مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3013|ئىنكاس: 26

2014- يىلىدىكى ھۆل قەغەز ساتىدىغان بالىلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نىيازى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45569
يازما سانى: 826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9948
تۆھپە نۇمۇرى: 935
توردا: 3539 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 04:34:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 R8 k1 `6 [. v+ J3 C

گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى

ھۆل قەغەزنىڭ 1- ۋارىقى

ئۈرۈمچىنىڭ قىشى بۇ يىل كېچىكىپ كەلدى. قارمۇ ئانچىكىم ياغالمىغانلىقتىن، ئىككى ھەپتە بۇرۇن ياغقان قار ھازىر مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشى بىلەن قارامتۇل رەڭگە كىرىپ، قارىغان ئادەمنىڭ ئىچى ئېلىشقۇدەك ھالەتكە كېلىپ قالغانىدى. بۇ مەنزىرە ئاپئاق لىباستىن تون كىيگەن دەپ تەرىپلەپ كېلىۋاتقان شۇ گۈزەل قىشقا ئەسلا ماس كەلمەيتتى. ئەمما يېڭى يىل ھارپىسىدىكى قاتتىق سوغۇق جاندىن ئۆتكىدەك بولۇپ، ھەممە ئادەم دۈگدۈيۈپ ئۆيلىرىگە چاپاتتى.

-      ئاپئاق ئاچا، ئىككى تال ئېلىۋېلىڭ، ئىككىسى بەش كويچەن، شېكەر ئاچا، ناۋاتتەك تاتلىق ئاچا، بۇلبۇل خانىش ئاچا، دۇنيا گۈزىلى ئاچا، ئىككى تاللا قالدى، ئېلىۋېلىڭە بەش كويچەنگىلا بېرىۋېتىمەن. ئوماق ئاچا، گۈزەل ئاچا....

ئەمدىلا بەش ياش چامىسىغا ئۇلاشقان بۇ ئوماق بالىنىڭ ئېغىزىدىن خۇددى تىزىۋالغاندەك كەينى كەينىدىن چىقىۋاتقان ماختاشلارغا قاراپ ھەيران قالدىم، ئەتراپتىكىلەر كۈلۈشتى. يىگىرمە مېتىرچە ئارىلىققا ئالدىمنى توسۇپ، كەينىچە مېڭىپ كېلىۋاتاتتى. بوپتۇلا، تىلەمچىگە بەرسەممۇ بېرىمەنغۇ، ئالاي ئىككىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ ھۆل قەغەزدىن مۇشۇ بالىغا قالىدىغان پايدىسى بىر يۈەن بولسىمۇ، شۇنچە جاپادا قەھرىتان سوغۇقتا باشقىلارغا شېرىن شېكەر سۆزلەرنى ياغدۇرۇپ ساتماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس!

     ھۆل قەغەزنىڭ 2- ۋارىقى

كونسۇل كوچىسىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان، گۈلبەشېكەر تائام رەستىسىدە ھەر كۈنلۈكى ئادەم شۇنداق كۆپ، بىز بارغىنىمىزدا دائىملا مىڭ تەسلىكتە ئورۇن تاپىمىز. بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق بولدى، ئوتتۇرىلىقتا تۆت كىشىلىك ئورۇن بىكار بولۇشىغىلا يۈگرۈپ بېرىپ ئىگەللىۋالدىم. بولمىسا، مەندىن چاققان چىقىپ كېتىدىغانلار بولسا، بىز يەنە قۇرۇق قالاتتۇق-دە!

يەپ كېتەلمەيدىغىنىمىز ئايان، ئەمما كۆزىمىز ئاچلىق قىلىپ جىقلا نەرسە بۇيرىتىۋاپتىمىز. تاماقلار چىقىپ بولۇشىغا، بىر مەكتەپ يېشىدىكى بالا قولىغا بىر مۇنچە ھۆل قەغەزنى كۆتۈرۈپ يېنىمىزغا كەلدى.

-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە، ئېۋىلىڭە ئاچا... ھازىرلا لازىم بولۇپ قالىدۇ...

  يېنىمدىكى دوستۇم ئۇ بالىنى گەپكە سالماقچى بولدى:

-      قانچىدىن سېتىۋاتىسەن؟

-      ئىككىسى بەش كوي ئاچا.

