|
|
|
|
داۋاملىق ئوغرىلاڭلار ئابدۇكىرەم ئوسمان ئەلگىيار يىقىندا دىلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان يەتتە داڭلىق ناخشىچىنىڭ پىلاستىكىسىنىڭ ئوغرى نەشىرى بىردەمدىلا قاراڭغۇ بازارلاردا پەيدا بوپتۇ ،بۇ نىمىدىگەن ئىپلاسلىق ،ئۆزىمىزنىڭ تاراتقۇلىرىمىزنىڭ ئەمگىكىنى ،قان-تەر مىۋىسىنى مۇشۇنداقلا يەرگە ئۇرساق،ئۇلارنىڭ كەسىپ قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرساق مىللى سەنئەت ،مىللىي مەدەنىيەت نىڭ كەلگۈسى نىمە بولماقچى؟ مىللىي مەدەنىيەتنى چۈشەنمەي ،ھەممىمىز يەنەشۇ ‹جاپى›سەكرەپ يۈرەمدۇق؟ باشقىنى قويۇپ تۇرۇپ ئويلاپ بىقىڭ ئوغرىدىن مال ئالسىڭىز سىزگە ھارام بولامدۇ يوق؟ شۇڭا خەلقىم ھالال نەپسىمىزنى 4-5 يۈەن پۇلغا بۇلغىمايلى ،ئوغرى نەشىرگە قارشى تۇرۇپ،ئەسلى نەشىردىكى پىلاستىنكىلارنى سىتىۋالايلى ،بىز ئۈچۈن قان-تەرئاققۇزغان تاراتقۇلىرىمىزنى ھۆرمەت قىلايلى.
شائىر تالاي كىچە ئۇخلىماي ،ھەر مىسرا ئۈچۈن تۈمەن قىتىم ئويلىنىپ تىكىست يازىدۇ ، مۇزىكانىت مىلودىيسى ئۈچۈن تالاي كۈن ، تىكىستنى تالاي يادلاپ يولدا بولامدۇ ئۆيدە بولامدۇ ،ئىشخانسىدا بولامدۇ ، تىكىستىنى يادلاش مىلودىيسىنى ئىشلەش بىلەن ئۆتىدۇ ،چالغۇلاشتۇرغۇچى ،بىر مىسرا ئۈچۈن تالاي تاكىتلارنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ چىقىپ مىڭ جاپادا چالغۇلاشتۇردۇ ، ناخشچى ئاۋازى پۈتۈپ چىقمىغۇدەك بولغىچە مەشىق قىلىپ ناخشىنى پۈتكۈزۈپ چىقىدۇ . سىنارىسىت تالاي تالاش تارتىشلارنىڭ ئارىسىدىن مىڭ تەستە چىقىپ سىنارىينى پۈتكۈزىدۇ ، بىچارە رىژىسور ھەر بىر رولنى ئۆزى نەچچە مەرتەم ئىلىپ ، ئوپراتۇر ماڭسىمۇ تۇرسىمۇ شۇ فىلىمنى ياخشى سۈرەتكە ئىلىش ئۈچۈن ئالدىراپ، ئاكتىيورلارنىڭ جاپالىق رول ئىلىشى بىلەن فىلىمنى سۈرەتكە ئىلىپ پۈتكۈزىدۇ ،فىلىم كىرىشتۈرگۈچى نەچچە كىچە ئۇخلىماي فىلىمنى كىرىشتۈرۈپ پۈتكۈزىدۇ ، ئۈن سىن شىركەتلىرى بىر مۇنچە چىقىمنى قىلىپ فىلىمنى نەشىر قىلىپ تارقىتىپ ئۇف دەپ ئولتۇرسا قاراڭغۇ بازاچىلار مۇشۇنداق جاپادا پۈتكەن بىر مۇنچە فىلىمنى بىرلەشتۈرۈپ 5 كويدىن توۋلاپ سىتىپ ،باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىش ،باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىيىشتىن مۇستەسنا ھالدا يۈرۈپ ،ئۆزىنى ۋە قاراڭغۇ بازادىن ئالغان پىلاشتىنكىلىرىنى ئالغانلار تەڭ گۇناھكار قىلىپ يۈرىيدۇ ، جاپاكەش شائىر ،مۇزىكانىت ،چالغۇلاشتۇرغۇچى ،ناخشىچى، سىنارىسىت ،رىژىسور ،ئوپراتۇر،ئاكتىيور،كىرىشتۈرگۈچىلەر، ئۈن -سىن شىركەتلىرى ئاشۇ 5 كويلۇق پىلاستىنكىغا قاراپ ئىچىنىپ ئولتۇردۇ ، شۇنىڭ بىلەن يۇقارقىلارنىڭ ئەجىرلىرى بىكار بولۇپ كەتكەچكە ئۇلارنىڭ يىڭلىققا ئىزدىنىش روھى سۇسلاپ كىتىپ سەنئەت بوستانىمىز قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ ،شۇنىڭ بىلەم سەنئەت بىغىمىزدا ئاناممۇ ،داداممۇ كۆرمىگەن ،تىلىنى ،مەدىنيىتىنى بىلگىلى بولمايدىغان،كىيىم ئالسا پۇل چىقىم بولىشىدىن ئەنسىرەپ بىر پارچە لاتا بىلەن ئورۇنۇپلا 《فىلىم》ئىشلەيدىغانلار پەيدا بولدۇ ، شۇنىڭ بىلەن يىڭىچە 《مەدىنىي 》 لەر پەيدا بولدۇ ، سەنئەت بىغى خاراپلىشىدۇ ،
ئاخىردا ئۆزىنىڭ مەدەنىيتىنى ،سەنئىتىنى ئۇنتۇلغان بىر مىللەت پەيدا بولدۇ ، ئۇ مىللەت ناھايتى 《تىجەشلىك》بولۇپ قىز ئوغۇللىرى بىر مىتىر رەختە 8 10 ئادەم كىيىم تىكىپ كىيدىغان ئەۋرەتلىرىگە رەخ ئىشلەتمىسىمۇ بولدىغان كىيىملەر بىلەن 《نادىر ،مەدەنىي سەنئەت》نى پەيدا قىلدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بۇ 《نادىر ،مەدەنىي سەنئەت》لىرىنى بىزگە تەقدىم قىلىمىز دەپ سوغۇقتا مۇزلاپ ئاپتاپتا كۆيۈپ 《قىينىلىپ》 يۈرىيدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nuri24 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-4 04:57 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2015-1-5 04:15 PM):
مەزكۇر تىمىغا كىمنىڭ ئەرزان بولسا شۇنى ئالىمىز دىگەن ئىنكاسنى يازمىساڭلا .
|
|
|
|
|
|