مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 442|ئىنكاس: 4

ئالتۇن سودا تەھلىلى ۋە ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى 12-30 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 07:07:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1195.9 دوللار  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1203.46    دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى1170.78 دوللا ر  بازار يېپىلىش باھاسى 1196.1      دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى  90.29 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى   1189   دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

تۈنۈگۈن ئامېرىكا ۋاقتىدا دوللار كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلەپ 8 يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى ، دوللار كۆرسەتكۈچ ئۆسۈپ پۈتۈن مالىيە بازىرىنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىگەن . بۈگۈن ئاسىيا ۋاقتىدا بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بىر قەدەر ئاز بولۇپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى چەكلىك بولىشى مۇمكىن دەپ مۆلچەرلىگەن . ياۋرۇپا ۋاقتىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئەنگلىيە Nationwide ئۆي باھا كۆرسەتكۈچ سانلىق مەلۇماتى ، بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئالتۇن كۈمۈش باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك يۆلىنىشىگە تەسىر ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن . بۇندىن باشقا ئىتالىيە سودا ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ۋە PPI سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ ، ئەگەر ياۋرو رايونى مەلۇماتى ئاجىز بولسا دوللار كۆرسەتكۈچ تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىڭ تەۋرىنىشى 1189-1180    دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسىنىۇ تەۋرىنىشى سۇس بۇلۇپ كىچىك كرلەشنى ئاساس قىلدى .
2. چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا ئاۋاپ كۈزىتىپ  1192 دوللار دىن ئىشىپ كىتەلمىگەن ئەھۋالدا چۈشۈشكە ئىلىپ زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى  1180-1180   دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .

3. ياۋرۇپا  بازىرىدا  1178-1180  دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە  ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1190   دوللار نىڭ يۇقىرىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .

4. كەچلىك ئامىرىكا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1178 دوللاردىن چۈشۈپ كەتسە 1170-1168 دوللارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ . بۈگۈن مۇھىم سانلىق ئۇچۇر يۇق ، نۆۋەتتە مۇھىم تۇردىغىنى يىللىق سىزىق بىلەن ئايلىق سىزىقنىڭ يىپىلىش ۋە بۇ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىندىغان غەيرى يىزا ئىگىلىك قىممتى . ئالتۇن باھاسى 1200 دوللارنىڭ يۇقىرىدا مۇقىم تۇرمىغىچە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش بوشلۇقى ئىچىلمايدۇ .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1200 1193
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار  1178 1168

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1195-1173
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1168
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1200

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .





   

گرېتسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى



     گرېتسىيە زۇڭلى سامارادېس كۆرسەتكەن نامزاتى  Stavros Dimas 3 - قېتىملىق زۇڭتۇڭ چوڭ سايلىمىدا يېتەرلىك بولغان ئاۋاز سانىغا يېتەلمىدى ،     گرېتسىيە  10 كۈن ئىچىدە پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىشى كېرەك ،  كېيىنكى 30 كۈندە مەملىكەتلىك چوڭ سايلىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۇيۇشتۇرىدۇ . گرېتسىيە 3 - قېتىملىق زۇڭتۇڭ چوڭ سايلىمى مەغلۇپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن ياۋرو تۆۋەنلىگەن ، دوللار كۆرسەتكۈچ يۇقىرى ئۆرلەپ 2006 - يىلى 4 - ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ 20 دوللار تۆۋەنلەپ 1179.00 دوللارغا چۈشۈپ قالغان .

ئەسكەرتىش :
نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 234.64 يۈەن ؛
كۈمۈش باھاسىنىڭ خەلق پۇلدىكى باھاسى گىرامى 3.14 يۈەن ؛
1ئۇنسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ ؛





2015 - يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 3 چوڭ ئامىل


      1 . دوللارنىڭ ئەمەلىي پايدا نىسبىتى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن ؛
      2 . پۇل پاخاللىقىنىڭ كاساتلىشىشى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئالتۇن باھاسىنى ئىنتايىن چوڭ بېسىمغا ئۇچراتقان ؛
      3 . ئەڭ مۇھىم ئامىل بولسا مەركىزى بانكىنىڭ پۇل سىياسىتى ؛ شۇڭا 2015 - يىلى ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن .





گرېتسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى مەغلۇپ بولۇپ دوللار قايتىدىن ئۆرلەپ 8 يېرىم يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتتى


          12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، گرېتسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى مەغلۇپ بولۇپ ، دوللار كۆرسەتكۈچى يۆنىلىشى قايتىدىن ئۆرلەپ 8 يېرىم يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتتى ، ياۋرو يۆنىلىشى تۆۋەنلەپ يېقىنقى 30 ئايدىكى يېڭى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلەپ ، خەلقئارا خام نېفىت باھاسىمۇ تۆۋەنلىدى ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرى ياخشىلاندى ؛ بۇ سودا كۈندە ياۋروپا رايونى PPI سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولدى .
        كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، گرېتسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمى تەسىرىدە ياۋرو بېسىمغا ئۇچراپ تۆۋەنلىدى ، شۇ سەۋەپتىن نەخ ئالتۇن باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى ، ئامېرىكا پاي چېكى ۋە دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆرلەپ يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبىدىن قەرەللىك ئالتۇن باھاسىمۇ چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى .
     لىۋىيە ۋەزىيىتى تەلەپ ۋە تەمىنلەش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئامېرىكا خام نېفىت باھاسى چوڭ ئاساستا تۆۋەنلىدى .





2015 - يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىي تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى شەكىللەندۈرىدىكەن


         12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭگو دۆلەتلىك ئۇچۇر مەركىزى ماكرو ئىقتىسادىي فورماتسىيە تېما گۇرۇپپىسى ئىلان قىلغان دوكلاتىدا بايان قىلىشىچە ، 2015 - يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىي ھازىرقىدەك مۇقىم ھالەتتىن ئاستا-ئاستا تۆۋەنلەش يۈزلىنىشىنى شەكىللەندۈرىدىكەن ؛ مۆلچەرلىنىشىچە ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 7% ئەتىراپىدا ئاشقان بولۇپ ، سىياسەت جەھەتتە مالىيە سىياسىتى ۋە مالىيە قىزىل رەقىمىنى كېڭەيتىشكە مۇۋاپىق كەلگەن ؛ دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ يىل جۇڭگو GDP 7.3% ئەتىراپىدا ئاشقان ، ئاھالە ئىستېمال كۆرسەتكۈچى (CPI) 2.0% ئەتىراپىدا ئۆرلىگەن ، ئېكسپورت كېلىشكەندىن 6% ئاشقان ؛ 2015 - يىلى CPI ئۆرلەش ئاساسى 2% دائىرىسىدە مۆلچەرلەنگەن  ، ئېكسپورت ئىشىش سۈرئىتىنى 7% ئەتىراپىدا يۇقىرى كۆتۈرۈش مۆلچەرلەنگەن ؛





دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولغان ئامىللار


        12 - ئاينىڭ 29 - كۈنى نيۇ يورك ۋاقتىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى يەنە ئۆرلەپ 8 يېرىم يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتتى ؛ دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ چوڭ ئاساستا ئۆرلىشى پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيىسىگە ئايلاندى ؛ ئامېرىكا ئىقتىساد سېستىمىسىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئاجىزلاشقان ئەھۋال ئاستىدا ، ئامېرىكا ئقتىسادى ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك ھالىتىنى ساقلىشى مۇمكىن ؛ تەھلىل قىلغۇچىلارنىڭ قارىشىچە ، تۈنۈگۈن دوللار كۆرسەتكۈچىنىڭ كۈچيىشىدىكى كونكرېت سەۋەب ، ئامېرىكا مۇھىم ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ئىلان قىلمىغان ، ھەم چوڭ ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن ، شۇڭا دوللارنىڭ كۈچىيىشىگە ئاساسلىقى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى كەيپىياتىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە دوللاردىن باشقا پۇللارنىڭ ئاجىزلىشىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەپ بولدى .