-      نېمانداق قىممەت ساتىسەن؟ دۇكانغا كىرسە بىر كويدىن ساتىدۇغۇ بۇنى؟

-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە...- ئەمدى بۇ بالا ماڭا قاراپ يېلىنغىلى تۇردى.

-      مەن بايىلا پەستىن مۇشۇنداق سېتىۋاتقان بالىلاردىن ئىككىنى ئېلىۋالغان ئىدىم. يەنە ئالسام، ھېلىلا يەنە باشقا بالىلار كەلسە، ئۇلاردىنمۇ ئالسام، ئاندىن مەن بېرىپ دۆڭكۆۋرۈككە ياكى ئوغۇزغان يەر ئاستى بازىرىنىڭ پەلەمپىيىدە ئولتۇرۇپ ساتسام بولىدۇ. شۇڭا باشقىچىرەك ئامال قىلاي!

-      تاماق يېدىڭمۇ؟ قورسىقىڭ قانداق؟

ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ، سوئالىمغا جاۋاب بەرمەي، يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە...-كۆزلىرىدىن شۇنداق بىچارىلىك چىقىپ تۇرىدىكى، قارىغانلىكى ئادەمگە خۇددى، شۇ بىر خالتا ھۆل قەغەز بىر قانچە جاننى قۇتۇلدۇرىۋالىدىغاندەك، ئۇنىڭچە بولسا ئالىيجاناپ بىر كەسپنى قىلىۋاتقاندەك تەسىر بېرەتتى.

-      چوڭلار گەپ قىلغاندا، جاۋاب بېرىش كېرەك. قورسىقىڭ ئاچمۇ توق؟- سەل قاپىقىمنى تۈرۈپ، سورىدىم. ئۇ:

-      مەن تېخى تاماق يېمىدىم، سېتىپ بولسام، قايتىپ يەيمەن.

-      ئەمسە، بۇ ياقتا ئولتۇرە، ماۋۇلاردىن يېگىن!- ئۇنى تارتقۇچلاپ ئولتۇرغۇزدۇم. ئالدىغا توخۇ پاچىقى، پىسا قاتلىمىسى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى قويۇپ قويدۇم. ئۇ بىردەم ئولتۇرىۋەتكەندىن كېيىن، تارتىنىپقىراق يېيىشكە باشلىدى.

  ئەمدى ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدىم. پوسمىسىنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ ھەم كىر پىشىپ، تونۇغۇسىز بىر رەڭگە كىرىپ قالغان بولۇپ، ئوڭ قۇلىقى تەرەپ قاقچىلىك چوڭلۇقتا تۆشۈك ئىدى. شۇنداقتىمۇ چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان پوسمىسى ئاستىدىن يوغان قارا كۆزلىرىدىن نە كىچىك بالىلارغا خاس سەبىيلىك چىقسۇن؟!

   ئۇنىڭ ئائىلىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يېتەلمەيتتىم. بەلكىم، ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن شۇنداق سودا قىلىۋاتقان بولسا كېرەك، ياكى بولمىسا، ئاتا-ئانىسى يوقتۇ...

-      ئۇكام، ئۆيۈڭلار نەدە؟

-      مەشق بازىسى تەرەپتە،- ئۇ قولىدىكى توخۇ پاچىقىنى غاجاپ تۇرۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:

-      ھېلىقى ساقچى مەكتەپ باغۇ؟ شۇنىڭدىن ئۆتىمىز.

-      ھە، ئۆيۈڭلاردا قانچە ئادەم بار؟ نېمىش قىلىدۇ؟

-      دادام، بىزگە ھۆل قەغەزنى توپ بازاردىن ئەكىلىپ بېرىدۇ، ئىنىم ئىككىمىز ساتىمىز. دادام-ئانام باققالچىلىق قىلىدۇ.

ئەسلى مۇنداقكەندە، ئەمما، بۇ بالا ئوقۇش يېشىغا ئاللىبۇرۇن توشۇپ بوپتۇ. ئوقۇماي مۇشۇنداق ھۆل قەغەز سېتىپ قاچانغىچە ئۆتىدۇ؟ كىچىك ۋاقتىدىغۇ باشقىلار ئىچ ئاغرىتىپ ئالسۇن، ئون ياشتىن ئاشقاندا، باشقا ئىش قىلاي دېسە، نېمە ئىش قىلالايدۇ؟ ئوقۇمىغان ئادەم بۇندىن كېيىن قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟!

  ھۆل قەغەزنىڭ 3- ۋارىقى

  ئەتىياز پەسلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئوبدانلا يامغۇر يېغىپ ئۈرۈمچىنى پاك پاكىزە يۇيىۋەتكەنىدى. شەھەرنى يۇيغان شۇ يامغۇر سۈيى، كىشىلەر قەلبىدىكى شۇ كىرنى ھەم يۇيىۋەتكەنمىدۇ؟ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق قەلبىدەك غۇبارسىز بولۇپ قالغانمىدۇ؟

   يەنئەن يولى شىنخۇا كىتابخانىسى كەينى يەنى ھەرەمباغ كەينىدىكى ئاباد ساماۋەر شورپىخانىسىدا ئادەم قايناپ كېتىپتۇ. مۇشۇ ئادەملەر توپىدا، قازاندىن چىققان ئاچچىق ئارىلاش ھور ئارىسىدىن مېنىمۇ كۆرەلەيسىز. يامغۇر ياغقان كۈنلىرى بىز تۆت دوست ساماۋەر شورپىسى ئىچكىلى كېلەتتۇق. بۈگۈنمۇ شۇنداق ھۇزۇر بىلەن تەرلەپ پىشىپ يەۋاتساق، يەنە شۇ ھۆل قەغەز ساتىدىغان بالىلار كىرىپ كەلدى. تۆت بالا تەڭ كىردى-دە، بىر بىرىگە رايون بۆلۈشىۋېلىپ، ئەڭ كىچىك بىرى بىز تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە، ئاكا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە...

ياندىكى ئۈستەلدىكىلەر قازاق مىللىتىدىكى ياشلار بولۇپ، ئۇ بالىنىڭ گېپىنى چۈشەنمىگەندەك، قارىماي ئولتۇراتتى. ئۇ بالا بولسا، قازاق ئىكەنلىكىنى ئۇقمامدۇ ياكى چۈشىنىدۇ دەپ قالدىمۇ، ئەتىمالىم، بايىقى سۆزىنى تەكرارلاۋەردى. بۇ چاغدا، قازاق يىگىت، بۇ بالىنىڭ قولىدىكى قەغەزدىن بىرنى ئېلىپ، ئۈچ يۈەن پۇل تەڭلىدى.

-      ئىككىنى بەش كويغا بېرەتتىم ئاكا، ئىككىنى ئېۋىلىڭە.

-      بولدى، قويساڭشې. ئېككې جارىم يۋانغا بىر قالتا بېر!

-      ئاكا، ئىككىنى ئېۋىلىڭە.

-      ساتاسىڭبا، ساتمايسىڭبا؟!

شۇنداق قىلىپ، بىرنى ئاران سېتىپ، پۇلىنى يانچۇقىغا سالدى-دە، بىزنىڭ ئۈستىلىمىزگە يېقىنلا بولغان ئۈستەل تۈۋىدە توختىدى. بۇ ئۈستەلدە ئوتتۇز ياشلار چامىسىدىكى ئالتە ئايال ئولتۇرغان بولۇپ، قارىماققا قاتار چاي سورۇنىدەك قىلاتتى.

-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېلىۋېلىڭە، ئىككىسى بەش كوي. بەشنى ئون كويغا بېرىمەن، مۇشۇ بەشلا قالدى.

-      ھەي، سەن نېمىش قىلىۋاتىسەن بۇ يەردە؟ - تۇيۇقسىز بىر ئايالنىڭ ھەيرانلىق بىلەن يۇقىرى ئاۋازدا دېگەن بۇ سۆزى ھەممەيلەننى ئۆزىگە قاراتتى. بىچارە كىچىك بالا جايىدا تۇرۇپلا قالغانىدى. ئايالنىڭ يېنىدىكىلىرى نېمىش بولغانلىقىنى ئاڭقرالماي، ئايالدىن سورىدى:

-      نېمە بولدى ئاداش؟ تونۇمسەن بۇ بالىنى؟

-      ۋاي، بۇ بىزنىڭ ئىشخانىدىكى كېرەمنىڭ ئوغلى، دادىسى ئۇقمايدۇ بالىسىنىڭ بۇنداق سودا قىلىپ يۈرگىنىنى!

گەپنىڭ ئايىقى چىقىپ بولغۇچە، ھۆل قەغەز ساتقۇچى بالىلار دۈررىدە يۈگرۈپلا قېچىپ كەتتى. ھە، ئەسلى راستكەندە! ئۇ ئايال، توختىماي سورۇندىكىلەرگە سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى، سۆزلىگەنسېرى ئاچچىقلاپ كېتىۋاتاتتى. ئاتا-ئانىسىدىن بىسوراق شۇنداق سودا قىلىۋاتقان بالىلارمۇ ئاز ئەمەسكەن.

  ھۆل قەغەزنىڭ 4- ۋارىقى

  خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئاۋاتلىقى يەنە شۇ ئاز ساندىكى ساياھەتچىلەردىن باشقا، كۆپ ساندىكى ئېلىم-سېتىمنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىدىن ئايرىلالمايدۇ.

-             سەككىز ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىككى ئوغۇل بالا، قولىغا ھۆل قەغەز سېلىنغان خالتىنى كۆتۈرگەن پېتى، يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ئېسىلىپ، سودىلىق قىلىشقا ئۇرۇناتتى. ئۇلار بىلەن قارشى يۆنىلىشتە كېلىۋاتقاچقا، بىردەمدىلا يېنىمدا ئۈنگەن بۇ ئىككى شاكىچىككە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى بىلەلمىدىم. ئىككىسى ئىككى تەرەپتىن قولۇمغا چىڭ ئېسىلىۋالدى، شۇنچە يۇلقۇنۇپمۇ قولۇمنى بوشىتالمىدىم:

-      ئاچا، ھۆل قەغەز ئېۋىلىڭە، مېنىڭكىنى ئېلىڭە، مېنىڭكىنى ...

-      مەن ئەرزان بېرىمەن، ئاچا، مېنىڭكىنى ئېلىڭە...

مەن ئۆزۈمچە، بۇلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر ئەقىل ئويلاپ تاپتىم:

-      ھەي، مەن سېنىڭ داداڭنى تونۇيمەن جۇمۇ، ھۆل قەغەز سېتىپ يۈرگىنىڭنى داداڭغا دەپ قويىمەن!

-      ھە شۇنداقمۇ؟ ئەمسە دەپ بېقىڭە، دادىسىنىڭ ئىسمى نېمە؟ ھەي! خان، دەپ بېقىڭە!

بۇ كىچىككىنە بالىلارنىڭ ئۆزىدىن ئون نەچچە ياش چوڭ ئادەمنى «خان» دەپ ئاتىشى، ھەم تەڭتۇتەڭ ئېغىز غېرىچلاپ «شوخلۇق» قىلىشى ھەيرانلىقىمنى قوزغاتماستىن، ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ قويدى. يۈگرىگەن پېتى، ئۇدۇل كەلگەن بىر دۇكانغا كىرىپ كەتتىم-دە، ئۇلارنىڭ يىراقلاپ كېتىشىگە ئۇدۇللاپ چىقتىم. كەينىدىن قارىغۇدەك بولسام، ئالدى تەرەپتىن كېلىۋاتقان بىر قىزغا بايا ماڭا قىلغان سۆزلىرىنى قىلىپ چاپلىشىۋاپتۇ. ئۇ قىزمۇ قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي، ئەتراپقا قاراپ ياردەم تەلەپ قىلغاندەك يۇلقۇنۇپ تۇراتتى....

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: F. w& n- F9 h8 @6 I
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% i: k, R- ~1 ^2 t7 w$ `3 L

كېلىسەن قولۇڭدا قەغەز، قاردا ھەم شىۋىرغاندا،

ئۇچىسەن جۇد بوراندا، كۆيىسەن ھەم پىژغىرىمدا.

نە ئالۇر كىشىلەر سەندىن جۈپ ساتقان ھۆل قەغەزنى،

چاپلاشساڭ ئىتتىرىپ يۈرەر بەش سوم دەپ ئېيتقىنىڭدا.

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& u4 L) \5 {3 j9 u

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ p0 s% i$ H. J6 k& z9 L0 t: y) T2 E

ئاھ،ساتماق ئۈچۈن ھۆل قەغەز، تاتلىق تىلى چىققانمۇ؟

سەبىيلىكتىن ئەسەر يوق، دۇنيا غېمىدە قالغانمۇ؟

ئەقلى توشۇپ يۈرەر ئىدى، مەكتەپ قوينىدا بولسا،

ۋەسىيدىن سوراي بىر سۆز، سودا ئۈچۈنلا تۇغقانمۇ؟

                                                   2015- يىلىغا ئىككى كۈن قالغان ۋاقىت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ab8ob8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 04:35 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ i* B1 R  Y* s" ?4 bبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 C' J4 Q' d, ~

نىيازى يازمىلىرى جەمگاھى «پەرىشتە كوچىسى 123-نومۇر» malak8814 ئۈندىدار سالونى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3898
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 05:02:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە گەپ ھۆل قەغەز دىگەن ؟؟؟؟

www.begmurad.wix.com/yaqupjan

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 230
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9519
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 374 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 05:30:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bagmurat يوللىغان ۋاقتى  2014-12-30 05:02 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: T( y1 F# G1 H# D3 T( s9 ~7 K
نىمە گەپ ھۆل قەغەز دىگەن ؟؟؟؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! j( e2 h; ?; w5 @. M
湿巾

تاۋارىم سودا تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاۋات سودا تورى
http://tawarim.com/
تاۋارىم تورسودا سۇپىسدىن مال سېتىۋېلىشتا قىينالسڭىز 497499634 نومۇرلۇق ئۈندىدار ياكى كيۇكيۇنى قوشۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109182
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 641
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-8-15
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 05:31:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلىرىدا ھەرخىل كەسىپ ، ھەرخىل سودا بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان نۇرغۇن ئۆسمۈرلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ ... ھەقىقەتەن ئېھتىياجلىقمۇ ياكى مەجبۇرمۇ ۋە ياكى قىزىقىشمۇ ... بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ .....
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 U7 ?' G; Y+ h3 F, sقارىسا ئادەمنىڭ بەزىدە ئىچى سىيرىلغان بىلەن - بەزىدە نەپرىتى كېلىپ قالىدۇ ...ھەي ي ي ي ي ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4960
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1777 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 06:15:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ دائىم ئۇچرىتىم بۇ كىچىك سودىگەرلەرنى .ئۇلارنىڭ چىرايىڭى بىزنى،سىزنى ئالدىيالايدۇ.بەلكىم راسلا ئائىلە قىيىنچىلىقتىن مەجبۇر بولغاندۇ لىكىن .شۇنچە كۆپ بالىنىڭ ئوخشاش بىر تەقدىردە بولىشىمۇ ئانچە مۇمكىن بولىدىغان ئىش ئەمەستە .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ @# m' o$ d8 Z/ F" K9 m+ aمەنمۇ بىر بىرقانچە بالىلاردىن قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ،ئاتا-ئانىسىنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى سوراپ تۇرىمەن .بۇلاردىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك بولسا بۇلار ئاساسەن ئاقما نوپۇس بولۇپ ،جەنۇپتىن .ماڭا ئۇچرىغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خوتەن قارىقاش، خوتەن نىيە.قەشقەر كونا شەھەر ،قەشقەر مارالبىشى ،قاغىلىق قاتارلىق جايلاردىن بولۇپ .رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئومۇملىشىدىن قارىساقمۇ بۇ جايلاردا ئاساسىي مائارىپ تولۇق ئورۇنلاشمىغان ،ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپ كۆز-قارىشى يىتىلمىگەن بولۇپ ‹خۇدايىم بەرگەن جاننى ،خۇدايىم قوسقىنى ئاش قويماس›دىگەن ئاڭ بىلەن كىچىك بالا ئىشچى ،بالا تىجارەتچى ،بالا ھۆنەرۋەنلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن .بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنى  تېللىيالمايدىكەن ،ئەدەپلىيەلمەيدىكەن .شۇنداق قىلسا مۇشۇ باھانە قىلىپ بالىلىرىنى مەكتەپكە بەرمەيدىكەن .ئېۋەتمەيدىكەن .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ y3 w! B9 E$ e) D0 [& e4 T.ھازىر توققۇز يىللىق مائارىپ ھەقسىز ھەم مەجبۇرى بولغان بولسىمۇ لىكىن ئاقما نوپۇس كۆپ بولغان ئۈرۈمچىگە نىسبەتەن ئاقما نوپۇسلارنىڭ مائارىپ ،تەربىيلىنىش ھوقۇقىنى قوغدايدىغان مۇناسىۋەتلىك تەدبىر- سىياسەتلىرى قۇيۇلمىدى .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 i' S. l; c' [# R    ئۈرۈمچى ۋە ئۆزگە ئاپتۇنۇم رايونلىق مائارىپ نازەتلىرىدە ئىشلەيدىغان تونۇش ،ساۋاقداشلارغا ئەستايىدىل ۋە چاقچاق ئارىلاش دەپ باققان بولساممۇ لىكىن ئۇلار ۋىجدانىدىن ئۇرغۇپ چىققان بىرەر ئەمەلىي ئىشنى قىلىشنى خالىمىدى .ئۇلارنىڭ باھانىسى بولسا بىز بۇ بالىلارنى يىغىپ مەكتەپكە ئاپارساقمۇ مۇقىم ئادرىسنىڭ بوماسلىقى ،تۇرىۋاتقان ئورۇن بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىق سەۋەبى .يەنە تۇرىۋاتقان ئورۇن بىلەن شۇ رايون تەۋەسىدىكى يىقىن بولغان  مەكتەپلەرنىڭ ئاقما نوپۇسلار توغرۇلۇق بىرتەرەپ قىلىش  لاھىيىسىنىڭ چۈشۈرلمىگەنلىكى ھەم شۇ مەكتەپنىڭ قاتتىق دىتال جەھەتتىكى قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن بۇ بالا تېجارەتچىلەرنى كونتىرول قىلالمايۋاتقانلىقىنى سەۋەب قىلماقتا .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 I0 Z5 O6 n% o8 h& d
  مەنچە بۇ يەردىكى تۈپكى سەۋەب دەل شۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدا .باشقىلاردىن بەك ئاغرىنىشنىڭ ھاجىتى يوق .

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110859
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2014-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 06:29:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110859
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2014-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 06:30:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108475
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 645
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-7-16
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 06:31:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  ^% T" ~8 w, r* K0 S8 G
كەلگۈسىدىكى مىليادىرلار........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4151
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 378 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 06:56:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئىش كۆڭۈل بۆلۈشكە تىگىشلىك ئىش بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن باللارنىڭ بىخەتەرلىكى ھىچقانداق كاپالەتكە ئىگە بولمىغان،ماشىنا ئارلىقلىردا مېڭىپ يۈرىدۇ، تاسادىبى سوقۇلۇپ كەتسە ئۆزىگىمۇ ،شوپۇرغىمۇ باش ئاغىرىقى. يەنە كىلىپ جەمىيتىمىزدە بىزنىڭ باللار جىق يۇقايدىغان بولۇپ قالدى بۇ بىر چوڭ مەسىلە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  b) c5 }2 |* M- U0 J   يەنە بەزى خەنلەر بىلەن بەزى خەلىقپەرۋەرلىرىمىز قەغەزنى ئالماي پۇل تۇتقۇزۇپ قۇيدىكەن ،كاللىسى ئوچۇق باللار ئالمىغان بىلەن يەنە بەزى باللىرىمىز ئالدىكەن . پۇل بەرگەنلەرگە گەپ قىلىش ئەپىسىز بولغاچ باللارغا قەغەزئالماي پۇل بەرسە رەھمەت مەن تېلەمچى ئەمەس دەپ ئالماڭلار دەپ قويدۇم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 W. R- n" B# w, {# g* S& I, b" i بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆلەڭگە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 07:02 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# G) ~4 E4 U, S# n
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ X7 W* ~5 F. l+ ^2 B+ p

ۋېلى زىرەككەك

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101968
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 762 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-30 07:26:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆل قەغەزدە ئېغىز ۋە باشقا ئاسان مىكروب يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان يەرنى سۈرتۈشكە بولمايدۇ،تېببىي ئىلىمدىمۇ ئېنىق ئىسپاتلانغان. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كاشكارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-30 07:26 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' Q- c& x( d% ?/ ]) @

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  j) e; q$ a* |+ ^! i+ f0 s

يىرتىلدى كالىندارنىڭ شۇنچە كۆپ بىتى ،
شۇ بۈيۈك ئارمانلار تىخى شۇ پىتى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش