بارلىق قېرىنداشلارغا يېڭى يىللىق سالام
2014-يىلنىڭ بىز بىلەن خوشلىشىدىغىنىغا ئۈچ سوتكىغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغان مۇشۇ پەيتتە مەن بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ كىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان يېڭى يىلىنى تەبىرىكلەش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئېلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قېرىنداشلىرىمنىڭ كىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقانيېڭى بىر يىلى قۇتلار بىلەن، ياخشى نەتىجىلەر بىلەن تولغاي!!!
چەكسىز شۈكرىلەر بولسۇنكى ھاياتلىق سەپىرىمدە،بارلىق قېرىنداشلىرىمغا يېڭى يىللىق سالام يوللىۋېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.
ئىنسانىيەت جەمىيىتى يېڭى ئەسىرنىڭ ئىككىنچى ئون يىلىنى يېرىملاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە، بىلىم ۋە تېخنىكىنىڭ ئۈزلىكسىز يېڭىلىنىشغا ئەگىشىپ، جەمىيەت تەرەققىياتىمۇ كۈنسېرى تىزلەشمەكتە. بۇھال ئۆز نۆۋىتىدە ھەر-بىر ئادەمنى ئۈزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۈزىنى قۇدىرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن تېرىشىشقا چاقىرماقتا.
ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە ئۈزىمىز ھەققىدەئويلىنىپ باقايلى!
ئۆمرۈمىزدە بىر قېتىم كىلىدىغان 2015-يىلنى زادى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ مەنىلىك، تېخىمۇ نەتىجىلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ؟ دىگەن ھەقتەبىرلىكتە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپ باقايلى!
مىنۇت، سائەت، كۈن، ئايلاردىن تەركىپ تاپقانھەر-بىر يىلدا بېشىمىزدىن كەچۈرگەن ھەر-بىر كەچمىشلىرىمىز ماھىيەتتە بىزنىڭ ھاياتلىقتا يەتمەكچى بولغان نىشانىمىزنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىۋېلىشىمىزغا، كۆڭلى- كۆكسىمىزنى كەڭتۇتۇشىمىزغا، نىيەت ئىقبالىمىزنى توغرىلىۋېلىشىمىغا، مەسىلىلەرگە مۇئامىلە قىلىشئۇسۇلىمىز ۋە تەپەككۇرىمىزنى ئۆزگەرتىۋېلىشىمىزغا بېرىلگەن قىممەتلىكپۇرسەتلەر بولۇپ، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىشنى بىلىش ياكى بىلمەسلىكىمىز بىزنىڭئېرىشىدىغىنىمىزنى ياكى يوقىتىدىغىنىمىزنى بەلگۈلەيدۇ. دىمەك ھاياتلىقىمىزدايۇلۇققان ھەر-بىر كەچمىشلەردىن قانداق ئىلھام ئېلىش، قانداق ئىبرەت ئېلىشنى بىلىپ،ئۈتۈپ كەتكەن ھەر-بىر يىلىمىزدا قانداق ياشىغىنىمىزدىن ئوبدان يەكۈن چىقىرىش بىلەنبىرگە، كىلىۋاتقان يېڭى بىر يىلنى قانداق ئۆتكۈزۈش ھەققىدە ياخشى نىشانتۇرغۇزۇشىمىز لازىم. ياشاش نىشانى تۇرغۇزۇش ماھىيەتتە ھاياتلىققا تۇتۇلغانئەستايىدىل پوزىتسىيە ھىساپلىنىدۇ. دىمەك پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگۈلەيدۇ.
