يالماۋۇز مەن
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
تاپىنىڭدىن قانلار شورايمەن،
يالماۋۇز مەن، يەتتە بېشىم بار.
دەم تارتساممۇ پۈتۈن دۇنيانى،
ئىچىم مەڭگۈ تولمايدىغان غار...
يالماپ يۇتۇپ، كېمىرىپ يەيمەن،
دۇر - گۆھەردە ناشتىلار قىلىپ.
كۆزۈم تويماس پۇل- مالغا، ئىشەن،
قول يەتكەننى ئالىمەن ئىلىپ.
دەم تارتىمەن، شۈمۈرۈپ يەيمەن،
سىڭەر كېسەك، پولات چىۋىقلار...
پىلە غازاڭ يېگەندەك يەيمەن،
مەندە تولا ھۈنەر ـــ قىلىقلار.
يەپ ھارمايمەن، ئىچىپ تويمايمەن،
ئۆزگىلەرنىڭ رىزقىنى بۇلاپ.
بويۇن تاۋمنى دومۇلىتىمەن،
گويا غالجىر ئىت بولۇپ تالاپ.
سەندىكىنى «مېنىڭ» قىلىمەن،
چىقىرىپلا بىر تەتۈر قۇيۇن.
ئىچ-باغرىڭدىن تاسما تىلىمەن،
ساڭا تەس ئىش مەن ئۈچۈن ئويۇن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bulaksu2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-29 10:29 AM