سۆكۈپ يۈرمە ئەمدى قىزلارنى
ئاپتۇرى:رەخمىدىن قاسىم
سۆكۈپ يۈرمە ئەمدى قىزلارنى،
ئېچۋاپتۇ دەپ كۆرۈپ تىزلارنى.
ئاچا-سىڭلىڭ باردۇرسىنىڭمۇ،
يىغلاتمىغىن ئاجىزكۆزلەرنى.
بىرنى دىدىڭ،ياتاقتاياتتى دەپ،
بىرنى دىدىڭ،ئىپەت ساتتى دەپ،
بىرنى شۇنداق قۇچاق ئاچتى دەپ،
سۆكۈپ يۈرمە ئەمدى قىزلارنى.
نەپرەت ئوقۇپ قىز-ئاياللارغا،
ئەيىبلەشكە ھەققىڭ يوق سىنىڭ.
سۆكۈپ يۈرمەي قىز-ئاياللارنى،
شۇلار ئۈچۈن تۆكۈلسۇن قىنىڭ.
سۆكۈپ يۈرمە ئەمدى قىزلارنى،
سەنمۇ شۇنداق بىرئايال پۇشتى.
گىپىم بار دەپ قىلىۋەرمىگىن،
قىزلار ئۈچۈن تىگى يوق سۆزلەرنى.
2014-يىلى8-ئاينىڭ29-كۈنىئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا رەخم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-29 11:22 AM