئىشلەمتىم››دەپ،دەرھال ئەسلىمگە كېلىۋالدىم.......


ياخشى يېزىپسىز،بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى تۆكۈپسىز............

يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن كەسپدىشىم.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-31 11:43 PM  


مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109010
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 472 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:36:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  بەكلا ياخشى تىما يوللاپ سىز...........

يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن...........

يېڭى يىلدا يېڭىچە نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭىزگە تىلەكداشمەن قېرىندىشىم

بىز شۇنچىلىك ياسالما غورۇرلۇق بولۇپ كېتىپتۇق، كۆز ئالدىمىزدىكى ناھەقچىلىككە قاراپ تۇرىمىزيۇ باشقىلارنىڭ گېپىدىن ئەنسىرەپ ئۆزىمىز ياقتۇردىغان ئىشنىمۇ قىلالمايۋات
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش