«پۇل ئۇرۇشى» باشلاندى
ئەرقال تاراتقۇسى تەرجىمە قىلدى
تېڭشۈن تورى خەۋىرى | يوللىغان ۋاقىت : 29-12-2014
«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئايدا، شىۋېتسارىيە ئامانەت پۇلنىڭ ئۆسۈمىنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى يۈرگۈزۈشنى باشلىغان. رۇبلى قاتارلىق پۇللارنىڭ پاخاللىشىشىنىڭ شىۋېتسارىيە فىرانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى يۇقىرىلىتىۋېتىشىدىن ئەنسىرەش سەۋەبلىك، شىۋېتسارىيە مەركىزى بانكىسى ئامانەت پۇلغا قارىتا %0.25-لىك مەنفى ئۆسۈم نىسبىتىنى يولغا قويغان.
خەلقئارا راسچوت بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىلدا، ياپونىيە يېنىنىڭ سودا ۋەزىنلىك پېرېۋوت نىسبىتى تەخمىنەن %25 تۆۋەنلىگەن. بۇ يىل يازدىن بۇيان، ياپونىيە يېنىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇشتىكى پاخاللىشىش نىسبىتى %20 ئەتراپىدا بولغان. نۆۋەتتە ياپونىيە يېنى ئىنتايىن پاخاللاشقان بولۇپ، توكيودىكى iPhone 6 نىڭ باھاسى ئامېرىكىدىكىدىن ئەرزان ئىكەن.
ياپونىيە يېنىنىڭ پاخاللىشىشى ياپونىيەنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ۋە سانائەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپ، ئېكسپورتنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق ئىكەن. ياپونىيە يېنى پاخاللىشىشتىن بۇرۇن، ياۋرو رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى قىيىنلاشقان، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىمۇ ئاستىلاشقا باشلىغان.
خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى جۇڭگو سانائىتىنىڭ ئۇل تېشى ئىكەن. بىراق ئۆتكەن تۆت يىلدا، ياپونىيە يېنىنىڭ پاخاللىشىشى سەۋەبلىك، خەلق پۇلىنىڭ سودا پېرېۋوت نىسبىتى %20 ئەتراپىدا ئاشقان. خەۋەر قىلىنىشىچە، جۇڭگو ۋە ياپونىيەدىن ئىبارەت ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بىر مەيدان «پۇل ئۇرۇشى» ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ قاراشقا بولىدىكەن.
مەنبە: www.erqal.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erqal-Media تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-30 12:44 PM