مەن ئۈتۈپ كەتكەن 2014-يىلدا مەكتەپ تارىخىتەرەققىيات كۆرگەزمىخانىسى قۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش جەريانىدا، ئەينىيىللاردا مەكتىۋىمىزدە ئوقۇپ، ھازىردۆلتىمىز ئىچى سىرىتىدا ھەر قايسى ساھە ۋە كەسىپلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان، ئىلىمتەھسىل قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ئىلغار پىكىرلىك ياشلىرىمىز بىلەن تۇنۇشۇش ھەمپىكىرلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. شۇنداقلا تۈرلىك تەشۋىقات ۋاستىلىرىدە خەۋەرقىلىنىۋاتقان ئۆز كەسپىدە ئۇتۇق قازانغان، نۇرئېلىجان، مەلىكە مەتسايىت،ئابدۇلخەبىرگە ئوخشاش بىر تۈركۈم پەخىرلىك ياشلىرىمىز ۋە دەۋىرنىڭ ئالدىداكىتىۋاتقان بايراقدارلىرىمىزنىڭ ھاياتلىق پائالىيەتلىرى بىلەن تۇنۇشتۇم.شۇجەرياندا شۇنداق چوڭقۇر تەسىراتلارغا كەلدىمكى گەرچە ئادەمدە ئۇلۇغۋار غايەبولسىمۇ شۇ غايىگە يىتىش ئۈچۈن يالقۇنجاپ تۇرىدىغان بىر يۈرەك، بەل قۇيۋەتمەيدىغانئىرادە، ئېنىق بىر نىشان ۋە ئەمەلىي ھەركەت بولغاندىلا ئاندىن ياخشى نەتىجىلەرنىقولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم. ئىشقىلىپ شۇ ئىلغار ياشلىرىمىزنىڭ ھاياتلىقپائالىيەتلىرى ھەم قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ماڭا ئۈزۈمگە چوڭقۇر سۇئال قۇيۇشپۇرسىتى ئاتا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن 2015-يىلنى كۈتۈپ تۇرماستىن، مەكتىۋىمىزدكىبارلىق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ تارىخى تەرەققىيات كۆرگەزمىخانىسنى ئىكىسكۇرسىيەقىلىشغا تەشكىللەپ، ئاشۇ ئىلغارياشلىرىمىزنى، ئۇلارنىڭ ھاياتلقنى سۈيۈش روھىنى مەكتىۋىمىزدىكى بارلىقئوقۇغۇچىلارغا تۇنۇشتۇرۇشنى باشلىدۇق. نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ روھىيدۇنياسىدا بىر قېتىملىق سىلكىنىش بارلىققا كەلدى. بۇ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغاقىلغان يېڭى يىللىق كاتتا سوۋغىمىز بولۇپ قالدى. يەنە بىر تەرەپتىنئېيتقاندا بىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا ئاجايىپ ئۇلۇغ بىر تەربىيەنى ئىشلىۋالدۇق. مانامۇشۇنداق ئىزگۈ تىلەكلەر بىلەن باشلىنىشئالدىدا تۇرىۋاتقان 2015- يىل مەن ئۈچۈن خاسىيەتلىك باشلىنىشتىن، يېڭىچەباشلىنىشتىن دېرەك بەردى. بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئېيتقاندا خۇشال بولىدىغان ياكى كۆڭۈل يېرىمچىلىقى پەيداقىلىدىغان ئىشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. بۇ يېڭى يىلدا ئوقۇغۇچىلرىمغا زادى نىمە قىلىپبېرىشىم كېرەك دىگەن سۇئال ھەققىدە ئويلىنىش ھەر-بىر ئوقۇتقۇچى تولىمۇ ئەھمىيىتىچوڭ بولغان بىر سۇئال بولىشى مۈمكىن دەپ قارايمەن.
ئاخىردا بارلىق قېرىنداشلىرىمغا شۇنداق تەۋسىيەقىلىمەنكى يېڭى يىل كىرىشكە ئۈچ سوتكىغايەتمىگەن ۋاقىت قالغان مۇشۇ پەيتتە، ھەر-بىرىمىز ئۈتۈپ كەتكەن بىر يىلىمىز ھەققىدەئويلىنىپ باقايلى. بىز بۇ بىر يىلدانېمىلەرگە ئېرشتۇق، نىمىلەرنى يۇقاتتۇق؟ 2015-يىلدا نىمە ئىشلارنى قىلىمىز؟ قايسىنىشانغا يىتىمىز؟
ئاخىردا بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ 2015-يىلىغامۇبارەك بولسۇن!!! ئىشلىرىڭلار رۇناق تاپسۇن، تىنىڭلار ساق، ئائىلەڭلار بەختلىكبولسۇن!!! باسقان ھەر- بىر قەدىمىڭلاردىنگۈل- چېچەكلەر ئۈنسۇن!!!
كامالىي ئېھتىرام بىلەن قېرىندىشىڭلار: روھساندىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-30 11:09 AM