|
|
|
|
ھەجەپمۇ يۈرۈپ كەتتم بوينۇمنى قىسىپ،
تاپالمىغاچ ھەق يارەننى ئالەمنى كىزىپ.
ھەسرەتتىن ئۆرتىنەر ئۈشبۇ يۈرەك ھەر كېچە،
بەخىت كۈيى باقمىغاچ دەرىزەم چىكىپ.
دۈشمەنلەر بۇھالىمدىن كۈلسە قاقاقلاپ،
خەيىر دىدىم پەرۋاسىز ئۈتۈپ كەتتىم.
سۆيگەنلەر تۇيدۇرماي قىلسا خىيانەت،
ئىشەنمەي ئۆز ئۈزۈمگە كۈلۈپ كەتتىم.
يەلكەمنى باسقاندا ئازاپنىڭ شۇ تاغلىرى،
ئۇھسىنىپ لىۋىم چىشلەپ تۇرۇپ كەتتىم.
خاتا باسقان قەدەملىرىم قىلغاندا بىھۇش،
ئويغۇنالماي يۈزلۈرۈمگە ئۇرۇپ كەتتىم.
يۈرەكىمدە مىھىردىن بولمىغاچ دېرەك،
چۆلدە قالغان دەرەخ كەبى قۇرۇپ كەتتىم.
كۈن تۈنلەردە بۇلبۇل گويا خەندان ئۇرۇپ،
مۇھەببەتنىڭ دىۋانىسى بۇلۇپ كەتتىم.
ئالدانساممۇ ئاھ ئۇرمايمەن ئۆزەمنىڭ شورى،
شۇڭا ھىچبىرلىرىگە ئىشەنمەس بۇلۇپ كەتتىم.
كۆزى ئۇچۇق كور ئىكەن بەزى كىشىلەر،
شۇڭا بىلگىن ئاچچىق ھېسقا تۇلۇپ كەتتىم.
ھەسەن ياسىن شەمشىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-1 05:09 PM
|
|
|
|
|
|