ئەي شائىر
شادلىق ھەم غەم قايغۇ ، قارا تۈن چەكسىز،
كۆزلەرنى چاقناتقان زەر قۇياش نەدە؟؟.
ھەممىسى سەن بىلەن كېتىپتۇ جېنىم،
مەن بىلەن قالغىنى « ئەجەم »، «نىم پەدە ».
مەن ئېيتقان ناخشىلار مۇڭلۇق ،پىغانلىق،
دەرد-ئاھىم ئۆركەشلەپ ئاقار يېشىمدا.
مۇڭلىنىپ قارايدۇ گۈللەر ، چىمەنلەر،
تەلپۈنۈپ قارايمەن نۇرلۇق تاڭلارغا.
ئەي شائىر ھوشۇڭنى تېپىۋال ئەمدى،
ئەرزىمەس ئاھ ئۇرساڭ تاش يۈرەكلەرگە.
ئىچىڭنى خۇن قىلار دىل تىلغان ئازاب.
زورۇقۇپ كۈلمىگىن ، نادامەت چەكمە.
ھەممىلا يەردىلا كۆڭلى پەسلەر بار،
مۇڭ –قايغۇ،غېرىپلىق، ئاھۇ-زار كۈلپەت.
ئەي شائىر جانغا ئوت يېقىپ ياشىغىن،
كۆڭلى پەس ئازغۇنغا بولمىغان كۈلپەت.