ھاجى مىرزايىت كىرىم
نۇر مۇھەممەد شۈكران
تىرىك شاھىد قەشقەر ئوغلانى،
ئۇنىڭ پايىنى لىققىدە بىلىم.
مەڭگۈ كۈلۈپ كېتىڭ ئالەمدىن،
سۆيۈملۈك ئەر مىرزايىت كىرىم.
ھەر قانداق كان قازسا تۈگەيدۇ،
لېكىن بۇ كان بولماپتۇ يېرىم.
تاشتىن گۈھەر پۈتۈلدى دېسەك،
ئاشۇ گۈھەر مىرزايىت كىرىم.
نەقىشلىك بىر ئالتۇن ساندۇقكەن،
ئىدىش ئىكەن قاچىلانغان ئىلىم.
بېغىغا لىق گۈل-چېچەك توشقان،
تەۋەرۈك ئەر مىزايىت كىرىم.
قەشقەر بىلەن چىگىلگەن رىشتى،
ئۇ ئالدىدا پۈكلەنگەن خېيىم.
ئىرادىسى تاۋلانغان چۆلدە،
پولاتتەك ئەر مىزايىت كىرىم.
كېچىك پېئىل، سەمىمىيلىكى،
سۆزلىرىچۇ؟ قايماقتەك تېتىم.
كىبىر ئىكەن ئۇنىڭدىن يىراق،
كۆيۈملۈك ئەر مىرزايىت كىرىم.
تەرىپىڭىز مىڭ داستانغا تەڭ،
سىز قەشقەرگە تىكىلگەن جىرىم.
كۆكلەڭ شاخلاپ ياپرىقىڭىز بىز،
قەشقەرلىك ئەر مىرزايىت كىرىم
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلغان ھاجى مىرزايىت كىرىم ئاكا باشلىق ئىلىم سۆھبەت يىغىنىدىن ئالغان تەسىراتىم.