دوللارنى خەلق پۇلغا ئالماشتۇرۇش باھاسى 6.1224 يۈەن بولۇپ 19 نۇقتا يۇقىرىغا يۆتكەلدى


          جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى 2014 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، دوللارنى خەلق پۇلغا ئالماشتۇرۇش پېرېۋوت باھاسىنىڭ بۈگۈنكى ئوتتۇرچە باھاسى 6.1224 يۈەن بولۇپ ئالدىنقى كۈندىكىدىن 19 نۇقتا يۇقىرىغا يۆتكەلگەن ؛ ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى ئوتتۇرچە باھاسى  6.1205 يۈەن ، بازار يېپىلىش باھاسى 6.2218 يۈەن بولغان ؛
جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغاندىن بانكىلار ئوتتۇرسىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى باھاسىنىڭ ئايلىنىشى :
       1دوللار 6.1224 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولدى ؛ 1 ياۋرو 7.4640 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.0953 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.78917 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ  9.5250 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى 4.9958 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.7819 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛  سىنگاپور دوللىرى 4.6381 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان  ؛ 1 كانادا دوللىرى 5.2607 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.56724 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان  ،  1 يۈەن خەلق پۇلى 9.5926 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.6742 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3739 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .

ئەسلى مەنبە : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 07:17 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5677
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 11:25:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئالتۇن 200 يۇەنگە چۈشەلمەيلا كىتىۋاتىدۇيا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 11:11:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 11:25 PM
بۇ ئالتۇن 200 يۇەنگە چۈشەلمەيلا كىتىۋاتىدۇيا...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ يېقىنقى مەزگىللەردە تەھلىلچىلەر ئالتۇن باھاسىنى 2015 - يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاجىزلىشىپ ، كېيىنكى يېرىمىدا كۈچىيىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتمە بەرگەن  ؛
بۇنىڭدىن باشقا يەنەئامېرىكىنىڭ 2014 - يىللىق ئوتتۇرچە ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتى ۋە غەيرى يېزا ئىگلىك سانلىق مەلۇمات قىممىتىنى 2015 - يىلى 1 - ئايدا ئىلان قىلىدۇ ، مۇشۇ ئارقىلىق ئالتۇن باھاسىنىڭ 2015 - يىلدىكى دەسلەپكى يۆنلىشىنى بىلگىلى بولىدۇ ؛
دوللار كۆرسەتكۈچى ئۇدا يۇقىرى ئۆرلەپ 8 يېرىم يىلدىكى يۇقىرى نۇقتىنى بۆسۈپ ئۆتتى ، 2015 - يىلى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن ، مۇشۇنداق بولغاندا ئالتۇن باھاسى يەنە ئاجىزلىشىدۇ ، چۈنكى دوللار كۈچەيسە ئالتۇن باھاسى ئاجىزلىشىدۇ .
سىز ئالتۇن سېتۋالماقچىمىدىڭىز ياكى  ساتماقچىمىدىڭىز ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78585
يازما سانى: 1232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5677
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-31 01:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېتىۋالماقچى ئىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110642
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2014-10-15
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2015-1-2 12:06:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
turmux.net يوللىغان ۋاقتى  2014-12-31 01:56 PM
سېتىۋالماقچى ئىدىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز ؟ نەخ ئالتۇن سېتۋالماقچىمۇ ياكى زىبۇ-زىننەتمۇ ؟
ئەسكەرتىش : ئەگەر مۇشۇ پەيتتە مەيلى قايسىسىنى سېتۋالماقچى بولسىڭىز مىنىڭ تەۋسىيەرىم ھازىرچە سېتۋالماي تۇرغىنىڭىز ياخشىمىكىن دەيمەن ، چۈنكى ھازىر بازارنىڭ يۆنلىشى مۇقىم ئەمەس ، بىردەم ئۆسۈپ بىردەم تۆۋەنلەۋاتىدۇ ؛ ئەگەر باھاسى چۈشكەندە سېتۋالماقچى بولسىڭىز مىنىڭچە يەنە بىر مەزگىل ساقلاپ تۇرۇڭ ؛
ئامېرىكىنىڭ 2014 - يىللىق ئوتتۇرچە ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتى ۋە غەيرى يىزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇمات قىممىتى 1 - ئايدا ئىلان قىلىندۇ مۇشۇ سانلىق قىممەتلەرگە ئاساسەن ئالتۇن باھاسىنىڭ بۇنىڭدىن ئۆرلەش ، تۆۋەنلەش ئەھۋالىنىڭ دەسلەپكى يۆنلىشىنى بىلگىلى بولىدۇ  ؛ چۈنكى ئامېرىكا ئىقتىسادى ئالتۇن باھاسىغا  تەسىر كۆرسىتىدىغان   ئەڭ ئاساسلىق ئامىل  ؛
قانچىلىك سېتۋالماقچى ئىدىڭىز ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyaltun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-1-2 12:09 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش